ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز توغرىلىق بىلىۋېلىشكە تىگىلىشلىك 10 ئىش

ئەيدىز توغرىلىق بىلىۋېلىشكە تىگىلىشلىك 10 ئىش

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

1. ئەيدىز خەۋپى زور، ئۆلۈم نىسبىتى يۇقىرى يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ھازىر ئەيدىزنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاكسىنىسى ۋە تەلتۆكۈس داۋالىيالايدىغان دورىسى يوق، لېكىن خېلى ياخشى داۋالاش ئۇسۇلى بار بولۇپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
2. ئەيدىز جىنسىي ئۇچرىشىش، قان سۇيۇقلۇقى ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش قاتارلىق ئۈچ خىل يول ئارقىلىق تارقىلىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئەيدىز ئاغرىقى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەتتىكى نورمال ئۇچرىشىشتىن يۇقمايدۇ.
3. پاك بولۇش، ئۆزىنى قەدىرلەش، جىنسىي ئەخلاققا رىئايە قىلىش ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەلنىڭ يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاساسىي تەدبىر.
4. سۈپىتى ئۆلچەملىك گاندون (بىخەتەرلىك قاپچۇقى)نى توغرا ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە يۇقۇملاندۇرۇشنىڭ خەتىرىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
5. شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ ۋېنادىن زەھەرنى ئوكۇل قىلىش ئەيدىزنىڭ يۇقۇش ۋە تارقىلىشىدىكى خەتەرلىك ھەرىكەتتۇر. شۇڭا زەھەردىن قول ئۈزۈپ، ھاياتلىقنى قەدىرلەش لازىم.
6. بىھۇدە ئوكۇل سېلىش، قان سېلىش، قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم. زۆرۈر تېپىلغاندا، ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈشتە ئۆلچەمگە يەتكەن قان سۇيۇقلۇقى ياكى قان ياسالمىلىرىنى، شۇنداقلا بىر قېتىملىق شپىرىس ياكى قاتتىق دېزىنفېكسىيىلەنگەن ئەسۋاپلارنى ئىشلىتىش لازىم.
7. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدارلار ياكى تۇغۇتلۇق ئاياللارغا ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىش، تۇغۇتىدا زەخىملەندۈرىدىغان مەشغۇلاتلارنى ئازايتىش، بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى چەكلەش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللۇنۇپ، ھامىلە ۋە بوۋاقنىڭ يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ.
8. ئەيدىز توغرىسىدا ئىختىيارىي مەسلىھەت سوراش ۋە تەكشۈرتۈش يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئاغرىقلارنى بالدۇر بايقاشتىكى مۇھىم ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش تەدبىرى.
9. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەم بېرىش، كەمسىتمەسلىك، ئۇلارنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەشتىكى مۇھىم تەدبىر.
10. ئەيدىز شەخسكە، ئائىلىگە تەھدىت سالماقتا، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزمەكتە، شۇڭا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-01 / 03:34:25

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ