ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھۇجرا ۋە مۇھەببەتيىگىتىڭىزنىڭ مەڭگۈلۈك ھەمراھى بولاي دېسىڭىز..

يىگىتىڭىزنىڭ مەڭگۈلۈك ھەمراھى بولاي دېسىڭىز..

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ئامېرىكا پىسخولوگلىرىنىڭ قارىشىچە، يىگىت بىلەن قىز مۇھەببەتلەشكەندە، بىر-بىرىدىن كۈتىدىغان ئالتە تۈرلۈكتىن تەلىپى بولىدىكەن. يىگىتنىڭ تەلىپى ئىشەنچ، قوبۇل قىلىش، مىننەتدار بولۇش، ماختاش، ئېتىراپ قىلىش، ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن؛ قىزنىڭ تەلىپى كۆڭۈل بۆلۈش، چۈشىنىش، ھۆرمەتلەش، سادىق بولۇش، دەردىگە يېتىش، تەسەللى بېرىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

يىگىتلەر ھەرقانداق چاغدا يۈز-ئابرويغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ، ئىشلارنى كونكرېت ئېيتىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە چۈشەندۈرۈشنى تېخىمۇ خالىمايدۇ. شۇڭا، ئۇلار قىزلاردىن ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئىززەتلەشنى كۈتىدۇ.

1. ئىشەنچ.قىزلار ئوغۇللارغا قارىغاندا سەزگۈر بولىدۇ، كىچىككىنە ئىشنى ئاسانلا چوڭايتىۋېتىدۇ، يىگىتىگە تولۇق ئىشەنمەي ئۇنىڭدا بېسىم پەيدا قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قىزلار كۆڭلى-كۆكسىنى كەڭ تۇتۇشى، يىگىتىگە ئىشەنچ بىلەن قارىشى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ جەلپكارلىقىغىمۇ ئىشىنىشى كېرەك.

سىزگە تەئەللۇق نەرسە ھامان سىزنىڭ بولىدۇ، سىزگە تەئەللۇق بولمىغان نەرسە ۋاقتىنچە سىزنىڭكىدەك تۇرغىنى بىلەن بەرىبىر بىر ئۆمۈر سىزنىڭ بولمايدۇ. ئەگەر يىگىتىڭىزنى چوقۇم خاتالىشىدۇ دەپ قارىسىڭىز، ئۇنىڭغا ئەقىدە باغلىماڭ. چۈنكى، مۇھەببەت مەڭگۈلۈك بولىدۇ.

بارلىق يىگىتلەرنىڭ ئاتالمىش «ئەرلەر ئۈستۈنلۈكى» مۇقامىنى توۋلىشى ناتايىن، بىراق ھەممىسىلا سۆيگۈنىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىشنى خالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يىگىتىڭىز ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ ۋە پىلانلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئالقىشلاپ ماختىسىڭىز، ئۇنىڭدا «مەن قىز دوستۇم ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنمەن، قىز دوستۇم مېنىڭ ئەقىل كۆرسىتىشىمگە موھتاج ئىكەن» دېگەن تونۇش پەيدا بولۇپ، ئۇ سىزدىن تولىمۇ مەمنۇن بولىدۇ.

2. مىننەتدار بولۇش.بەزىدە قىز ئەتراپىدىكى ئىش ياكى ناچار كەيپىياتى توغرىسىدا يىگىتىگە دەردىنى تۆكۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق چاغدا يىگىت قىزنىڭ ئۆزىنى ئەڭ يېقىن، سۆيۈملۈك ئادىمى دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن دەرد تۆككەنلىكىنى توغرا چۈشەنمەي، ئۆزىگە بېسىم پەيدا قىلىۋالىدۇ.

تۇرمۇشىڭىزدىن ۋە يىگىتىڭىز ئاتا قىلغان بارلىق نەرسىلەردىن مىننەتدار بولسىڭىز، يىگىتىڭىز ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن سۆيۈنىدۇ-دە، تېخىمۇ شاد-خۇرام، ئەركىن-ئازادىلىككە چۆمىدۇ.

3. ماختاش.بەزى يىگىتلەر كىچىك بالىغا ئوخشاش ماختاپ ئۇچۇرۇشىڭىزنى خالايدۇ. چۈنكى، ئاشۇ ماختاش ئۇلارنىڭ ئالغا بېسىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ، قانداق قىلغاندا سىزنى تېخىمۇ خۇشال قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.

4. ئېتىراپ قىلىش.يىگىتلەر سۆيگۈنىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەندە دوستى، تۇغقىنىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەنگە قارىغاندا ئۆزىنى تېخىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ.

ئەگەر يىگىتنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولمىسا، ھامان بىر كۈنى سۆيگۈنىدىن ۋاز كېچىدۇ. بەزى يىگىتلەر كىچىك بالىدەك ناھايىتى گۆدەك بولۇپ شىلىسىڭىز، ماختىسىڭىز، شۇ ھامان گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ؛ ۋارقىراپ تىللاپ قويسىڭىز قورققىنىدىن قۇيرۇقىنى قىسىپ تىكىۋېتىدۇ.

. مەدەت بېرىش.يىگىتىڭىز بىلەن ئاراڭلاردا ئىختىلاپ كۆرۈلگەندە بېشىڭىزنى ئۇنىڭ كۆكرىكىگە قويۇپ ئۈن-تىنسىز سۈكۈت قىلسىڭىز، بۇنىڭ ئۈنۈمى بىرمۇنچە چالۋاقاپ كوتۇلدىغانغا قارىغاندا زور بولىدۇ.

بۇنداق قىلغاندا ئاچچىقى يانغاندىن كېيىن يىگىتىڭىز تەبىئىي ھالدا كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزگە يېقىنلىشىدۇ. بۇ خىل مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتى ناھايىتى ئۇلۇغ بولۇپ، يىگىتلەرگە زور روھىي ئوزۇق ئاتا قىلىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-10-26

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-10-22 / 06:29:59

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ