بۇ كېسەللىكنى ئىنگىلىزچە gastroesophageal reflux دەپ ئاتايدۇ، قىسقارتىپ GERD دەپمۇ قويىدۇ.
تۈركچىمۇ ئوخشداشراق قىلىپ Gastroözofageal Reflü ياكى قىسقارتىپلا Reflü دەپ قويىدۇ.
خەنزۇچىدە: 胃食管反流症 دەپ ئاتايدۇ.
بۇ كېسەللىكنىڭ يېنىك ئورتا ئالامەتلىرى بولسا، ئازلا تاماق يىسە توقلۇق ھىس قىلىش، گېلىگە ۋەياكى ئاشقازىنىغا بىر نەرسە تاقىشىۋالغاندەك ھىس قىلىش، كۆكرەك سۆڭەكنىڭ ئارقىسىدا ئىچىشىش ھىس قىلىش، تولا كېكىرىش، مەيدىسى ئاچچىق ھىس قىلىش، يانغاندەك ھىس قىلىش، كېكىرگەندە ئاغزىغا ئاچچىق سۇ كېلىش، ئەتتىگەنلىرى ئېغىزغا ئاچچىق سۇ يىغىلىپ قىلىش… قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.
ئېغىرراقلىرى: ھەر قېتىم كېكىرگەندە چوقۇملا ئاچچىق سۇ كېلىدۇ، ئۇزۇن مۇددەتتە چىش چىرىش، ئاۋازى بوغۇق چىقىش، تاماق سىڭدۈرەلمەسلىك.. قاتارلىق ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلىدۇ.