1 سىلىقلاش مېيىنى بوينىڭىزغا سۈرتۈپ، ئۇۋۇلاپ، بويۇن تېرىڭىزنىڭ ماينى تولۇق سۈمۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ
2. دائىم دېگۈدەك قول سىلىقلاش مېيى ئىشلىتىپ بېرىڭ، بولۇپمۇ ئۇخلاش ئالدىدا قول سىلىقلاش مېيى ئىشلەتسىڭىز، بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
3. ئۇخلاش ئالدىدا پۇتىڭىزنى سوزۇپ بەرسىڭىز، ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. سىز پەقەت نەچچە مىنۇت ۋاقىت ئاجرىتىپلا، بىر ئاز ھەرىكەت قىلسىڭىز، بېسىمنى ئازلىتىپ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرەلەيسىز.
4. ئۇخلاش ئالدىدا بەك جىق قايناق سۇ ئىچىۋەتمەڭ. بولمىسا ئەتىسى ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا، ئىككى كۆزىڭىز ئىششىپ قالىدۇ.
5. كۈندۈزى بەك كۆپ يول مېڭىپ ھېرىپ قالسىڭىز ياكى ئۆرە تۇرۇپ ئىشلىگەن بولسىڭىز، ئىككى پۇتىڭىز تىلىپ ئاغرىيدۇ، شۇڭا سىز ئۇخلاش ئالدىدا پۇتىڭىزغا سىلىقلاش مېيىنى سۈرتۈپ ئۇۋۇلاپ، پۇتىڭىزنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىڭ. بۇنداق بولغاندا پۇتىڭىزنىڭ ئېلاستىكىلىقى ئەسلىگە كېلىدۇ.