بۇ كېسەللىكنى ئىنگىلىزچە gastroesophageal reflux دەپ ئاتايدۇ، قىسقارتىپ GERD دەپمۇ قويىدۇ.
تۈركچىمۇ ئوخشداشراق قىلىپ Gastroözofageal Reflü ياكى قىسقارتىپلا Reflü دەپ قويىدۇ.
خەنزۇچىدە: 胃食管反流症 دەپ ئاتايدۇ.
ئاشقازان قىزىلئۆڭگەچ يېنىش كېسىلى بولغاندا ۋەيا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر بولغاندا قايسى بۆلۈمگە كۆرۈنۈش كېرەك؟
قىزىلئۆڭگەچ ئاشقازان يېنىش كېسىلىنى ۋە بۇنىڭدىن باشقا قىزىلئۆڭگەچگە دائىر كېسەللىكلەرنى ھەزىم قىلىش بۆلۈمى ياكى بۇ بۆلۈم بولمىغان يەرلەردە ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويىدۇ.
ھەزىم قىلىش كىسەللىكلىرى بۆلۈمى نى ئىنگىلىزچە: gastrointestinal department تۈركچىدىمۇ ئوخشاپراق قالىدىغان: gastrointestinal bölümü دەپ ئاتايدۇ. خەنزۇچەدە :消化科 دەيدۇ.
ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى نى ئىنگىلىزچە: inetrnal medicine department تۈركچىدىمۇ ئوخشاپراق قالىدىغان: , dahiliye bölümü iç hastalıkları bölümüدەپ ئاتايدۇ. خەنزۇچەدە :内科دەيدۇ.