دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
29 تانە باھا سۆزى بار
4476 يازمىسى بار

نىكوتىن كىسلاتاسىنىڭ رولى

نىكوتىن كىسلاتاسى B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار ئارىسىدىكى ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق مىقدارى ئەڭ ككپ ۋىتامىن بولۇپ، ئۇ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاپلا قالماي، يەنە جىنسىي ھورمۇننىڭ بېرىكتۈرۈلۈشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ماددىدۇر. تېرە يىرىكلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ۋە بېسىمنى يەڭگىللىتىش جەھەتتە، نىكوتىن كىسلاتاسىنىڭ رولىغا ھەرگىز سەل قارىغىلى بولمايدۇ.

نېمە ئۈچۈن رېماتىزىم كېسىلى كۈز ۋە قىش پەسلىدە قوزغىلىدۇ؟

گەرچە تۇرمۇش سۈپىتىمىز تەدرىجىي ئۆسكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەتراپىمىزدا نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ كىشىلەر يەنىلا رېماتىزىمنىڭ ئازابىنى تارتىدۇ؟ بولۇپمۇ كۈز ۋە قىش پەسىلىدە تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ؟

​نېمە ئۈچۈن ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا كۆزى ئىششىپ قالىدۇ؟

نۇرغۇن كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن تېرىسى مايلىشىپ كېتىدۇ، بەزىلەرنىڭ چېچى بىر خىل پۇرايدۇ. يۈز يۇيۇپ، چىش چوتكىلىغاندىن كېيىن ياخشىلىنىش بولىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ كۆز-قاپىقى ئىششىپ كېتىدۇ. بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ بولۇشى بەش سەۋەب بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار قاچاندىن تارتىپ تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاش كېرەك؟

تۆمۈر ماددىسى - يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم مىكرو ئېلېمېنت، بولۇپمۇ چوڭ مېڭە ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىدە تەڭداشسىز رول ئوينايدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېنىدە بەلگىلىك مىقداردا تۆمۈر زاپىسى بولىدۇ، لېكىن ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، بۇ زاپاس ماددىلار بىر نەچچە ئاي ئىچىدە تەدرىجىي خوراپ تۈگەيدۇ. شۇڭا مۇۋاپىق ۋاقىتتا تۆمۈر تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم.

پەللە دىگەن نىمە؟

جۇڭگو تېبابىتىدە «پەللە» ئادەم بەدىنىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى بەزى ئالاھىدە نۇقتىلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بەدەندىكى جىڭلو، ئىچكى ئەزالار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئالاھىدە فىزىيولوگىيەلىك رولغا ئىگە. بۇ پەللىلەر جۇڭگو تېبابىتىدە داۋالاشتا يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش، ئۇۋۇلاش، ئەمەن بىلەن داغلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەرگە ئىشلىتىلىپ، بەدەندىكى قان ۋە قۇۋۋەتنىڭ ئايلىنىشىنى تەڭشەپ، مۇئەننەس ۋە مۇزەككەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، بەدەننىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.

ۋىتامىننىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى

ۋىتامىن ھاياتلىقنى ساقلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددىدىن ئىبارەت. گەرچە ئۇنىڭ ئېھتىياجلىق مىقدارى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، لېكىن بەدەندە ئۇ كەمچىل بولغاندا تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

چوڭ تەرەتتە قان كېلىش

1. بوۋاسر:مەقئەت ئەتراپىدىكى ۋېنالارنىڭ ئەگرى - بۈگرى كېڭىيىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ، دائىم چوڭ تەرەتتىن قان كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ۋىتامىن بىلەن مىنىرال ماددىنىڭ پەرقى

ۋىتامىن ئورگانىك بىرىكمىدىن ئىبارەت، مىنېرال ماددا بولسا ئانئورگانىك بىرىكمىدىن ئىبارەت. ۋىتامىن بولسا ئورگانىزىمدىن ياسىلىپ چىقىدىغان ئورگانىك بىرىكمە بولۇپ، ئورگانىزىم تەرىپىدىن تولۇق پايدىلىنىلغاندىن كېيىن كاربون(IV) ئوكسىدى بىلەن سۇغا ئايلىنىدۇ؛ مىنېرال ماددا بولسا تۇپراق، تاشلارنىڭ تەكرىبىدە ساقلىنىدۇ، ئورگانىزىم ئۇلارنى تۇپراقتىن بىۋاسىتە قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۆز تېنىدە ساقلايدۇ.

يەل چىقىرالماسلىق (ئوسۇرالماسلىق)

گاز چىقىرالماسلىق ئۈچەي توسۇلۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ئۈچەينىڭ ئىچكى قىسمىدا توسۇلۇپ قالغان ماددىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ، گاز ۋە چوڭ تەرەتنىڭ نورمال ئۆتەلمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئېغىر قورساق ئاغرىش، قۇسۇش ۋە باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا ۋاقتىدا دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش كېرەك.

ۋىتامىننى زىيادە كۆپ مىقداردا تولۇقلاش مۇۋاپىق ئەمەس

ۋىتامىن قوبۇل قىلىش يېتەرلىك بولمىسا، ھەرخىل ۋىتامىن كەملىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئەمما قوبۇل قىلىش زىيادە كۆپ بولسا، بولۇپمۇ ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىننى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلغاندا، ۋىتامىن جۇغلىنىپ قېلىش خاراكتېرلىك زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.