ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار تەربىيىسىنېمە ئۈچۈن دادىسى تەربىيەلىگەن بالىلارنىڭ ئەقلىي بۆلۈنمىسى يۇقىرى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن دادىسى تەربىيەلىگەن بالىلارنىڭ ئەقلىي بۆلۈنمىسى يۇقىرى بولىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشىچە، ۋەتىنىمىزدە ئائىلە تەربىيەسىدە ئانىنى ئاساس قىلغان ئائىلە %50، ئاتىنى ئاساس قىلغان ئائىلە بولسا %20، ئىككىلىسى تەڭ تەربىيەلەيدىغانلار بولسا %30 ئىكەن. كۆپلىگەن ئائىلىلەردە ئاتىنىڭ تەربىيەسىنى سۈرۈشتە قىلىپ كەتمەيدۇ، بۇ ھال بالىلاردا ئاياللىق خۇسۇسىيىتى ئېشىپ ئەرلىك خۇسۇسىيىتى ئاجىزلاش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە بالىلارنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىسىز. ئامېرىكىدىكى يالى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر قېتىملىق تەتقىقات نەتىجىسىدە ئىسپاتلىنىشىچە: ئاتا تەربىيەلىگەن بالىلارنىڭ ئەقلى بۆلۈنمىسى يۇقىرى بولىدىكەن، ئۇلارنىڭ مەكتەپتىكى نەتىجىسى دائىم ئەڭ ياخشىلار قاتارىدا بولۇپ، كەلگۈسىدە ناھايىتى ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىكەن.

نېمە ئۈچۈن دادىسى تەربىيەلىگەن بالىلارنىڭ ئەقلىي بۆلۈنمىسى يۇقىرى بولىدۇ؟

تەربىيەدە ئانىغىلا تايىنىۋالسا، بالىلاردا سۇباتلىق كەم بولىدىكەن
نېمە ئۈچۈن ئاتىلار ئائىلە تەربىيەسىگە سەل قارايدۇ؟ بەزىلىرى:«خىزمەت ئالدىراش، بالىلارنى باشقۇرغۇدەك ۋاقىت يوق» دېسە، بەزىلىرى:«مىجەزى چۇس بولغانلىقتىن، بالىلارغا ئازار بېرىپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدۇ» دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار بۇرۇنقىلارنىڭ «ئاتا ئوغۇلنى چىڭ تۇتۇپ تەربىيەلىمىسە، ئەيىب بالىدا ئەمەس، ئاتىدا» دېگەن تەلىماتنى ئۇنتۇپ قالغان. ئاتا ئۈچۈن ئوغۇل-قىزلىرىنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىدىن ۋاز كېچىش ئەڭ چوڭ خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.
ھازىر جەمئىيىتىمىزدە بالىلارنىڭ ئانا تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشى ناھايىتى يېتەرلىك، بالىلار تۇغۇلغاندا ئانا ئۇنى بېقىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ؛ يەسلىدە بولسا ھەممىسى ئايال مۇئەللىملەر؛ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردىمۇ يەنىلا ئايال مۇئەللىملەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

ئاتا تەربىيەسى كەمچىل بولسا، بالىلار خاراكتېر، ھېسسىيات، ئىرادە، تەپەككۇر قىلىش ئۇسلۇبى قاتارلىق جەھەتلەردە مەلۇم تەسىرلەرگە ئۇچرايدۇ، شۇ تەسىرگە ئۇچرىغان بالىلار مىسكىن، ئىرادىسىز، قورقۇنچاق ھەتتا كىشىگە ئارىلاشمايدىغان، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ قالىدۇ. بىر ئوغۇل ناھايىتى قورقۇنچاق بولۇپ، سىنىپتا سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرۈشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىكەن، جاۋاب بەرگەن تەقدىردىمۇ ئاۋازى پاشىنىڭ ئاۋازىدەك ناھايىتى ئاجىز ئىكەن، نەتىجىسىمۇ ياخشى ئەمەس ئىكەن. مۇئەللىمى تەكشۈرۈپ، بۇ ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ دائىم ئانىسىنىڭ تەربىيەسىدە ئىكەنلىكىنى، ئانىسىنىڭ ئىنتايىن قورقۇنچاق، دائىم بالىلىرىنىڭ زەخىملىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپلا يۈرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلىرىنى «توسۇپ»، ئاخىرىدا بالىلىرىنىڭمۇ ئىچ مىجەز، قورقۇنچاق بولۇشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئېنىقلاپتۇ . بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا ئاتا بولغۇچى بالىلىرى بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىپ تۇرۇشى، ئائىلىدە ئاتىنىڭ تەربىيەسىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئاتىسىنىڭ بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە تاغقا يامىشىشى، قىيىق ھەيدىشى قاتارلىق پائالىيەت جەريانىدا جاپا-مۇشەققەت ۋە خېيىم-خەتەردىن قورقماس روھى ۋە كەڭ قورساقلىقى بالىلارنىڭ خاراكتېرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدۇ. نەتىجىدە بالىلار يۈرەكلىك، دەرستە ئاكتىپلىق بىلەن جاۋاب بېرىدىغان بولۇپ، نەتىجىسىمۇ تۈز سىزىق بويىچە ئۆرلەيدۇ.

 

ئاتىلار تەربىيەلىگەن بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ

ئاتا بولسا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ھەيۋەتلىك تاغ، ئانا بولسا چەكسىز كەتكەن بىپايان دېڭىز. مەلۇم بىر پېداگوگ ئائىلە تەربىيەسىدە ئاتا تەربىيەسىنىڭ ئاساس ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئائىلە تەربىيەسىدە ئاتا بىلەن ئانىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرى بولىدۇ. ئانىنىڭ مېھرىبانلىقى، ئىنچىكىلىكى، سەۋرچانلىقى، كۆيۈمچانلىقى بىلەن ئاتىنىڭ كەڭ قۇرساق، خۇش خۇي خاراكتېرى بالىنى تەربىيەلەشتىكى ئاياللىق خۇسۇسىيەت بىلەن ئەرلىك خۇسۇسىيەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىدا ئىنتايىن مۇھىم.

ئامېرىكىدىكى يالى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىنقى بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا: ئاتا تەربىيەلىگەن بالىلارنىڭ ئەقلى بۆلۈنمىسى يۇقىرى بولىدىكەن، ئۇلارنىڭ مەكتەپتىكى نەتىجىسى دائىم ئەڭ ياخشىلار قاتارىدا بولۇپ، كەلگۈسىدە ناھايىتى ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىكەن. بۇ تەكشۈرۈش ئۇدا 12 يىل داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇلار بالىلار تۇغۇلغاندىن تارتىپ تاكى ئون نەچچە ياشقا كىرگۈچە بولغان ھەرقايسى ياش باسقۇچلىرىدا ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن نەتىجە ئىكەن.

ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، بالىلار تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردا ئانىغا تايىنىدۇ، بىراق تۇرمۇشتىكى ھەل قىلغۇچ مەزگىللەردە، چوڭ مەسىلىلەردە ئاتىغا تايىنىدۇ. بالا بىلەن ئانىنىڭ سۆھبىتى ئادەتتە ئىنچىكە بولىدۇ، بىراق ئاتا بىلەن بالىنىڭ ئارىسىدىكى سۆھبەت بولسا پەلسەپىۋىلىككە ئىگە بولىدۇ. بالىلار ئانا- سۇ، ئاتا- تاغ، سۇ، تاغ بىر-بىرىگە بېقىنىدۇ، بىرى كەم بولسا بولمايدۇ دەپ ئويلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلارنى تەربىيەلەشتە، ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، بىراق ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن كىمنىڭ مۇھىملىقىنى تەڭشىسە بولىدۇ: بالا كىچىك ۋاقتىدا ئانا كۆپرەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، چۈنكى، بۇنداق ۋاقىتتا بالىلارنى پەپىلەپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ؛ بالا چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئاتا كۆپرەك تەربىيەلىشى كېرەك، چۈنكى بالا چوڭ بولغاندا پىسخىكا ئالاھىدىلىكىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ، بەكلا غەمخورلۇق قىلىپ كەتسە ئەكسىچە بىزارلىق پىسخىكىسىنى پەيدا قىلىدۇ.

ئاتا تەربىيەسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى
ئەرلەر مۇستەقىللىقنى ياقلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنى مۇستەقىل قىلىپ تەربىيەلەيدۇ. ئاتا بالىلىرىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا چات كېرىۋالماستىن، ئۇلارنى مەسىلىلەرنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، شۇڭلاشقا بالىلارنى ھەددىدىن زىيادە ئەركىلىتىش نىسبەتەن ئاز بولىدۇ.

ئەرلەر خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى ياقتۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا بالىلىرىنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق ئىلھام بېرەلەيدۇ.

ئەرلەر تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرىدۇ، بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە يۈگۈرۈشكە، سۇ ئۈزۈشكە، تاغقا يامىشىشقا، توپ ئويناشقا ئامراق كېلىدۇ، بۇ شەكىلسىز تەربىيە ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلايدۇ.

ئەرلەرنىڭ قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ، بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە بولقا، پىچاق قاتارلىق سايمانلار بىلەن نەرسىلەرنى رېمونت قىلىش، ئويۇنچۇق ياساش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئىگە قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

ئەرلەرنىڭ ئىزدىنىش روھى نىسبەتەن كۈچلۈك بولىدۇ، بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىزدىنىش خاراكتېرىدىكى پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئەرلەرنىڭ يېڭى شەيئىگە بولغان قىزغىنلىقى نىسبەتەن كۈچلۈك بولىدۇ، بۇمۇ بالىلاردا يېڭى شەيئىگە بولغان قىزىقىشنى قوزغايدۇ.

ئەرلەر شاھمات ئويناشقا ئامراق كېلىدۇ، پات-پات بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە شاھمات ئويناپ بەرسە ئۇلارنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرۈشىگە پايدىلىق.

ئەرلەر ئاياللاردەك تازىلىقىنى بەك تەكىتلەپ كەتمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنىڭ لاي ئوينىشىنى، قۇم قىزىپ ئوينىشىنى قوللايدۇ. ئەنگلىيەلىك ئالىمنىڭ بايقىشىچە، «مەينەتلىك» بالىلارنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدىكەن. چۈنكى بەك پاكىز بولۇپ كەتسە، باكتېرىيە ۋە ۋىرۇس بىلەن ئۇچرىشىشى ئازلاپ، تېنىدە ئانتىتېلا ئىشلەپ چىقارمايدۇ، ئەگەر ئۇلارغا زور تۈركۈمدىكى ۋىرۇس ياكى باكتېرىيە ھۇجۇم قىلسا قارىشى تۇرالماي غۇلاپ چۈشىدۇ. بالىلارنىڭ تازىلىق جەھەتتىكى مەسىلىسىنى كەڭ قويۇۋېتىش ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئىكەن.

ئەرلەر يامان خاراكتېرلىك غىدىقلاشلاردىن قورقمايدۇ، مەسىلەن قىيىنچىلىق، ئاچ قېلىش، ھېرىپ-چارچاش قاتارلىق. بۇنداق يامان خاراكتېرلىك غىدىقلاشلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.

مەنبە: ئەلى مۇئەللىم سالونى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
11
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-05-10

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-05-10 / 10:21:37

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ