ئۇرۇقداننىڭ تۆۋەن چۈشمەسلىكى

0
1545
ئۇرۇقداننىڭ تۆۋەن چۈشمەسلىكى 睾丸未降 隐睾

ئۇرۇقداننىڭ تۆۋەن چۈشمەسلىكى

睾丸未降 隐睾 

İnmemiş testis  kriptorşit

  cryptorchidism

سوئال: مەن 17 ياشلىق بىر يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، ئۇنىڭ ئۇرۇقدېنى ئۇرۇقدان خالتىسىغا چۈشمەيدىكەن. بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئاۋۋال، ئۇ بەزى مۇتەخەسسىسلەرگە كۆرۈنگەن بولسىمۇ، لېكىن داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى بولماپتۇ.

ئۇرۇقداننىڭ ئورنىنى قانداق بەلگىلەش كېرەك؟ ئوپېراتسىيە قىلىنسا، ئۇنىڭ قانداق تەسىرى بولىدۇ؟

ئۇرۇقداننىڭ تۆۋەن چۈشمەسلىكى 睾丸未降 隐睾

دوختۇر: پەقەت قول بىلەن سىلاپ ياكى ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق، ئۇرۇقداننىڭ ئورنىنى بەلگىلەشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق. ئومۇمەن چاتراق كانىلىدىكى ئۇرۇقداننى قول بىلەن سىلاش بىلىش مۇمكىن، ئەگەر قورساق بوشلۇقىنىڭ باشقا يېرىدە بولسا، ئۇنىڭغا ئوپېراتسىيە ئارقىلىق دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ.

دوختۇر ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق، ئۇرۇقداننى ئۇرۇقدان خالتىسىغا چۈشۈرەلەيدۇ. بىراق بۇنداق ئوپېراتسىيىگە ئوخشاش بولمىغان قاراشلار بار، بەزى دوختۇرلار 25 ياشقا كىرىشىنى كۈتۈش كېرەك، شۇ چاغدا ئۇرۇقدان ئۆزلۈكىدىن ئۇرۇقدان خالتىسىغا چۈشۈشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى دوختۇرلار بولسا، بالدۇرراق ھورمون ئارقىلىق داۋالاشنى ياكى ئوپېراتسىيە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

ئۇرۇق قىسمى ياكى چاتراق كانىلى تېمپېراتۇرىسى ئاستىدا يېتىلمىگەنلىكتىن، ئۇرۇقدېنى چۈشمىگەن كىشى جىنسىي ئىقتىدارغا ئىگە بولسىمۇ، ئومۇمەن ئۇرۇقداننىڭ چۈشمەسلىكى سەۋەبىدىن تۇغماسلىق كېسىلى كېلىپ چىققاندىلا، دوختۇر ئوپېراتسىيە قىلىدۇ.

مەزكۈر ماتېرىيال شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987-يىلى نەشىر قىلىنغان «سالامەتلىك ۋە جىنسىيەت» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
تىببىي پەن دوكتورى لىمون كېراك (ئامېرىكا)
يازغۇچى، مائارىپ ماگىستىرى ئىسادور روبىن (ئامېرىكا)

دوختۇرلار تورى تولۇقلىما مەزمونى:

ھازىرقى غەرىپ مېدىتسىنادا ئۇرۇقدان چۈشمەسلىك كېسىلى كۆرۈلگەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۈچۈن كۆپىنچە تەۋسىيە قىلىدىغان داۋالاش ئۇسۇلى: ئوپىراتسىيە قىلىش ۋە ھورمونلۇق داۋالاش.
 
ئوپىراتسىيە قىلىش: بوۋاقلار تۇغۇلۇپ، ئالتە ئاي ۋە بىر ياش ئارىلىقىدا، ئۇرۇقدان ئەگەر ئۇرۇقدان خالتىسىغا چۈشۈپ يەرلەشمىسە، ئوپىراتسىيە قىلىشنى تەۋسىيە قىلماقتا .
 
ھورمونلۇق داۋالاش: داۋالاش ئۈنۈمى ھېلىھەم تارتىلىشىۋاتىدۇ. شۇڭا تەۋسىيە قىلىدىغانلار ئاز.
 
شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى مۇنتىزىم بالىلار دوختۇرىدا كونترول تەكشۈرۈش قىلىش جەريانىدا، مۇشۇ نۇقتىغىمۇ دىققەت قىلىش لازىم.
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here