ئانا سەھىپەجىنسىيەتجىنسىي ساغلاملىققانداق قىلغاندا جىنسىي مۇھەببەتنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلغىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا جىنسىي مۇھەببەتنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلغىلى بولىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھەر بىر جۈپ ياش ئەر-ئايال مۇكەممەل جىنسىي تۇرمۇشقا ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئىناقلىقى ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى كۈچەيتىشنىڭ ئاساسى، بۇ ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئىككى تەرەپنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تېخىمۇ خۇشال قىلىدۇ، ئۇنداقتا قانداق جىنسىي مۇناسىۋەت ئەڭ مۇكەممەل بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا جىنسىي مۇھەببەتنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلغىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا جىنسىي مۇھەببەتنى مۇكەممەل قىلغىلى بولىدۇ؟

1. جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك

ئەگەر مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا پۈتۈن جەرياندا سۈكۈت قىلسا، بۇ ئاسانلا ئىككى تەرەپنىڭ ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ماختاشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك، بۇ ئەڭ ياخشى ئىلھام، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى ئاسانلا كەلتۈرۈشكە پايدىسى بار.

 

2. ئۆزئارا ماسلىشىش

ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ جىنسىي مۇھەببەت جەريانىدا پەقەت ئۆزئارا ماسلاشقاندىلا ئاندىن مۇكەممەل ھالەتكە يېتەلەيدۇ، كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەندە جىنسىي مۇھەببەتنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىنسىي ھەمراھىنىڭ ياقتۇرۇشىنى، ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى دېيىش كېرەك، ئەر-خوتۇنلار ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى، قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي بىشارەتلىرىگە كۆپرەك دىققەت قىلىشى كېرەك.

 

3. جىنسىي خىيالنى ئۆگىنىش

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇۋاپىق بولغان جىنسىي خىيال ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ جىنسىي ھەۋەس تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن، چۈنكى جىنسىي خىيال قىلغاندا چوڭ مېڭىدىكى تەشۋىشلىنىش، بېسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك رايونلارنى ئېتىۋېتىپ، ئاياللارنى جىنسىي ھەۋەس تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغىلى بولىدىكەن. تېخىمۇ تېز بولغان جىنسىي كەچۈرمىش ھالىتىگە كىرىشكىمۇ بەلگىلىك رول ئوينايدىكەن. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، سۆيگىنى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ھەرگىز باشقا جىنسىي خىيال ئوبيېكتىنى تىلغا ئالماسلىق كېرەك، بولمىسا ئاسانلا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدۇ.

 

4. قولنى پاكىز يۇيۇش كېرەك

جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن ئىككى قولنى پاكىز يۇيۇش كېرەك، چۈنكى ئىككى قولنىڭ پاكىزلىقى ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ساغلاملىقىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، چۈنكى مۇناسىۋەت جەريانىدا ئەرلەر ئاياللارنىڭ سەزگۈر يېرىگە قولى بىلەن تېگىشى مۇمكىن.

 

5. بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرۇشىنى ئۆگىنىۋېلىش

جىنسىي مۇھەببەت جەريانىدا ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ بەلگىلىك يېقىنچىلىق قىلىشى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا مۇھەببەتنى تارقاتقىلى ۋە بىر-بىرىدىن ھۇزۇر ئالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە مۇئەييەن يۇمۇرىستىك تۇيغۇ يېتىلدۈرۈش كېرەك، جىنسىي تۇرمۇشتا ھەددىدىن زىيادە ئەستايىدىل ۋە سەزگۈر بولۇپ كەتمەسلىك، مۇۋاپىق ھالدا چاقچاق قىلىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئوڭايسىز كەيپىياتنى پەسەيتىپ، ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

 

6. جىنسىي تۇرمۇشتا ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق كېرەك

ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي يۇقىرى پەللىگە يېتىش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتە ئاياللارنىڭ بەلگىلىك ئاستا رىتىمى بولىدۇ، شۇڭا جىنسىي تۇرمۇشتىن بۇرۇن يېتەرلىك تەييارلىق قىلىش كېرەك، ئەر دوستلار ئاياللارنىڭ جىنسىي يۇقىرى پەللىگە يېتىشىنى ساقلىشى كېرەك، شۇنداقلا مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئاندىن مەنىي چىقىرىش كېرەك.

 

7. بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بولۇش كېرەك

جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا ھەرگىز دىققىتىڭىزنى يىغالمايدىغان ئىشنى قىلماي دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، شۇندىلا مۇكەممەل جىنسىي تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيسىز، ئەگەر جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا يەنە باشقا ئىشلاردىن ئەندىشە قىلسىڭىز، بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرغانلىق بولىدۇ، جىنسىي تۇرمۇشتا پاكىزلىققا بەك بېرىلىپ كەتمەسلىك، تازىلىققا مۇۋاپىق ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

 

سەمىمىي ئەسكەرتىش

ھەرگىزمۇ سىنلارغا ئەگىشىپ جىنسىي تۇرمۇشنىڭ قىياپىتى ياكى ئۇسۇلىنى ئۆگەنمەسلىك كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئاسانلا ئەرلەرنىڭ ھاياتىي كۈچى زور زىيانغا ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ ھېسسىيات جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە ئىناق ماسلىشىش ئارقىلىق جىنسىي مۇھەببەتنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشى كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/06/26652230.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-10-18

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-10-18 / 10:14:43

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ