ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز ۋىروسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى بىلىملەر

ئەيدىز ۋىروسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى بىلىملەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1. كۆزنەك مەزگىلى ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، قان تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق تاپقىلى بولىدىغان يېتەرلىك مىقداردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى ھاسىل قىلغۇچە بولغان مەزگىل كۆزنەك مەزگىلى، دېيىلىدۇ. ئادەتتە بۇ مەزگىل ئىككى ھەپتىدىن ئۈچ ھەپتىگىچە بولىدۇ. كۆزنەك مەزگىلىدە گەرچە ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بەدەندە ئەيدىز ۋىرۇسى بار بولىدۇ. شۇڭا. كۆزنەك مەزگىلىدىكى يۇقۇملانغۇچىلارمۇ ئوخشاشلا يۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە بولىدۇ.

2. يوشۇرۇن دەۋرى ئادەم بەدىنى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ تەخمىنەن يەتتە  يىلدىن ئون يىلغىچە ئەيدىز ئاغرىقىغا ئۆزگىرىدۇ، بۇ ۋاقىت يوشۇرۇن دەۋر، دەپ ئاتىلىدۇ. يوشۇرۇن دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن  يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى، ئىسپېرمىسى، جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى، سۈت ۋە ئورگانىزملىرىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بولۇپ، يۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە بولىدۇ. لېكىن سىرتقى قىياپىتى نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن پەرقلەنمەيدۇ.

3.  ۋىرۇس سانى بۇ قاندىكى ئەيدىز ۋىرۇسى يادرو كىسلاتاسىنىڭ ھەسسىلىك سانى (قىسقارتىلىپ ۋىرۇس سانى دېيىلىدۇ) بولۇپ، ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىش دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش، داۋالاشقا يېتەكچىلىك قىلىش، داۋالاش ئۈنۈمىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە ئاقىۋىتىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدۇ.

4. ئەبجەش داۋالاش ئۇسۇلى بۇ يەنە ‹‹يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەتۈر ئاغدۇرۇلغۇچى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش›› (HAART) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق ئالىم، پروفېسسور خې دايى 1996 – يىلى ئەيدىز كېسىلىنى ۋىرۇسقا قارشى ئۈچ تۈرلۈك ياكى ئۈچ تۈرلۈكتىن كۆپ دورىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ داۋالاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنداق داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ قوللىنىلىشى يەككە دورا ئىشلىتىشتە پەيدا بولىدىغان دورىغا چىدامچانلىقنى ئازايتىپ، ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە تىزگىنلەپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بەدەن ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى قىسمەن، ھەتتا تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كېسەلنىڭ تەرەققىياتىنى ئاستىلىتىپ، ئاغرىقنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ.

5.  ۋېرتىكال تارقىلىش بۇ ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بالىغا ۋېرتىكال تارقىلىشى بولۇپ، ئۇ مۇھىم بىر تارقىلىش يولى. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىگە يۇقىدۇ، تۇغۇتتا ھامىلە تۇغۇت يولىدا ئانىنىڭ ئاجرالما ماددىلىرى ۋە قېنى بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق؛ تۇغۇتتىن كېيىن ئانا سۈتىنى ئېمىتىش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.

مەنبە:
شىنجاڭ گېزىتى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ