ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسىنىڭ پەرقى رەسىملىك كۆرۈنۈشى

0
1229
ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسىنىڭ پەرقى رەسىملىك كۆرۈنۈشى

ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسىنىڭ پەرقى رەسىملىك كۆرۈنۈشى

胃炎和胃溃疡差别

Difference between gastritis and gastric ulcer

Gastrit ve mide yarası (üiser) arasındaki fark

ئاشقازان ياللۇغىنى ئىنگىلىزچە gastritis دەپ ئاتايدۇ. تۈركچىمۇ ئوخشداشراق قىلىپ gastrit دەپ قويىدۇ. خىتايچە: 胃炎  دەپ ئاتايدۇ.

 

ئاشقازان يارىسىنى ئىنگىلىزچە gastric ulcer دەيدۇ. تۈركچىدىمۇ gatrik ülser دەيدۇ ۋە يا    mide ulseri دەپ قويىدۇ. خەنزۇچىدە 胃溃疡دەپ ئاتايدۇ.

ئاشقازان ياللۇغى بىلەن ئاشقازان يارىسىنى پەرقى بارمۇ؟

ئاشقازان ياللۇغى، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشقازاننىڭ شىللىق پەردىسىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش، قان تولۇپ قېلىش، بەزىدە كىچىك قان چىقىش، ۋەياكى چىرىش ئەھۋاللىرىنى كۆرسىتىدۇ. ياللۇغ كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئاشقازاننىڭ يۈزەكى شىللىق پەردىسىدىلا بولىدۇ.

 

ئاشقازان يارىسى بولسا، ئاشقازان ياللۇغىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان يارىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يارىلار كۆپىنچە ئەھۋاللاردا 2.5 مىللىمىتىردىن كىچىكرەك بولىدۇ. ئەمما ئاشقازان ياللۇغىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ. يەنى شىللىق پەردىسىدىن ئۆتۈپ ئاشقازاننىڭ مۇسكۇل پەردىسىگە بارىدۇ ۋە تىشىلىپ كېتىش ئىھتىماللىقىمۇ بولىدۇ.  

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here