ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر كېسەللىكلىرىﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﻣﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﺧﯩﻞ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻗﺎﻳﺴﯩﻼﺭ؟

ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﻣﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﺧﯩﻞ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻗﺎﻳﺴﯩﻼﺭ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ، ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ:

ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺯﯨﻴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺗﯘﻏﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ، ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺭﻻﺭﺩﻩ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻦ، ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﻲ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﻣﻪﻧﯩﻲ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ

ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﻣﯩﻐﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 4 ﺧﯩﻞ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ :

1. ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ

ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﻣﺎ ﺟﻪﯞﮪﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘ ﺋﯩﺴﭙﯧﺮﻣﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﻐﺎ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﻣﺎ ﺟﻪﯞﮪﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ، ﻳﺎﻟﻠﯘﻍ، ﺳﯜﺕ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎ ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺪﯗ.

ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺯﻩﮪﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﯧﺘﺎﺑﻮﻟﯩﺰﻡ ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﭙﯧﺮﻣﺎ ﺟﻪﯞﮪﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﻳﺎﺷﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﺧﻮﺭﯨﺘﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﭙﯧﺮﻣﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻣﯘﮪﯩﺘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻧﺎﭼﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ

2. ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﻣﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﭙﯩﺸﻘﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ

ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﻣﯩﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺳﯘﻳﯘﻗﻼﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﻨﺰﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﭗ، ﺋﯘﻳﯘﺵ ﻓﺎﻛﺘﻮﺭﻯ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﺴﭙﯧﺮﻣﺎ ﺟﻪﯞﮪﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ، ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻕ ﻗﺎﻥ ﮪﯜﺟﻪﻳﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻳﯩﺮﯨﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺳﯘﻳﯘﻗﻼﻧﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ-ﺩﻩ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﭙﯩﺸﻘﺎﻗﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﺒﺘﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﻗﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ.

3. ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﻣﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﻟﯩﻖ-ﺋﯩﺸﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺑﻮﻟﯘﺵ

ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﭙﯧﺮﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﻟﯩﻖ-ﺋﯩﺸﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ PH ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﻣﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﻟﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﻛﯚﭖ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.

ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﻟﯩﻖ، ﺋﯩﺸﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺗﯧﺰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯩﺴﭙﯧﺮﻣﯩﻤﯘ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯩﺴﭙﯧﺮﻣﯩﻤﯘ ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ، ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻕ ﻗﺎﻥ ﮪﯜﺟﻪﻳﺮﯨﺴﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ PH ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﺴﭙﯧﺮﻣﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎ-ﺋﯩﺸﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯩﺴﭙﯧﺮﻣﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﯩﺸﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.

4. ﺋﯩﺴﭙﯧﺮﻣﯩﻨﯩﯔ ﺯﯨﭽﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﭙﯧﺮﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ

ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﭙﯧﺮﻣﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺋﯜﭺ ﻣﯩﻠﻠﯩﻠﯩﺘﯩﺮﺩﯨﻦ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩﻠﯩﺘﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯩﺴﭙﯧﺮﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﮪﻪﺟﯩﻤﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯩﭽﯩﻚ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯩﺴﭙﯧﺮﻣﺎ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺋﯩﺴﭙﯧﺮﻣﺎ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﯨﺪﻩ ﻳﺎﻟﻠﯘﻍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯩﺴﭙﯧﺮﻣﺎ ﺟﻪﯞﮪﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺋﯩﺴﭙﯧﺮﻣﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
1
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-03-25

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-03-25 / 12:51:53

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

بىر باھا بار

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوختۇر، كېسەللىك ئەھۋالىنى ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز، ئەمدى داۋالىنىش ۋە دىققەت قىلدىغان ئىشلاردىنمۇ خەۋەردار قىلسىڭىز، رەھمەت

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ