ئانا سەھىپەخانىم قىزلارتەربىيە ۋە ساۋاقئاياللارنىڭ ساپاسى مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ

ئاياللارنىڭ ساپاسى مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئائىلە ــــ بىر ئادەمنىڭ ئەخلاق ــ پەزىلىتىنىڭ يارىتىلىشىدىكى تۇنجى ، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم مەكتەپ . دەل ئاشۇ ئائىلىدە ھەر بىر ئادەم ئەڭ ياخشى ياكى ئەڭ يامان ئەخلاقىي چېنىقىشقا ئۇچرايدۇ .

ئائىلىدە ئاساسلىقى بىر ئادەمنىڭ قەلبى ئېچىلىشقا ، ئادەتلىرى پەيدا بولۇشقا ، ئەقلى ئويغىنىشقا ، ئېسىل ياكى قەبىھ ئەخلاق ــ پەزىلىتى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشكە باشلايدۇ .

ئاياللارنىڭ ساپاسى مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ

مىللەتنىڭ گۈللىنىشى يەسلىدىن باشلىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، بالىلارنى تەربىيلەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھۆكۈمەتنى باشقۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىنمۇ چوڭقۇر بولىدۇ .

شەخىسنىڭ ھاياتىدا ئائىلىسىدىكى ياخشى باشلىنىش ۋە تەقدىم قىلىش روھى بولمايدىغان بولسا ، ئۇنىڭ ئەخلاقى پەقەت ساختا نىقابقا ئورالغان ئەخلاق ــ پەزىلەتتىنلا ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ .

ئۆز پەرزەنتىگە مېھرى بولمىغان كىشىنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان ھەقىقىي مېھىر ـ مۇھەببەتنى ئىپادىلىيەلىشى مۇمكىن ئەمەس .

ئائىلە مەدەنىيلىككە ئەڭ تەسىر قىلىدىغان مەكتەپ . چۈنكى ، مەدەنىيلىكنىڭ ئۆزى ئاخىرقى ھېسابتا شەخس مەشىق قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدۇ . جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ ياش ــ ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە ئالغان ياخشى ياكى يامان تەربىيىسى جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ .

مىلتوب : « سەھەر شۇ كۈندىن ئالدىن بىشارەت بەرگەندەك ، بالىلىق دەۋر بىر ئۆمۈردىن ئالدىن بىشارەت بېرەلەيدۇ » دېگەنىدى .

قەدىمكى يۇناننىڭ مۇنداق ئەقلىيە سۆزى بار : « ئەگەر بالىڭىزنى قۇلغا تەربىيلەتكۈزسىڭىز، ئۇنداقتا سىز بىر قۇلغا ئەمەس ، ئىككى قۇلغا ئېرىشىسىز .»

گېئورگې خېربېرت : « بىر ياخشى ئانا يۈز نەپەر مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنى بېسىپ چۈشىدۇ » دېگەنىدى .

ئانا بىز ئىنسانلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان ئىلاھىمىز ، ئۇنىڭ تەسىرى مەڭگۈلۈك ۋە ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ .

تۇرسى : « مەيلى سىز قانچە ئۇزق ياشاڭ ، تۇنجى يىگىرمە يىل سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ تەڭ يېرىمى بولىدۇ » دېگەنىدى .

فرانسىيەنىڭ : « ئاياللار بولمىسا ، ئەرلەر مەڭگۈ ئىش كۆرمىگەن كىچىك بالا بولۇپ قېلىۋېرىدۇ » دېگەن ماقالى بار .

بىر ئائىلىدە ئەگەر ئانىنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى دۇرۇس بولمىسا ، ئاتىنىڭ سۆز ــ ھەرىكىتى ھەر قانچە مەدەنىي بولسىمۇ ، بالىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا ياراملىق ئادەم بولالىشى تولىمۇ قىيىن .

ئاياللار ئىنسانىيەتنىڭ ئېسىل ئەخلاق ــ پەزىلىتىنى يارىتىدۇ . بۇ ئىش ئۇلارنىڭ دۇنياغا مەشھۇر رەسىملەرنى سىزىشى ، ئۆلمەس مەشھۇر ئەدەبىي ئەسەر ۋە درامىلارنى يېزىشىغا قارىغاندا تېخىمۇ يارقىن بولىدۇ .

ئايال كىشى ئاقىلانە تەربىيە ئالغاندىن كېيىن ، ئارتۇقچە گۆدەكلىك قىلمايدىغان ۋە يەڭگىللىك بىلەن قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەيدىغان بولۇپ ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ئۈنۈملۈك ساقلىنالايدىغان بولىدۇ . ئەخلاق ۋە دىننىڭ تەربىيىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ، ئۇ ۋۇجۇدىدىكى سەزگۈ ئەزالارنىڭ ئېزىقتۇرىشىغا ئۇچرىمايلا قالماي ، ھەرخىل تەسىرلەرنى توسىيالايدىغان تېخىمۇ زور كۈچ ۋە ئىرادىگە ئىگە بولىدۇ .

ئەگەر بىر مىللەتنىڭ ئەخلاقى ئەھۋالى ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ ئائىلىدە ئالغان تەربىيىسىگە باغلىق بولسا ، ئۇنداقتا ئاياللارنىڭ تەربىيلىنىش مەسىلىسىى مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە دەپ قارىلىشى كېرەك .

ئەرلەرنىڭ ئەخلاق ــ پەزىلىيىتى ۋە مەنىۋى كۈچى پەقەت ئاياللارنىڭ ئەخلاقىي پاكلىقى ۋە زېھنىي تەربىيلىنىشى ئىچىدىلا ئەڭ ئىشەنچلىك كاپالەت ۋە مەدەتكە ئېرىشەلەيدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-09-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 12:09:48

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ