ئانا سەھىپەخانىم قىزلارئاياللار كېسەللىكلىرىئادەتلەنگەن بويىدىن ئاجراشنىڭ داۋاسى

ئادەتلەنگەن بويىدىن ئاجراشنىڭ داۋاسى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۇدا ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق بويىدىن ئاجرىسا ئادەتلەنگەن بويىدىن ئاجراش دېيىلىدۇ بۇنىڭ سەۋەبى مۇرەككەپ بولۇپ،ئادەتتە تۆۋەندىكىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ

ئانىنىڭ ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارى بۇزۇلۇش يەنى تۇخۇمدان سېرىق تەن ئىقتىدارى تولۇقسىزلىق،قالقانبەز خىزمىتى تۆۋەنلەش،دېئابىت كېسىلى قاتارلىقلار.بالىياتقۇ غەيرىيلىكى، بالىياتقۇ تەرەققىياتى ناچارلىق، بالىياتقۇ بوشلۇقى چاپلىشىپ قېلىش،داس بوشلۇق ئۆسمىسى، بالىياتقۇ بوينى ئىچكى ئېغىزى بوشاش قاتارلىق كۆپىيىش ئەزا كېسەللىكلىرى؛پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىكلەر مەسىلەن:ھامىلدارلىق مەزگىلدە تارقىلىشچان زۇكام بولۇش،سوزۇلما بۆرەك ياللۇغى،يۈرەك زەئىپلىشىش،سوزۇلما يۇقىرى قان بېسىم،ئېغىر قان ئازلىق،ۋىتامىن ۋە يوپۇرماق كىسلاتاسى كېمىيىش،ئىسپىرت،سىماب،قوغۇشۇن،مورفىن،نىكوتىن قاتارلىقلاردىن سوزۇلما زەھەرلىنىش،رېنتىگېنگە كۆپ قېتىم چۈشۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئادەتلەنگەن بويىدىن ئاجراشنى پەيدا قىلىدۇ.

ئادەتلەنگەن بويىدىن ئاجراشنىڭ داۋاسى

ئادەتلەنگەن بويىدىن ئاجراشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالدى بىلەن ئەر-خوتۇنلارنىڭ قان تىپىنى تەكشۈرۈش كېرەك.قان تىپى ماسلاشماسلىق ئاخىرقى دەۋرىدىكى بويىدىن ئاجراشنىڭ سەۋەبچىسى بولۇپ قالىدۇ. ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى ئىنچىكىلىك بىلەن بەدەن تەكشۈرۈتۈپ پايدىسىز ئامىللارنىڭ بار-يوقلۇقىنى،شۇنداقلا ئۇرۇقنىڭ نورمال ياكى نورمالسىزلىقىنى ئېنىقلاش كېرەك.

ئاياللارنىڭ داس بوشلۇقىنىمۇ تەكشۈرۈپ بالىياتقۇ بار-يوقلۇقىنى ئىگىلەش كېرەك.زۆرۈر بولغاندا بالىياتقۇ-تۇخۇم نەيچىسىنى يود مېيىدا سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈش،قورساق بوشلۇقىنى ۋە بالىياتقۇ ئىچىنى كۆرۈش ئەينىكىدە تەكشۈرۈش لازىم.تۇخۇمدان ئىقتىدارىنى ئۆلچەش،جىنىسىي يولنى ھۈجەيرە ئىلمىلىك تەكشۈرۈش،ئاساسىي بەدەن ھارارىتىنى ئۆلچەش ياكى ئانىلىق ھورمونىنى ئۆلچەش ئارقىلىق ئىچكى ئاجراتما ئەھۋالىنى ئىگىلەش كېرەك.

كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاپ بېكىتكەندىن كېيىن ئەھۋالىغا قاراپ داۋالاش لازىم.ئەگەر بالىياتقۇ غەيرىيلىكى بولسا تۈزەش ئوپېراتسىيىسىنى ئىشلەش، بالىياتقۇ شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى بولسا كېسىپ ئېلىۋېتىش، بالىياتقۇ بوشلۇقى چاپلاشسا،ئاجرىتىش لازىم.پۈتۈن بەدەنلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسا،ساقايغاندىن كېيىن ئاندىن ھامىلدار بولۇش كېرەك. كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق بولماي تۇرۇپ ھامىلدار بولغان بولسا،بالدۇرراق يېتىپ دەم ئېلىش،جىنىسىي مۇناسىۋەتنى چەكلەش،ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىش،ۋىتامىن E، ۋىتامىن C،يوپۇرماق كىسلاتاسى قاتارلىقلارنى تولۇقلاش ھەمدە تىنىچلاندۇرغۇچى دورىلارنى ئىچىپ،ئىدىيىدىكى زىيادە يۈكتىن ساقلىنىش لازىم.روھىي جىددىيلىكمۇ بويىدىن ئاجراشنى پەيدا قىلىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-29 / 05:31:09

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ