ئانا سەھىپەخانىم قىزلارتەربىيە ۋە ساۋاقئاياللار بۇنداق ئەرلەر بىلەن قەتئىي توي قىلماسلىقى كېرەك

ئاياللار بۇنداق ئەرلەر بىلەن قەتئىي توي قىلماسلىقى كېرەك

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

كۈپكۈندۈزدە، خالتا كوچىلاردا، ھەتتا ھاجەتخانىسىمۇ بولمىغان كىچىك ياتاقلاردا، بىر ئايال مەلۇم بىر ئەر بىلەن غەيرىي مۇناسىۋەتتە بولسا، بۇ ئەر ئۆز نەپسىنى قاندۇرغاندىن كېيىن، بۇ ئايالنى «يەڭگىلتەك، شاللاق» دەپ تىللىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاياللارغا نىسبەتەن «بالدۇر ئېچىلغان گۈل بالدۇر توزۇيدۇ»، يەنى ئاياللار مۇھەببەت ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان ھالەتتىمۇ، يەنە شۇ ئۆزى سۆيگەن ئەرگە ئېرىشەلىشى تەس. يەڭگىلتەكلىك بىلەن قارار چىقىرىپ، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ قىلغان ئىشنىڭ نەتىجىسى ھامان خەيرلىك بولمايدۇ. ئاياللار بەختى نىكاھتىن كېلىدۇ، ياخشى ئەر بىر ئايالنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختى، شۇڭا ئاياللار جورا تاللاشتا تولىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەي، يەڭگىلتەكلىك قىلماي، ئۆزىگە ئۆمۈرلۈك يۆلەنچۈك بولالايدىغان ئەرنى تاللىشى كېرەك.

1. ئۆزىدىن كىچىك ئەرلەر
ئاياللارنىڭ ئۆزىدىن كىچىك ئەرلەرگە قىزىقىشى نورمال ئەھۋال، خاتا ئىش ئەمەس. خاتا دېيىشكە توغرا كەلسە، ئاياللارنىڭ بۇنداق ھېسسىيات ئالدىدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويىشى، تۇرمۇش نىشانىنى يوقىتىپ قويىشى ۋە بۇنى مۇھەببەت دەپ چۈشىنىپ قېلىشى. ئاياللار يولۇققان ئۆزىدىن كىچىك ئەرلەرنى تېتىشلىك ئەمما قۇۋۋىتى يوق تېز تاماقخانا تائاملىرىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ، شۇڭا ئاياللار ئۆزىدىن كىچىك ئەرلەرگە يولۇققاندا، ئۇنى چىن مۇھەببەت دەپ چۈشىنىپ، بەك كىرىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

2. بەك قاملاشقان شۇنداقلا ئىستېداتلىق ئەرلەر
ئەرلەر چىرايلىق قىزلارغا بەك ئامراق، ئەمما كىممۇ ئاياللار قاملاشقان ئەرلەرگە ئامراق ئەمەس، دەپ كېسىپ ئېيتالايدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، قاملاشقان ئەرلەرمۇ ئاياللارنى بەكلا جەلپ قىلالايدۇ. ئەمما قاملاشقان ئەرلەر ئىشەنچلىك ئەمەس، ئۇلار خۇددى گۈلدىن-گۈلگە قونۇپ يۈرىدىغان كېپىنەككە ئوخشايدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى بارلىق چىرايلىق قىزلار ئارىلىشىپ بېقىشنى ئويلايدۇ. ئەگەر بۇنداق قاملاشقان ئەرلەرنىڭ يەنە ئازراق ئىستېداتى بولۇپ قالسا، ئۇلار خۇددى رىۋايەتلەردىكى شاھزادىلەرگىلا ئوخشاپ قالىدۇ.
يەنە كېلىپ، بۇنداق ئەرلەر ئۆزىگە بەك كۆيىدىغان بولغاچقا، پىكىر بىرلىكىگە كەلمەك بەك تەس، ئۇلار ئۆزىنىڭ دۇنياسىدىلا ياشاشنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، ئاياللار بۇنداق ئەرلەرگە يولۇققاندا، ئۇنى ئىنتايىن مودا بىر يۈرۈش كىيىم دەپ قاراپ، كىيىپ مودا ئېقىمنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ كۆرسىلا بولىدۇ. بۇنداق كىيىمنى ۋاقتىدا سېلىپ تاشلاپ، راھەت، تەن سالامەتلىككە پايدىلىق كىيىملەرنى كىيگىنى تۈزۈك.

3. كۆپ قېتىم مۇھەببەتلەشكەن ئەرلەر
بۇنداق ئەرلەرنىڭ يېنىدا ئاياللار كۆپ بولۇپ، ھەرخىل ئۇسلۇبتىكى، ھەرخىل مىجەز-خاراكتېرىدىكى ئاياللار بار. بۇنداق ئاياللارنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ھېسسىياتچان، كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى ئاياللارنى ئەخمەق قىلىدۇ دېسەكمۇ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار بىر ئايالغا ھەقىقىي مۇئامىلە قىلىدۇ، ئەمما ھەر قېتىم گۈل ئېچىلىدۇ، مېۋە بەرمەيدۇ.
بۇنداق ئەرلەرنى جەمئىيەتتىكىلەر «مۇھەببەتلىشىش ماھىرى، مۇھەببەت قاتىلى» دەپ ئاتىشىدۇ، ئەمما ئاياللارغا نىسبەتەن، شۈبھىسىزكى ئۇلار خۇددى ھەرۋاقىت پارتلايدىغان نىكاھ بومبىسىغا ئوخشايدۇ. بۇنداق ئەرلەر بىلەن توي قىلغان ئاياللار، چوقۇملا ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئەقلى دۈمبىسىگە چىقىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

4. سۆيگىنى ئۈچۈن پۇل خەجلەشنى خالىمايدىغان ئەرلەر
ئاياللارغا نىسبەتەن، ئەرلەرنىڭ پۇلدار ياكى كەمبەغەللىك پەرقى بولماستىن، بەلكى سۆيگەن ئادىمى ئۈچۈن پۇل خەجلەشكە كۆزى قىيىدىغان ياكى قىيمايدىغانلىق پەرقى بولىدۇ. بەزى ئەرلەرنىڭ يېنىدا بىر كوي پۇلى بولسا ئۇ توققۇز مو توققۇز پۇڭغا سۆيگىنى ئۈچۈن بىر تال كەمپۇت بولسىمۇ ئېلىپ بېرىشكە رازى. بەزى ئەرلەرنىڭ يېنىدا ھېسابسىز پۇلى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئاياللار ئۈچۈن پۇل خەجلەشتە، ئىنتايىن كۆپ ئويلىنىدۇ، ياكى بۇ پۇلنى خەجلەشكە ئەرزىمدۇ، ياكى بۇ پۇل قانداق نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ…. دىگەندەك. ئەگەر ئاياللارنىڭ كۆزى بىر سومكىغا چۈشكەن بولسا، ئۇ ئەر ئۇنىڭغا «بۇنداق سومكىڭىزدىن بەشى بارغۇ؟!» دەپ جاۋاب بەرسە، بۇنداق ئەرگە قەتئىي تېگىشكە بولمايدۇ. بۇنداق ئەرلەر ئاياللار بىلەن كارىۋاتقا چىققاندىن كېيىن، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەجلىگەن پۇلى ۋە تۆلىگەن بەدەللىرى بىكارغا كەتمىگەندەك ھېس قىلىدۇ.
ئەرلەرنىڭ ئاياللار ئۈچۈن پۇل خەجلەشكە رازى بولىشى ئۇنىڭ بۇ ئايالغا كۆڭلى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەرلەر بىر ئايالنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا پۇل خەجلەپ بېرىشنى بىر خىل خوشاللىق ئىش دەپ قارايدۇ. بۇ ئەر بەلكىم بۇ ئايالغا ئۇنچە قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن، يېنىدىكى پۇلىنىڭ يېتىشىچە، بىر قىسىم سوۋغىلارنى ئېلىپ سۆيگىنىگە سوۋغا قىلىدۇ، بۇ ئەرلەرنىڭ مۇھەببىتىنى ئىپادىلەشتىكى بىر خىل ئالاھىدە ئۇسۇلى، بۇنداق ئەرلەر شۈبھىسىزكى، ياخشى ئەردۇر.

5. تەرسا، مىجەزى ئوسال ئەرلەر
بۇنى كۆرگەن ئاياللار چوقۇم «بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ، بۇنداق ئەرلەر بىلەن قانداقمۇ توي قىلغىلى بولسۇن» دېيىشى مۇمكىن. مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئاياللارنىڭ ئەقلى دۈمبىسىگە چىقىپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مۇھەببىتى دادا، قەھرىمانلارنىڭ ئۇنىۋېرسال بىرلەشمىسى، مىجەزى ئوسال، تەرسا ئەرلەر ئاياللارنىڭ بۇنداق تەلىپىنى قاندۇرالايدۇ، بۇنداق ئەرلەرنىڭ ئەرلىك خاراكتېرى ئۈستۈن بولۇپ، ئاياللارنى قايىل قىلالايدۇ.
ئەمما بۇنداق ئەرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى، جەمئىيەتتە ئارىلىشىدىغان دوستلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، كۆپىنچىسى ئىچەرمەن، چېكەرمەن، ئاتارمەن…. دىگەندەكلەر. بۇنداق ئەرلەر باشقىلارنىڭ گېپىگە كىرمەيدۇ، ئائىلىنىڭ پۇت-قوللىرىنى چۈشەپ قويىشىغا چىدىمايدۇ.

6. زىيادە كەسىپچان ئەرلەر
كەسپى بار، نام-ئاتىقى بار ئەرلەر ئاياللارنى جەلپ قىلالايدۇ. ئەمما تۇرمۇش دىگەن ئائىلىدىكى تاماق ئېتىش، بالا بېقىش، بالا تەربىيەلەش، چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش دىگەندەك ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. تۇرمۇش دىگەندە كۈندە يىغىن، خىزمەت، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى….. دىگەندەكلەر بىلەن ئۆتۈپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. زىيادە كەسىپچان ئەرلەر بازاردىكى رىقابەتكە، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ يۈرۈشكە ….. ئادەتلەنگەن بولغاچقا، بۇلاردىن ئايرىلىپ ياشىيالمايدۇ. ئۇلار ھامان خىزمەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغاچقا، ئائىلىسى ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتالمايدۇ.

7. قىزىقىشى زىيادە كۆپ ئەرلەر
بەزى ئەرلەرنى قىزىقىشى زىيادە كۆپ، ئۇلار كېچىچە كومپىيوتېر ئويۇنلىرىنى ئوينايدۇ، بېلىق تۇتۇشقا بارسا ھەممىنى ئۇنتۇيدۇ. بۇنداق ئەرلەر بىلەن ئۆتسە پەقەت زېرىكمەيسىز، تۇرمۇشى كۆڭۈللۈك، مەنىلىك ئۆتىدۇ. ئەمما بۇنداق ئەرلەر تۇرمۇشنى ئويۇن قاتارىدا كۆرىدىغان بولغاچقا، ئائىلە مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ، بۇنداق ئەرلەر بىرەر نەتىجە چىقىرىشنى ئويلىمىغان بولسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش پەيزىنى سۈرۈپ، ئويناپ يۈرسىڭىز بولىدۇ، بەلكىم ئۇ سىزگە ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىشى مۇمكىن.
ئەمما بۇنداق ئەرلەر بىلەن قەتئىي توي قىلىشقا بولمايدۇ، تۇرمۇش دىگەن كىچىك بالىنىڭ ئويۇنى ئەمەستە، كۈندە ئويناپ-كۈلۈپ يايراپ يۈرگەن بىلەن، ئائىلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالماي قانداق ياشاش مۇمكىن؟!

8. بىلىم سەۋىيىسى زىيادە پەرقلىق ئەرلەر
بىلىم سەۋىيە دىگەنگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ، بىلىم سەۋىيىسى زىيادە يۇقىرى ياكى زىيادە تۆۋەن بولغاندا، پىكىر يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىدا زور پەرق بولىدۇ. بىلىم سەۋىيىسى يۇقىرى ئەرلەر بىلەن ئارىلاشقاندا، ئۇ سىزنى پۈتۈنلەي ناتونۇش بولغان بىر دۇنياغا باشلاپ قويىدۇ. بىلىم سەۋىيىسى تۆۋەن ئەرلەر مۇھەببەتكە بارلىقىنى بېغىشلىشىشى مۇمكىن، ئەمما بىلىم سەۋىيە ئادەمنىڭ تەپەككۇرىغا، ئىش-ھەرىكىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، بۇنداق ئەرلەر بىلەن توي قىلغاندا، پىكىر بىرلىكىگە كېلىش مۇمكىن ئەمەس.

9. ئائىلە شارائىتى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئەرلەر
ئادەتتە ئائىلە شارائىتىدىكى پەرق بەك چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، چۈنكى ئائىلە شارائىتى ئادەمنىڭ خاراكتېرىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىر ئادەم قانداق ئائىلىدە چوڭ بولسا شۇنداق ئۆسۈپ-يېتىلىدۇ. ئائىلە شارائىتى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئائىلىدە چوڭ بولغان ئىككى ئادەمنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئەپ ئۆتىشى بەسى مۈشكۈل.

10. شەھۋەتكە بېرىلمەيدىغان ئەرلەر
ئەرلەر شەھۋەتپەرەسرەك كېلىدۇ، ئادەتتە شەھۋەتپەرەس ئەرلەرنىڭ ئەخلاقىنىڭ راستلا ناچار بولىشى ناتايىن. بۇنداق ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشى مەنىسىز بولىدۇ، قىزىقىشى بولمايدۇ. رومانتىك ئاياللارنىڭ بۇنداق ئەرلەر بىلەن توي قىلىشى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىق بىلەن باراۋەر. بۇنداق ئەرلەر ئاسانلا پىسخىلوگىيە كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدىغان بولۇپ، گۇمانخور كېلىدىغان بولغاچقا، ئەندىشە ئىچىدىلا ياشايدۇ. بۇنداق ئەرلەر ئاياللارنى ھەرگىز بەختلىك قىلالمايدۇ، بەكمۇ قورقۇنچلۇق.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-10-25

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-10-22 / 06:29:52

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ