يېمەك-ئىچمەكنى ياخشىلاش ۋە چېنىقىشنى كۈچەيتىش ھەممە ئېتراپ قىلىدىغان ئۈنۈملۈك يۈرەك ئاسراش ئۇسۇلى. لېكىن ئامېرىكىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، بارغانسېرى كۆپ تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېمەك-ئىچمەك ۋە چېنىقىشتىن باشقا، يەنە نۇرغۇن ئۇسۇللارمۇ يۈرەك ساغلاملىقىنى قوغداش رولىنى ئوينايدىكەن.
بىرىنچى، قۇچاقلىشىش. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سۆيگىنى بىلەن قۇچاقلىشىپ تۇرۇش قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدىغان، بېسىمنى چۈشۈرىدىغان بىر خىل ھورمون، ئوكسىتوتسىن قويۇپ بېرىدىكەن.
ئىككىنچى، قاقاقلاپ كۈلۈش. قاقاقلاپ كۈلۈش قان تومۇرلارنىڭ كىڭىيىشىنى غىدىقلاپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە %22كە يېتىپ، قاننىڭ ئېقىشىنى كۈچەيتىپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ.
ئۈچىنچى، شاكىلات يىيىش. كاكائۇ پۇرچىقى تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار مول بولۇپ، ئېممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، بەدەننىڭ سىرتتىن كەلگەن زەخمىلىنىشكە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
تۆتىنچى، ئەرمەك ھايۋانلارنى بېقىش. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرمەك ھايۋان باقىدىغانلارنىڭ قان بېسىمى نىسبەتەنتۆۋەن بولىدىكەن، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇئەرمەك ھايۋان باقمايدىغانلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدىكەن. بۇ بەلكىم ئەرمەك ھايۋان باقىدىغانلارنىڭ ھەرىكەت ۋاقتىنىڭ ئەرمەك ھايۋان باقمايدىغانلارغا قارىغاندا ئۇزۇن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
بەشىنچى، ھەپتىدە بىر كۈن گۆشسىز غىزالىنىش. گۆشنى ئاز يىيىش يۈرەكنى ئاسراشتىكى ئەڭ مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇۋاپىق دەرىجىدە گۆشسىز غىزالىنىش يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %32 تۆۋەنلىتىدىكەن، شۇڭا ھەپتىدە ئاز دېگەندە بىر كۈن گۆشسىز غىزالىنىش تەكلىپى بىرىلىدۇ.
ئالتىنچى، ئۆرە تۇرۇش. مەيلى خىزمەت ياكى دەم ئېلىش بولسۇن، بىز بىر كۈن ئىچىدىكى كۆپىنچە ۋاقتىمىزدا ئولتۇرىمىز، بۇ مەلۇم دەرىجىدە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشخانىدا مېڭىپ بېرىش، خىزمەتداشلىرى بىلەن پارڭلىشىش ياكىھەر بىر نەچچە سائەتتە يېقىن ئەتراپنى ئايلىنىش يۈرەك ساغلاملىقىنى ياخشىلايدۇ.
يەتتىنچى، ئۇيقۇ ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش. كۈندە كەچتە 7~8 سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %48 ئاشۇرۇۋېتىدىكەن، زىيادە ئۇخلاشمۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %38 ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.
سەككىزىنچى، كوففېئىن. كۈندە 1~3 ئىستاكان قارا قەھۋە ئىچىش يۈرەك رېتىمىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەن.
توققۇزىنچى، شاۋقۇنلۇق تاشيولدىن يىراقلىشىش. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا سىز ئۇچراشقان شاۋقۇن ھەر 10 دېتسىبېل كۆپەيسە، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى %12 ئاشىدىكەن.
ئونىنچى، توي قىلىش. تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، توي قىلغانلارنىڭ يۈرىكى بويتاقلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ساغلام بولىدىكەن. ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆيلىنىپ 10 يىل مۇقىم تۇرمۇشنى ساقلاش يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %13 تۆۋەنلىدىكەن.
كوئىنلون تورىدىن ئېلىندى