تورداشدىن سوئال

بىر تونۇشىمىزنىڭ ئايالى تۇغقىلى 6 كۈن بولۇپتىكەن. بوۋاقنىڭ سېرىقلىق قان تەكشۈرۈشىدە ئومۇمىي بىلىرۇبىن 13 كېلىپتۇ. ئانىسىنىڭ سۈتى بەك ئاز كېلىپتۇ ۋە توختاپ قاپتۇ. بۇنىڭغا قانداق قىلىش كېرەك. مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز؟

نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ياخشىمۇسىز.
6 كۈنلۈك بوۋاقنىڭ بىرىنجى قان تەكشۈرۈشىدە، سېرىقلىق دەرىجىسى (ئومۇمىي بىلىرۇبىن) 13 چىققان بولسا، تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىلارنى قىلىشنى ۋە دىققەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن:
1. مۇشۇ بىر ئىككى كۈن ئىچىدە يەنە بىر قېتىم كونترول قان سېرىقلىق دەرىجىسىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. ۋە بالىلار دوختۇرى ياكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار دوختۇرى بىلەن كۆرۈشۈپ نەتىجىسىنى باھالاتسۇن.
2. ئەگەر سۈتى توختاپ قالغان بولسا، ئاپتامىل سۈت پاراشوكى بەرسۇن.
3. ئانىسى سۈت كۆكسىنى كۆپ تۇتۇپ بېسىپ سىلاپ بەرسۇن. بوۋاقنىڭ ئاغزىغا يەنە كۆكسىنى بەرسۇن. مۇشۇنداق غىدىقلاش ئارقىلىق يەنە سۈت كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما پەقەت كەلمىسە، ئاپتامىل سۈت پاراشوكى بەرسۇن.
4. باشقا كالا سۈتى، ياكى يىمەكلىكلەرنى بەرمىسۇن.
5. تۇرۇۋاتقان مەھەللىسىدىكى ساغلىق ئوجاغىغا بېرىپ بوۋاقنىڭ ۋاكسىنىسىنى ئەملىسۇن، تاپان قان تەكشۈرۈشى قىلدۇرسۇن، ۋىتامىن د تۆمۈر دورىسى بېرىدۇ. ئۇلارنى ئالسۇن ئىشلەتسۇن. بوي ئۇزۇنلۇقى ۋە ئېغىرلىقلىرىنى ئۆلچەيدۇ.