ئانا سەھىپەقوراللاربوۋاق بالىلار ۋاكسىنا ئەملەش ۋاقىت جەدۋىلى ھېساپلاش ماشىنىسى

بوۋاق بالىلار ۋاكسىنا ئەملەش ۋاقىت جەدۋىلى ھېساپلاش ماشىنىسى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بوۋاق بالىلار ۋاكسىنا ئەملەش ۋاقىت جەدۋىلى ھېساپلاش ماشىنىسى

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان بوۋاق بالىلار ۋاكسىنا ئەملەش ۋاقىت جەدۋىلىنىڭ ئاددىي ھېساپلاش ماشىنىسىنى لايىھەلەپ قويدۇم. بۇ يېڭى تۇغۇلۇپ، ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملەشنى پىلان قىلغان بوۋاق بالىلارغا ماس كېلىدۇ. ئەگەر بوۋاقنىڭ ۋاكسىنىسى كېچىككەن ياكى ھىچ ئەملەتمىگەن بولسىڭىز، ئائىلە دوختۇرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ مەسلىھەت ئېلىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىكى بالىلىق دەۋىر ۋاكسىنا ئەملەش ۋاقىت جەدۋىلى رەسىملىك كۆرۈنۈشى

تۈركىيە ۋاكسىنا جەدۋىلى Aşı Takvimi

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

  1. مەزكۈر ۋاكسىنىلارنى تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرىلىكى بىر تۇتاش تەسىس قىلغان. ھەرقايسى ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (يەنى ساغلىق ئوجاقلىرى) دىكى ئائىلە ھەكىملىرى نازارىتى ئاستىدا ئەملىنىدۇ.
  2. ھېساپلاش جەريانىدا چىققان كۈنلەر ئەگەر ھەپتە ئاخىرىغا توغرا كېلىپ قالسا، بىر ئىككى كۈن ئالدىغا ياكى كەينىگە سۈرۈشى مۇمكىن.
  3. ۋاكسىنىلار شۇ بوۋاق ياكى شۇ ئانا تىزىملاتقان ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوجاغى)دا ئەملىنىدۇ.
  4. ئەگەر بوۋاقنىڭ ئىقامىتى بولمىسا، بەزىدە گۆچمەنلەر ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (گۆچمەنلەر ساغلىق ئوجاغى) غا ئەۋەتىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئاۋۋال چوقۇم شۇ ئانىنىڭ ئائىلە ھەكىمى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ بېقىڭ. ئۇلار سىزگە ئورۇنلاشتۇرسۇن.
  5. بۇ ۋاكسىنىلار ھەقسىز ئەملىنىدۇ.
  6. ئەگەر بالىڭىز بۇرۇن ۋاكسىنا ئەملىتىپ باقمىغان بولسا، ياكى كام ئەملىتىلگەن بولسا، ئائىلە ھەكىمىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ داۋامىنى ئەملەتسىڭىز بولىدۇ.
  7. مەن دوختۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ۋاكسىنىلارنى ئەملىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئەمما ئەملىتىش ئەملەتمەسلىك تاللاش سىزدە بولىدۇ. ئەگەر بوۋىقىڭىزغا ۋاكسىنا ئەملەشنى خالىمىسىڭىز، رەت قىلىش جەدۋىلىگە ئىمزا قويۇشىڭىز تەلەپ قىلىنىشىڭىز مۇمكىن.
  8. ۋاكسىنا ئەملەش دەپتىرىنى ياخشى ساقلاڭ.
  9. ھەربىر ۋاكسىنىلارنىڭ ئۇيغۇرچە تۈركچە ئىسىم تەرجىمىلىرى، تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلۇشلىرىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ.
  10. تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى تەسىس قىلغان بوۋاق بالىلار ۋاكسىنا تۈرلىرى ۋە تەرجىمىسى
  11. مەزكۈر بەت دوختۇرلار تورىدىن نۇرمەمەت دوختۇر تەرىپىدىن تۈزۈلدى.

 

ئۆزگىرىش، تۈزىتىش، يېڭىلاش تارىخلىرى

 

2023.سەپەر (6.ئاي).22 دىكى ئۆزگىرىشلەر

  1. بىكەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلدى.
  2. سىستېمىدىكى بەزى مەسىلىلەر تۈزىتىلدى.
  3. خەتلەر تېلېفوندا نورمال كۆرۈنىدىغان قىلىندى.

 

2023.باھار (5.ئاي).22 دىكى ئۆزگىرىشلەر

  1. سىستېمىدىكى بەزى مەسىلىلەر تۈزىتىلدى.
  2. ۋاكسىنا جەدۋىلى رەسىمىدىكى قىسمەن خاتالىقلار تۈزىتىلدى.

 

2023.ئۈمىد (4.ئاي).21 دىكى ئۆزگىرىشلەر

  1. دەسلەپكى نۇسخىسى پۈتتى.
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-05-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-19 / 08:56:41

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ