ئاشقازان كىرىش ئېغىزىدىكى مۇسكۇللارنىڭ ئەھۋالى رەسىملىك كۆرۈنۈشى
قىزىلئۆڭگەچنى : ئىنگىلىزچە: Esophagus
تۈركچىدە Yemek borusu, ياكى özofagus مۇ دەپ قويىدۇ. خەنزۇچە: 食管 دەپ ئاتايدۇ.
نورمالدا تاماق، سۇلار ئېغىز بوشلۇقىمىزدا 5-10 سىكونىت تۇرغاندىن كىيىن ئاندىن قىزىلئۆڭگەچكە كىرىدۇ، قىزىلئۆڭگەچ يولىنىڭ ئىتتىرىشى بىلەن 5-10 سىكونىت ئىچىدىلا ئاشقازانغا بېرىپ بولىدۇ. قىزىلئۆڭگەچنىڭ تاماقلارنى، سۇلارنى سۈمۈرۈش رولى يوق. بۇنى بىلىمىز. تاماقلار قىزىلئۆڭگەچتىن ئاشقازانغا كىرىشنىڭ ئالدىدا بىر كىلاپان بار. بۇ كىلاپان تاماقلارنىڭ، سۇلارنىڭ ۋە ئاشقازان كىسلاتالىرىنىڭ ئارقىغا يېنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەگەر بۇ كىلاپاندا مەسىلە چىقىپ قالسا، ئاشقازاندىكى تاماق، سۇ كىسلاتالار ئاسان ئارقىغا يېنىپ كېتىپ، قىزىلئۆڭگەچنىڭ ئاخىرقى قىسمى يەنى ئاشقازانغا يېقىن بولغان قىسمىدىكى ھۈجەيرىلەر زەخىمگە ئۇچراپ قالىدۇ. بۇ كىلاپاننىڭ نورمال يېپىلالماسلىقنى بىز قىزىلئۆڭگەچ ئاشقازان يېنىش كېسىلى دەپ ئاتايمىز.
بۇ كېسەللىكنى ئىنگىلىزچە gastroesophageal reflux دەپ ئاتايدۇ، قىسقارتىپ GERD دەپمۇ قويىدۇ. تۈركچىمۇ ئوخشداشراق قىلىپ Gastroözofageal Reflü ياكى قىسقارتىپلا Reflü دەپ قويىدۇ. خىتايچە: 胃食管反流症 دەپ ئاتايدۇ.
ئاشقازان قىزىلئۆڭگەچ يېنىش كېسىلى
ашқазан қизилөңгәч йениш кесили
gastroesophageal reflux, GERD
Gastroözofageal Reflü
胃食管反流症
قىزىلئۆڭگەچ ئاشقازان يېنىش كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى نىمە؟
بۇ كېسەللىكنىڭ يېنىك ئورتا ئالامەتلىرى بولسا، ئازلا تاماق يىسە توقلۇق ھىس قىلىش، گېلىگە ۋەياكى ئاشقازىنىغا بىر نەرسە تاقىشىۋالغاندەك ھىس قىلىش، كۆكرەك سۆڭەكنىڭ ئارقىسىدا ئىچىشىش ھىس قىلىش، تولا كېكىرىش، مەيدىسى ئاچچىق ھىس قىلىش، يانغاندەك ھىس قىلىش، كېكىرگەندە ئاغزىغا ئاچچىق سۇ كېلىش، ئەتتىگەنلىرى ئېغىزغا ئاچچىق سۇ يىغىلىپ قىلىش… قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. ئېغىرراقلىرى: ھەر قېتىم كېكىرگەندە چوقۇملا ئاچچىق سۇ كېلىدۇ، ئۇزۇن مۇددەتتە چىش چىرىش، ئاۋازى بوغۇق چىقىش، تاماق سىڭدۈرەلمەسلىك.. قاتارلىق ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلىدۇ.