دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
29 تانە باھا سۆزى بار
4476 يازمىسى بار

ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى توغرىسىدىكى بىلىملەر

قۇلاق كېسەللىكلىرى تىلغا ئېلىنسا نۇرغۇن كىشىلەر ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنى ئويلايدۇ، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى تىلغا ئېلىنسىلا كۆپ قىسىم كىشىلەر شۇ قۇلاقتىن يىرىڭ ئاقىدۇ ئۇنچە ئېغىر كېسەللىك ئەمەس دەپ ئويلايدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، سەل دىققەت قىلمىغاندا ئاڭلاش ئىقتىدارى مەڭگۈلۈك تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇڭا ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ئوتتۇرا ياشتىكى ئەرلەر بۇ ئالامەتلەرگە سەل قارىماڭ!

ئەرلەر ئائىلنىڭ تۈۋرۈكى. ئۇلار ئوتتۇرا ياشقا كىرگەندىن كېيىن كۆپ خىل بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل مېھماندارچىلىق ۋە مۇرەككەپ كىشىلىك مۇناسىۋەت ئۇلارنىڭ جىسمانىي كۈچى ۋە زېھنىي كۈچىنى ئېغىر دەرىجىدە خورىتىپ، سالامەتلىكىنى ناچار ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. لېكىن ئوتتۇرا ياشقا كىرگەندە، ئەرلەرمۇ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە كۆپرەك دىققەت قىلىشى، بولۇپمۇ تۆۋەندىكى بەش خەتەرلىك سىگنال كۆرۈلگەندە سەل قارىماسلىقى كېرەك.

ئەرلەر ئىسپېرما چىقارغاندا تەڭلا سۈيدۈك چىقىپ كېتىدىغان ئەھۋال بولامدۇ؟

جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ئەرلەردە سۈيدۈك ۋە مەنىي چىقىرىش بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرەمدۇ؟ ئەرلەرنىڭ فىزىيولوگىيەلىك تۈزۈلۈشى ئۇرۇق بىلەن سۈيدۈكنىڭ پەقەت بىرلا يولدىن چىقىشىنى بەلگىلەيدۇ، لېكىن نورمال ئەھۋالدا، ئۇرۇق بىلەن سۈيدۈك بىرلا ۋاقىتتا چىقىپ كەتمەيدۇ.

راك ھۈجەيرىلىرى ئادەم بەدىنىنى قانداق ھالاك قىلىدۇ؟

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 2003-يىلى جوبىسقا ئاشقازان ئاستى بېزى راكى دەپ دىياگنوز قويۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى سەككىز يىل ئىچىدە، ئۇ تۈرلۈك داۋالاشلار ئارقىلىق كېسەللىك...

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمە ئۈچۈن تۆۋەنلەيدۇ؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نورمال ئېغىرلىقى ئادەتتە 2500 گرامدىن 4000 گرام ئەتراپىدا بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى دائىم كۆرۈلىدىغان ھادىسە، بولۇپمۇ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى بىر نەچچە كۈندە تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ. نۇرغۇن يېڭى ئاتا ئانىلار بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆپىنچە بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان بۇ خىل بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش ئەھۋالى مېدىتسىنادا «فىزىيولوگىيەلىك بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە زىيادە ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

كرېمنىي رولى

 كرېمنىي 1970-يىلى ئاندىن ئىنسانلارغا زۆرۈر لازىملىق مىكرو ئېلېمېنت دەپ تونۇلدى. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يۈرەك قان تومۇر، سۆڭەك، بۆرەك كېسەللىكلىرى، ھەتتا قېرىش قاتارلىقلار ئۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ تەڭپۇڭسىز بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

بۆرەق قىسمىنى ئۇرغاندا ئاغرىش

بۆرەك رايونىنى چەككەندە ئاغرىش بۆرەك تۇرۇشلۇق رايونغا يېنىك زەربە بەرگەندە پەيدا بولىدىغان ئاغرىق ياكى بىئاراملىق تۇيغۇسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئاغرىقنى كۆپ خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، بۆرەك يۇقۇملىنىش، تاش چۈشۈش ياكى باشقا بۆرەك مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مېنىرال ماددىلارنىڭ رولى

مىنېرال ماددىلار ئورگانىزم توقۇلمىلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان مۇھىم ماتېرىيال، ھۈجەيرە ئىچكى، سىرتقى سۇيۇقلۇقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي بولۇپ، سۇيۇقلۇقنىڭ مۇئەييەن ئوسموتىك بېسىمىنى ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقىنى نېرۋا، مۇسكۇللارنىڭ قوزغىلىشچانلىقىنى ساقلايدىغان ئورگانىزمدىكى ئالاھىدە فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارغا ئىگە ماددىلارنىڭ مۇھىم تەركىبى، نۇرغۇن ئېنزم سىستېمىلىرىنى ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددا، ياردەمچى فاكتور ياكى تەشكىل قىلغۇچى تەركىبتىن ئىبارەت.

سۈيدۈك يولدا يانما ھىسسى

سۈيدۈك يولى ئوتتەك قىزىش سېزىمى سىيگەندە ياكى سىيگەندىن كېيىن سۈيدۈك يولى رايونى ئوتتەك قىزىش ياكى سانجىپ ئاغرىش سېزىمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆپ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، بۇ يۇقۇملىنىش، تاش چۈشۈش، ئۆسمە ياكى باشقا سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا قاچان چىش چىقىدۇ؟ كېچىكىپ چىش چىقىشنىڭ سەۋەبى نىمە؟

بوۋاقلارنىڭ چىش چىقىش مەزگىلى نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم يېتىلىش باسقۇچى ھېساپلىنىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئادەتتە تۇغۇلۇپ بىر نەچچە ئاي ئىچىدە سۈت چىشى چىقىشقا باشلايدۇ، لېكىن كونكرېت ۋاقتى بوۋاقنىڭ بەدەن پەرقىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. قىسمەن بوۋاقلارنىڭ چىش چىقىش مۇساپىسى ئوخشاش ياشتىكى بالىلارنىڭكىدىن ئاستا بولغاچقا، ئاتا - ئانىلار بۇنىڭ ئوزۇقلۇق مەسىلىسى ياكى يېتىلىشىنىڭ نورمالسىزلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ - يوق، دەپ ئەندىشە قىلىشى مۇمكىن. بۇ ماقالىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نورمال چىش چىقىش ۋاقتى، چىش چىقىش كېچىكىش قاتارلىق دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەر ھەمدە ئاتا - ئانىلارنىڭ قانداق قىلىشى توغرىلىق بەزى مەسىلىلەردە توختىتىلىمىز: