ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز توغرىسىدا يىغىنچاق بىلىملەر

ئەيدىز توغرىسىدا يىغىنچاق بىلىملەر

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

  1. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ۋە روشەن كلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشتىن ئىلگىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى، دەپ ئاتىلىدۇ.
  2. . ئەيدىزنىڭ يۇقۇم مەنبەسى ئەيدىز ئاغرىقى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئەيدىز ئاغرىقىنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى، ئەزا توقۇلمىلىرىدا ياشايدۇ، يۇقۇملانغۇچى ۋە ئاغرىقنىڭ قېنى، ئىسپېرمىسى، جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى، سۈتى، يارا ئېغىزىدىن سىرغىپ چىققان سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە كۆپلىگەن ئەيدىز ۋىرۇسى بولۇپ، ئۆتكۈر يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولىدۇ. ياش، شۆلگەي، تەر، سۈيدۈك ۋە تەرىنى قان ۋە يەللىك سۇيۇقلۇقى ئارىلاشمىغان بولسا يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولمايدۇ.
  3. . بەدەن ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئادەم بەدىنىنىڭ سىرتقى مۇھىتتىكى كېسەل قوزغاتقۇچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالايدىغان، ئۆزىنى قوغدىيالايدىغان بىر مۇرەككەپ سىستېمىسى بار بولۇپ، ئادەتتە، ئۇ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى، دەپ ئاتىلىدۇ. ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى نورمال بولسا، ئادەم بەدىنىدە كېسەل پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيە، ۋىرۇس قاتارلىق مىكرو ئورگانىزملارنى ۋاقتىدا يوقىتىدۇ ۋە ئۆسمە پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ لىمفا ھۈجەيرىلىرىدە كۆپىيىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ.
  4. . ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈش ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، قاندا ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى ھاسىل قىلىدۇ. قاندىن ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈش ھازىر ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنى تەكشۈرۈشتىكى تەجرىبىخانا ئۇسۇلى بولۇپ، ئادەتتە، ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئىشلىنىدۇ. يەنى، ئالدى بىلەن تاسقاپ تەكشۈرۈش تەجرىبىسى ئىشلىنىدۇ ھەم مۇسبەت چىقسا جەزىم تەجرىبىسى ئىشلىنىدۇ، جەزىم تەجرىبىسىدىمۇ مۇسبەت چىقسا ئاندىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، دەپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ.
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ