توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
پەي غىلىپى بوغۇمغا يېقىن جايدىكى يېرىم چەمبەر شەكىللىك قۇرۇلما بولۇپ، ھالقا شەكلىدە مۇسكۇل پەي توقۇلمىلىرىنى ئوراپ تۇرىدۇ، مۇسكۇل پەيلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئاسراش ۋە سىلىقلاش، سۈركىلىش ياكى بېسىلىشتىن ساقلاش رولىغا ئىگە.
بوغۇملار ھەرىكەتلەنگەندە پەي بىلەن پەي غىلىپى ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش پەيدا بولىدۇ، ئەگەر بۇ ئىككىسى ھەددىدىن زىيادە سۈركەلسە، ياللۇغ پەيدا بولۇپ، پەي غىلىپى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
پەي غىلىپى ياللۇغىنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا، تەپكە بارماقلىرى شەكىللىنىپ، قولنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ. پەي غىلىپى ياللۇغىنى داۋالاش ئۇسۇلى ئادەتتىكى داۋالاش، دورا بىلەن داۋالاش، ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
پەي غىلىپى ياللۇغى
Tenosynovitis
Tenosinovit
腱鞘炎