ئانا سەھىپەخانىم قىزلارئاياللار ساغلاملىقىئاياللار ئۇخلاشتىن بۇرۇن يوتىنىڭ ئىچى تەرىپىنى ئۇۋۇلاش سالامەتلىككە پايدىلىق

ئاياللار ئۇخلاشتىن بۇرۇن يوتىنىڭ ئىچى تەرىپىنى ئۇۋۇلاش سالامەتلىككە پايدىلىق

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئاياللار ھازىر كۈتۈنۈشنى بارغانسېرى چۈشىنىۋاتىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر كۈتۈنۈشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىدۇ، يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇشتا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ، يەنە بەزى ئاياللار كۈتۈنۈشتە ئۇۋۇلاشنى ئاساس قىلىدۇ، بەدىنىمىزدە پەللىلەر ناھايىتى كۆپ، مۇۋاپىق ئۇۋۇلاش سالامەتلىككە پايدىلىق.

بەدىنىمىزدە نۇرغۇن پەللىلەر يىغىلغان بولۇپ، ئادەتتە بۇ پەللىنى كۆپرەك غىدىقلىسا، ئويلىمىغان پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ يەر دەل بىزنىڭ يوتىمىزنىڭ ئىچى تەرىپى.

1. بىزنىڭ ئورۇقلىشىمىزغا ياردەم قىلىدۇ.

بەزى ئاياللار خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ۋاقتى يوق دېيەرلىك، ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرسا ياغنىڭ قورساق ۋە يوتىغا يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت بۇنداق بولغاندا گۈزەللىككە تەسىر يېتىپلا قالماي، سالامەتلىككىمۇ تەسىر يېتىدۇ، ئەگەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن يوتىنىڭ ئىچكى تەرىپىنى ئۇۋۇلىساق، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، پۇتتىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇلۇق ئىششىقنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، سەمرىپ كېتىشكە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.

2. جىگەر تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ.

جىگەر بىزنىڭ زەھەرنى تازىلاپ، زەھەرنى قايتۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، بەدەنگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا جىگەرنىڭ ساغلاملىقى بىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە يوتىنىڭ ئىچكى تەرىپىگە جىگەر تومۇرى جايلاشقان بولۇپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يوتىنىڭ ئىچكى تەرىپىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، جىگەر تومۇرىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىگەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى زەھەر تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا جىگەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرىدۇ.

3. بۆرەك تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ.

يوتىنىڭ ئىچى تەرىپى بىز ئادەتتە ئانچە يېقىنلىشالمايدىغان جاي، لېكىن يوتىنىڭ ئىچى تەرىپىدىمۇ پەللىلەر بىر قەدەر كۆپ، ئادەتتە كۆپرەك بېسىپ ئۇۋۇلاپ بەرسە، جىگەرنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە بۆرەكنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۆرەكنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، بۆرەكنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/19117964.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-25

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-20 / 04:29:24

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ