دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
31 تانە باھا سۆزى بار
4611 يازمىسى بار

47،XYY يىغىندى ئالامىتى (ياقۇپ يىغىندى ئالامىتى)

47،XYY يىغىندى ئالامىتى، ئەرلەردە كۆرۈلىدىغان بىر خىل گېن ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك ئەھۋال بولۇپ، نورمال ساغلام ئەركەكلەردىكى بىر X ۋە بىر Y خىروموسوم (46,XY) نىڭ ئورنىغا، ھۈجەيرىلىرىدە بىر ئارتۇق Y خىروموسوم (47,XYY) بولىدۇ. بۇ ئەھۋال ھەر 1000 تىرىك تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقنىڭ بىرىدە ئۇچرايدۇ. كۆپىنچە كىشىلەردە كۆرۈنەرلىك ئالامەتلەر بولمىغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆمرىدە بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزىدە بارلىقىنى بىلمەي ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇ «ياقۇپ يىغىندى ئالامىتى» (Jacobs Syndrome) ياكى «XYY يىغىندى ئالامەتلىرى، XXY,47 ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ترىزومى X كېسىلى (ئۈچ X يىغىندى ئالامىتى)

ترىزومى X كېسەللىكى، يەنە «ئۈچ X يىغىندى ئالامىتى» ياكى «47,XXX» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان بىر خىل خروموسوم نورمالسىزلىقى بولۇپ، بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىسىدە ئادەتتىكى ئىككى X خروموسومىنىڭ ئورنىغا ئۈچ X خروموسومى بولىدۇ. بۇ كېسەللىك دائىم يېنىك دەرىجىدە ئىپادىلىنىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆمرىدە ئۆزىنىڭ بۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلمەي ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ كېسەللىكنى چۈشىنىپ باقماقچى بولسىڭىز ،قېنى دېققىتىڭىز مەزكۇر ماقالىمىزدە بولسۇن. 

كلىنفەلتەر يىغىندى ئالامىتى ( XXY يىغىندى ئالامىتى )

كلىنفەلتەر يىغىندى ئالامىتى ئەرلەرنىڭ ئادەتتىكى XY جىنسىي خروموسومىغا بىردىن ئارتۇق X خروموسومى قوشۇلۇپ قېلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان خروموسوم كېسەللىكىدۇر. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان شەكلى XXY بولۇپ، بۇ ئارتۇق گېنېتىكىلىق ماتېرىيال ئۇرۇقداننىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشىغا ۋە تېستوستېرون (ئەرلىك ھورمونى) ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ھالەت ئەرلەرنىڭ جىسمانىي ئالاھىدىلىكى، نەسىللىنىش (كۆپىيىش) ۋە بەزىدە ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

13-ترىزومى ( پاتائۇ يىغىندى ئالامىتى )

13-ترىزومى كېسىلى، مېدىتسىنادا پاتائۇ يىغىندى ئالامىتى (Patau Syndrome) دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئېغىر دەرىجىدىكى تۇغما نۇقسانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل خروموسوم كېسەللىكىدۇر. بۇ ماقالىدە بىز بۇ كېسەللىكنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى چوڭقۇرلاپ مۇلاھىزە قىلىمىز.

ترىزومى 21 (دوۋن يىغىندى ئالامىتى)

دوۋن ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى (Down Syndrome) ياكى تېببىي ئاتالغۇدا ترىزومى 21 دەپ ئاتالغان بۇ ئەھۋال، ئىنسانلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۇغما خروموسوم كېسەللىكىدۇر. بۇ بىر گېنلىق ئەھۋال بولۇپ، ئۇنىڭغا گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس جىسمانىي ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارىدا بەزى پەرقلەر بولىدۇ. 

ترىزومى 18 ( ئېدۋاردس يىغىندى ئالامىتى )

ترىزومى 18، تېببىي ئاتالغۇدا ئېدۋاردس ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى (Edwards Syndrome) دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان ئېغىر دەرىجىدىكى خروموسوم كېسەللىكىدۇر. بۇ كېسەللىك بوۋاقنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، نۇرغۇنلىغان تۇغما نۇقسانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە بۇ تۇغما كېسەللىك كۆرۈلگەن بوۋاقلارنىڭ ئۆمرىمۇ قىسقا بولىدۇ. 

كۆپ ئۇچرايدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشلىرى

تۆۋەندە چوڭلاردا ۋە بالىلاردا مەزگىلىدە كۆپ ئۇچرايدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە بۇنىڭ بىلەن ئالاقىدار داۋالاشلار، ۋاكسىنىلار توغرىسىدا مەزمۇنلارنى يىغىنچاقلاپ قويدۇق. ھەربىر كېسەللىكنىڭ ئاستىدىكى ئادرىس بىلەن تەپسىلىي مەزمۇنلارنى تاپالايسىز.

قىزىل كېسىلى ھەققىدە

قىزىل ( Measles ) قىزىل ۋىرۇسى ( Measles Virus ،MV ) كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆتكۈر نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسىلى بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىدە يۇقۇمچانلىققا ئىگە. گەرچە...

غالجىر كېسىلى ھەققىدە

غالجىر كېسىلى ( Rabies ) غالجىر ۋىرۇسى ( Rabies virus ) كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، ئاساسلىقى يۇقۇملانغان ھايۋانلارنىڭ (بولۇپمۇ كوچىدىكى ياۋايى ئىتلار، مۈشۈكلەر ) چىشلىشى ياكى تاتىلىشى ئارقىلىق ئىنسانلارغا تارقىلىدۇ. ئەگەر غالجىر كېسىلىنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، دېققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن:

سوغان كېسىلى ھەققىدە

سوغان خەلىقئارادا گېرمانىيە قىزىلى ( German measles ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، خەلق ئارىسىدا بەزىدە يەلتاشما دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ. ئۇ سوغان ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى. بۇ كېسەللىك پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت، بولۇپمۇ بالىلار ۋە ياش - ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. گەرچە سوغان ئادەتتە كېسەللىك ئالامەتلىرى بىر قەدەر يېنىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئەگەشمە كېسەللىكلىرى ۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىلىگە بولغان تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.