كالىينىڭ رولى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

مىنېرال ماددا كالىينىڭ ئارخىپى

ئېلېمېنت بەلگىسى:K

تۈرى: ماكرو ئېلېمېنت

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

كالىي بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن %0.35-%0.2 نى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇ مۇسكۇل، نېرۋا ھەمدە قان ھۈجەيرىلىرىگە كەڭ تارقالغان بولۇپ، سۆڭەك مۇسكۇلى، نېرۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى، ھەتتا يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى زىچ، ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان مىنېرال ماددىدۇر.

ئاساسلىق رولى

يۈرەك مۇسكۇلى نورمالسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

يۈرەك مۇسكۇلنىڭ نورمال فۇنكىسىيىسىنى ساقلاپ، يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىش، يۈرەك ئۆتكۈزۈشچانلىقى توسقۇنلۇققا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ھۈجەيرىلىرىنىڭ نورمال سۇ مىقدارىنى ساقلايدۇ، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى تۆۋەنلىتىدۇ، نورمال قان بېسىم قىممىتىنى ساقلايدۇ.

ناترىي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئادەم بەدىنىنىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ ۋە نېرۋا ئىمپۇلىسىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى قوللايدۇ.

ئورگانىزمدا پەيدا بولغان لەختىلەرنى تازىلايدۇ.

مېڭىنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى

مۇسكۇللار كۈچسىز بولىدۇ، قۇسىدۇ، بەدەن ئىششىيدۇ، يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىدۇ، نېرۋا مۇسكۇللىرىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا قان شېكىرى تۆۋەنلىك كېسىلى پەيدا بولىدۇ.

تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى

سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىۋاتقانلار:

دائىم ئەمگەك قىلىدىغانلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەر:

تۇز ئىستېمال قىلىش مىقدارى يۇقىرىلار:

دائىم ھاراق ئىچىدىغانلار:

ئاسان چارچايدىغانلار:

تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراق كىشىلەر:

ئۇزۇن مۇددەت ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىستېمال قىلغانلار:

يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبسى

بارلىق دانلىق ئاشلىق، گۆش، تۇخۇم، تولۇق قايماقلىق سۈت، ھەرخىل كۆكتاتلار، مېۋە-چېۋىلەر (بولۇپمۇ بانان)، ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر ۋە پۈتۈن بۇغداي ئۇنىدىن پىشۇرۇلغان بولكا قاتارلىق يېمەكلىكلەر.

مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى

يۇقىرى كالىيلىق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ زەئىپ، تۇيغۇسى غەيرىي بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا يۈرەك رىتىمى جىددىي قالايمىقانلىشىش ۋە ئۆتكۈزۈشچانلىق كەمتۈك بولۇشنى پەيدا قىلىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

كالىي تولۇقلىغاندا، ئۇنىڭ ناترىي بىلەن بولغان تەڭپۇڭلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، بولمىسا نېرۋا ۋە مۇسكۇللارنىڭ فۇنكىسىيىسىگە زىيان يېتىدۇ.

كالىي سۇدا ئېرىيدىغان مىنېرال ماددا بولۇپ، تاماق تەييارلاش ياكى سۇغا چىلاش جەريانىدا زىيانغا ئۇچرايدۇ، شۇڭا قىزىتىلمىغان، پىشۇرۇلمىغان كۆكتاتلار، مېۋە-چىۋىلەر كالىيغا ئېرىشىشتىكى ئەڭ ياخشى، ئەڭ بىخەتەر يول ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلارنى پىشۇرغاندا ئازراق تۇز سېلىۋېتىلسە، ئاش تۇزى تەركىبىدىكى كالىي خلورد قايناۋاتقان سۇدا ئېرىيدۇ-دە، كالىينىڭ تاماق پىشۇرۇش داۋامىدا زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-09-26

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-19 / 10:47:47

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ