ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھامىلىدارلىق بىلىملىرىھامىلدارلىق دېغى چۈشۈشتىن ساقلىنىڭ

ھامىلدارلىق دېغى چۈشۈشتىن ساقلىنىڭ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئادەتتە نۇرغۇن ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كېيىن يۈزىگە داغ چۈشۈشنى تەبىئىي ئەھۋال دەپ قارايدۇ ئەمەلىيەتتە ھامىلدارلىق دېغى ھامىلدارلاردا يوپۇرماق كىسلاتا تۈرىدىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ كەملىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بەرگەند

ھامىلدارلىق دېغى|妊娠斑

ئاياللار ھامىلدار ۋاقىتتا ھەرخىل ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئەگەر ھامىلدارلاردا يوپۇرماق كىسلاتا(فولۋىك كىسلاتا) تۈرىدىكى ئوزۇقلۇقلار كەم بولسا يۈزىگە ئاسان داغ چۈشىدۇ. يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ. بولۇپمۇ پالەك، ھايۋانلارنىڭ جىگىرى، تۇخۇمنىڭ سېرىقىدا يوپۇرماق كىسلاتاسى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، يېڭى كۆكتاتلارنى يېتەرلىك يېمىگەندە، ئاسانلا يوپۇرماق كىسلاتاسى يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.

يوپۇرماق كىسلاتاسى يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا ئاسانلا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. كۆكتاتلارنى بەك قۇرۇۋەتكەندە ياكى بەك پىشۇرۇۋەتكەندە، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى يوپۇرماق كىسلاتاسى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، بۆرەك ئۇستى بېزىنىڭ خىزمىتى ئاجىز بولسىمۇ، بەدەندە سۈر قوڭۇر داغ، سېرىق قوڭۇر داغلار پەيدا بولىدۇ، بولۇپمۇ يۈزدە ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ، بىراق بۆرەك ئۇستى بېزىنىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كەلگەن ھامان بۇ خىل داغلار تەدرىجىي يوقايدۇ. ھامىلدارلىقتىكى داغ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا، تەركىبىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى مول بولغان كۆكتاتلارنى، شۇنداقلا ھايېانات جىگىرى ۋە تۇخۇم سېرىقىنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك.

شىنجاڭ گىزىتىدى ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-28 / 06:18:45

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ