ئەيدىز ۋە ياشلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئادەمنىڭ يېشىغا قاراپ تۇرمايدۇ ئەمما، ھەرقايسى ياش باسقۇچىدىكى ئادەملەرنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بولغان خەتەرلىك قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشى ۋە ئۇچرىشىشى مۇئەييەن پەرىققە ئىگە بولىدۇ

بولۇپمۇ، ياشلارنىڭ مەيلى زەھەر چېكىش، قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش، بەچچىۋازلىق قىلىش دېگەندەك ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان قىلىق-قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش ئەھۋالى نىسبەتەن گەۋدىلىك بولۇپ، بۇنى ئادەمنىڭ ياشلىق مەزگىلىدىكى بەدەن ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىغان ئىشلار دېمەي تۇرالمايمىز.

ھەممىمىزگە مەلۇم، ئادەمنىڭ ياشلىق ۋاقتى بالاغەتكە يىتىش ئالاھىدىلىكى بىلەن ناھايىتى ھىسسىياتچان، جانلىق، قىزغىن، تەۋەككۇلچى ھالەتتە بولۇپ، مۇشۇ پىسخىك خارەكتېر ياشلارنىڭ سىناپ بېقىش، ئورۇنۇپ بېقىش، قورقۇمسىزلىق بىلەن ئاقىۋىتىنى ئويلىماسلىق دېگەندەك ئىش-پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ قالىدۇ.

چۈنكى، ئادەمنىڭ ياشلىق مەزگىلىدىكى تىنىمسىز ھالدىكى روھى-جىسمانى كۈچى بەدەندىكى پارتلاپ تۇرىدىغان جىنسى قۇۋۋەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دېمىسىمۇ، يىگىرمە ياشلىق قىز-يىگىتنىڭ قىزغىن ھىسسىياتى بىلەن يەتمىش ياشلىق بوۋاي-موماينىڭ ھارغىن ھالىتىنىڭ پەرقىنىڭ سەۋەبى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ جىسمىدىكى جىنسى كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ.

ئادەم جىسمانى كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ھەر خىل تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە، ئۈستۈنلۈك تالىشىدىغان مۇسابىقىلەرگە يەنىلا ياشلىق مەزگىلىدە قاتنىشالايدىغان بولۇپ، ئادەمنىڭ ياشلىق مەزگىلى ئىچكى كۈچى تېشىغا ئىنتىلىپ تېشىپ تۇرىدىغان مەزگىلى بولغاچقا، مۇشۇ مەزگىلدە ئۇتۇق قازىنىش ياكى ئۇتۇقسىز ياشىشىنىڭ يولىنى تاللىۋالغان بولىدۇ. شۇنداقلا، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ زەھەر چېكىش، قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش، بەچچىۋازلىق دېگەندەك ئۇسۇللىرى بىلەن ياشلىق مەزگىلىدە ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ياكى ئالدىنىپ ئۇچرىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللىرى كۆپ يۈز بىرىدۇ. چۈنكى، ياشلىق دەۋرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ نېمە بولۇشى بىلەن كارى بولماي باشقا كەلگەننى كۆرگۈلۈك دەيدىغان ھېس-ھاياجانلىرىغا ئەگىشىپ كېتىدىغان ياشلىرىمۇ ئاز بولمىغاچقا، قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئۆتە ھوزۇرلىنىشنى ئەلا بىلىدىغان ئادەتكە قۇل بولغان بىر قىسىم ياشلار باشلىرىغا نېمە بالا كېلىدىغانلىقىنىمۇ ئويلىغىدەك بولالمايدۇ.

ياشلىق مەزگىلىدە بەدەندىكى جىنسى كۈچنىڭ سەۋەبىدىن پەيدا بولىۋاتقان قۇۋۋەتنىڭ تەسىرى بىلەن، پەقەت ئىرىشىشكىلا ئىنتىلىدىغان، ئەمما قوغدىنىشنى ئويلىيالمايدىغان ھېسسىياتچان پىسخىك ھالەت بىلەن، بېشىغا ھەر بالا تېپىۋالىدىغان ياشلارمۇ ئاز ئەمەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەقىلدىن غالىپ كېلىدىغان ھاياجانلىق مىنۇتلىرى كۈتمىگەن يەردىن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالىدىغان تەغدىرگە پۇتلىشىپ قالىدۇ.

ئەمەلىيەتتىمۇ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار نىسبىتىدە ياشلار ۋە ياشلىقىدىن كەتمىگەنلەر كۆپ نىسبەتنى ئىگەللىگەن بولۇپ، بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى توغرا ئۇسۇلدا قاندۇرۇشنى بىلمىگەن ئىشلاردا، بولۇپمۇ ياشلاردىكى بالاغەت دەۋرىنىڭ كۈچى بىلەن نىكاھتىن بۇرۇن جىنسى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى چۆرگىلەپ كېتەلمەيدىغان، ھەتتا بەچچىۋازلىققا ئۆگىنىپ قالىدىغان قىلمىشلىرى سەۋەپلىك ئەيدىزدەك پالاكەتكە ئۇچرىتىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. لېكىن، ئەيدىزگە گۇناھ قويغىلى بولمايدۇ. بۇ پەقەت ئەيدىزدىن قانداق يۇقۇملىنىدىغانلىقىنى ھەم يېنىدىكى باشقىلارنى قانداق يۇقۇملاندۇرىدىغانلىقىنى بىلمەي يۈرۈيدىغان ياشلارنىڭ ئازابلىق تەغدىرى بولۇپ قالىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ياشلىققا خوجايىنلىق قىلىۋاتقان ياشلار ئۆز جىسمىدىكى كۈچ-قۇۋۋەتتىن بىلىم ئىگىسى ھالىتىدە توغرا ھەم ھەقىقى قىممىتىدە پايدىلىنىدىغان بولسا، زەھەر ۋە ئەيدىز ئۇلارغا يېقىن كېلەلمىگەن بولاتتى. شۇڭا، ياشلارنىڭ ياشلىق باسقۇچىدىكى ئالاھىدە جىسمانى ھەم پىسخىك ھالىتىنى چۈشەنگەن ئاساستا، ياشلارغا بولغان ھەر تەرەپلىمە تەربىيە-بىلىم بىرىشنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇپ، ئۇلار ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە جەمىيەتنىڭ تەلىۋى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئوقۇتىلىدۇ، بىلىم ئارقىلىق نەزەر دائىرىسى كېڭەيتىش ئاساسى نىشان قىلىنىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ ساغلاملىق ئىدىيىسى، زەھەر ۋە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش چۈشەنچىسى ئېنىق ھەم يېتەرلىك بولماسلىقتىن ، زەھەرگە قۇل بولۇپ، ئەيدىزگە يەم بولۇپ كېتىدىغان ئاقىۋەتكە ئۇچرايدىغانلىرى بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۇلاردىكى ياشلىقنى باشقۇرالماسلىق ھەم توغرا ئۇسۇلدا پايدىلىنالماسلىق يوللىرىغا مېڭىپ قالغانلىرى، شۇنداقلا ئۇچۇشنى بىلىپ، چۈشۈشنى بىلمەي زەھەرگە خۇمار بولۇپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىرى ئاخىرى پۇشايماننى تۈگەتكىدەكمۇ ھالى يوق ھالەتتە تېڭىرقاپ، چۈشكۈنلىشىپ يۈرۈشمەكتە.

ئەسلىدە خوشاللىق، ئۈمىد، ئۇتۇق، قىممەت يارىتىدىغان ياشلىق مەزگىلىدە ياشلارنىڭ جىسمىنى ھەم روھىنى چۈشەنگەن ئاساستا يىتەكلەش ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا بولۇپ، مۇشۇنداق مۇھىم ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيالماسلىق بىلەن، جۈملىدىن، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى ئۆزى ھەم ياشاۋاتقان مۇھىتى سەۋەپلىك يىتەرلىك ئۆگەنمەسلىكى بىلەن، خەتەرلىك قىلمىشلاردىن ئۆزلىرىنى تارتماي ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلارنى ياشلىق بىلەن ئەيدىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى ھېس قىلىپ يېتەلمىگەنلەر دېمەي تۇرالمايمىز.

شۇڭا، ئاتا-ئانىلار، مەكتەپ، جەمىيەتتىن ئىبارەت ياشلارنىڭ ياشلىقىنى ئوراپ تۇرغانلار، ئۇلارغا بولغان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋات-بىلىملىرىنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇپ، بۇ بىلىملەرنى قايتا-قايتا ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا كىرگۈزۈپ، يۇشۇرۇن ئېڭىغىچە سىڭدۈرىۋېتىش كېرەك. ئەنە شۇ چاغدا ياشلىقتا قاڭقىپ يۈرۈيدىغان ياشلار ئەيدىزدىن چۈچۈيدىغان، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشكە كەسكىن پۇزىتسىيە قوللىنىدىغان خارەكتېر ۋە ئىدىيەگە كېلەلەيدۇ. ئەيدىزنىڭ ئادەمنىڭ ياش-چوڭلىقى بىلەن كارى يوق. ئەمما، ئادەمنىڭ ياشلىقى ئەيدىزگە ئاسان پۇتلىشىدىغان مەزگىل ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى، ياشلارنىڭ ياشلىق ئالاھىدىلىكى بويىچە ئۇلارنىڭ جىسمى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىدىغان يوللار بىلەن ئاسان ئۇچرىشىشچانلىققا ئىگە بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق خەتەرنى ياشلار ئېسىدىن چىقىپ كەتمىگىدەك ھالەتتە بىلىۋالغاندا ھەم بىلدۈرۈلگەندە، ئۇلارنىڭ ئەيدىزدىن يىراق تۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ئەگەر، ياشلارنىڭ جىسمىدىكى ھەم پىسخىكىسىدىكى خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشچان ئالاھىدىلىكنى چۈشەنمىگەندە ھەم مۇھىم ئورۇنغا قويمىغاندا، ئۇلارنىڭ ھەر خىل يوللار بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ نىسبىتى ئېشىپ كېتىپ، خەۋىپ پەيدا قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى، ئاز بولمىغان كىشىلەرنىڭ “بېشىمغا ھەر بالا كەلسە ئۆزەمنىڭ شورى ” دېمەي، جەمىيەتتىن، باشقىلاردىن ئاغرىنىدىغان پىسخىك كېسەللىكى بولىدۇ.

دېمەك، ياشلارنىڭ ئەيدىزدىن يىراق تۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ياشلىقىنى چۈشەنگەن ئاساستا، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى بىرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. “سۇ كەلگىچە توغان سېلىش كېرەك”. دۆلەتنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ ياشلارنى تەربىيەلىشىنىڭ مۇھىملىقى ئۇلارنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى ئىگەللىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-28 / 08:40:51

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ