1 – 2 باسقۇچ يەنىلا كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن باسقۇچ بولىدۇ .لىكىن ، ئورگانىزىمدا ئەيدىز ۋېروسى يۇشۇرۇن سىڭىپ كىرىپ ، يۇقۇملىنىش خارەكتىرىنى ئالغان بولىدۇ .بۇ ۋاقىت 2يىلدىن 10يىلغىچە ئوخشىمايدۇ.
3 – 4 باسقۇچ << كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىش دەۋرى >> بولۇپ ، ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنى << ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلار >> دەيمىز .
ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بىلەن ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورگانىزىمىدا ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بولىدۇ . بۇلار بىردەك ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار دەپ ئاتىلدۇ .
يۇشۇرۇن دەۋرى قانچە ئۇزۇن بولسا ،ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆمرى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ . شۇڭا ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ھەرگىزمۇ ئۆزىنى تاشلىۋېتىپ ، روھىي چۈشكۈنلىككە ئۇچىرماستىن ، بەلكى ئامال قىلىپ كىسەللىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئۇزارتىش لازىم .
پەقەتلا تەرەققىي قىلىش دەۋرىگە كىرمىسىلا ، ئەيدىز كىسىلى ۋېروسىنى ئېلىپ يۈرگىچىلەر نۇرمال ئادەمگە ئوخشاش ئەمگەك قىلالايدۇ . ۋە تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ . تەرەققىي قىلىش دەۋرىگە كىرگەندىمۇ پائال داۋالانسا شۇ ئارقىلىق ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ .