گەرچە تۇرمۇش سۈپىتىمىز تەدرىجىي ئۆسكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەتراپىمىزدا نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ كىشىلەر يەنىلا رېماتىزىمنىڭ ئازابىنى تارتىدۇ؟ بولۇپمۇ كۈز ۋە قىش پەسىلىدە تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ؟
ھازىر رېماتىزىم كېلىسى يالغۇز ياشانغانلاردىلا كۆرۈلۈپ قالماستىن، بەلكى تەدرىجىي ھالدا ياشلارغا قاراپ يامرىماقتا.
سوغۇق شامال كېلىشى بىلەنلا، نېمە ئۈچۈن رېماتىزىم كۆپىيىپ كېتىدۇ؟
كىلىنىكىدا بىر قىزىقارلىق ئەھۋال بايقالغان، %90 تىن ئارتۇق رېماتىزىم بىمارلىرىدا يامغۇر ياغقان ياكى ھاۋا سوۋۇشقا باشلىغان مەزگىلدە ئاغرىق باشلىنىدىكەن. ھەتتا ئېغىرلاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. نۇرۇن كىشىلەر ئاغرىق ئازابىدىن ئۇخلىيالمايدىكەن. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟
ئادەتتىكى ئەھۋالدا، تاشقى مۇھىتنىڭ نەملىكى ئېشىپ، ھاۋا بېسىمى ئۆرلىگەندە، بەدەندىكى خىلىتلار بەدەندىكى توقۇلمىلار ئارىلىقىدا توختاپ قالىدۇ. بۇ خىل خىلىتلارنىڭ يۆتكىلىشى ھۈجەيرىلەرنىڭ تاشقى مۇھىتقا قايتۇرغان بىر خىل نورمال ئىنكاسى بولسىمۇ، ئەمما ياللۇغلانغان بۇغۇملار، كېسەللەنگەن تۇقۇلمىلار ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلمايدۇ-دە، ياللۇغلانغان بۇغۇملارنىڭ قىسمەن ھۈجەيرىلىرىنىڭ بېسىمى تۆت ئەتراپتىكى توقۇلمىلاردىن يۇقىرى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قىسمەتلىك ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، بۇغۇم ياللۇغى بىمارلىرى سوغۇق مۇھىتتا تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ تېرە تېمپىراتۇرىسىنىڭ چۈشۈشى نورمال كىشىلەردىن ئاستا بولىدۇ. ئىللىق ھاۋا مۇھىتىدا، تېرە تېمپىراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىمۇ ئاستا بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بىمارنىڭ قان تومۇرلىرىنىڭ تارىيىش ۋە كېڭىيىش ۋاقتى ئۇزىراپ، تارىيىش ۋە كېڭىيىشى روشەن دەرىجىدە يېتەرلىك بولمىغانلىقىدىن بولىدۇ.شۇڭا، ھاۋا ئۆزگەرگەن ۋاقىتتا، بۇغۇم ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ ئاغرىقى كۈچىيىپ كېتىدۇ.
يۇقىرىقى چۈشەندۈرۈشتىن، كۆپچىلىك نېمە ئۈچۈن كۈز ۋە قىش پەسلىدە رېماتىزىمنىڭ قوزغىلىشىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى دەپ قارايمىز.شۇڭا، كۈز ۋە قىش پەسىلىدە، كۆپچىلىك ئىسسىنىشقا ۋە بولۇپمۇ سۆڭەك بۇغۇمىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
بۇ ۋاقىتتا ياشلار ھەرگىزمۇ بەدەن گۈزەللىكى ئۈچۈنلا ئۆزىنىڭ بۇغۇملىرىنى ئاغرىق ئازابىغا قويماسلىقى كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە كۆپچىلىك چوقۇم كۆپرەك بەدەن چېنىقتۇرۇشى، شۇ ئارقىلىق بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىشى كېرەك.