ئانا سەھىپەخانىم قىزلارتەربىيە ۋە ساۋاقئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ زىيىنى

ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ زىيىنى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت
ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ زىيىنى

ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ زىيىنى

نۆۋەتتە تېلىۋىزور ۋە رادىئولاردا ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش ھەققىدىكى ئېلان تەشۋىقات شامىلى خېلىلا ئەۋج ئېلىپ قالدى.ئېلاننى كۆرگەن، ئاڭلىغان كىشىگە بۇ ئىش تولىمۇ ئاددى ھەم غەم-قايغۇسىز ئىشتەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇنداقتا ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش راستلا شۇنداق ئاسان، غەم قايغۇسىز،ھىچقانداق خىيىم-خەتىرى ھەم زىيىنى يوق ئىشمۇ؟ ئەمىلىيەتتە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇنداقتا ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ زادى قانداق زىيانلىق تەرەپلىرى بار كۆرۈپ باقايلى:
1. سۈنئى ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش ئەگەشمە كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ:-يەنى ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش داۋامىدا جىنسىي يول ياكى بالىياتقۇ بوينىدىكى مېكروبلار بالىياتقۇغا كىرىپ كېتىپ، بالىياتقۇ ئىچىنى ياللۇغلاندۇرىشى مۈمكىن؛بۇنىڭدىن باشقا يەنە دوختۇرنىڭ تەجرىبىسى كەمچىل بولۇش ياكى مەشغۇلاتتا كەتكۈزۈپ قويىشى سەۋەپلىك كۆپ قان چىقىپ كېتىشى ياكى بالىياتقۇنى تېشىۋېتىش ئېھتىمالى بولۇشى،ھەتتا ھامىلدار ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىشىمۇ مۈمكىن، ناۋادا ھامىلە پاكىز چۈشمەي قالسا جىنسىي يولدىن قان توختىماسلىق قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرمۇ كېلىپ چىقىدۇ.
2. ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىسى جەريانىدا ئەگەر داۋالاش ئۈسكىنىلىرى تەل -تۆكۈس دېزىنفىكسىيىلەنمىگەن بولسا ياكى سۈنئى ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرىدىغان ئوپىراتسىيىخانا كەسپىي ئولچەم بويىچە لاياقەتلىك بولماي قالسا، ئاياللار ئوپىراتسىيە داۋامىدا ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلە چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن شەخسى تازىلىققا دىققەت قىلماسلىق ۋە ھامىلە چۈشۈرۈپ بىر ئايغا يەتمەيلا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشمۇ ئوپىراتسىيىدىن كېيىنكى يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىپ، داس بوشلىقى ياللۇغى ۋە بالىياتقۇ شەلۋەرەش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. ئاسانلا كېسەللىك ئاسارىتى ساقلىنىپ قالىدۇ.ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرگەندىن كېيىن بالىياتقۇ بوينى ياكى بالىياتقۇ بوشلىقنىڭ چاپلىشىپ قېلىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىشى مۈمكىن،يەنە بەزى ئاياللار ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرگەندىن كېيىن قايتا بويىدا قېلىشتىن ئەندىشە قىلىدۇ-دە، جىنسىي تۇرمۇشتىن قورقۇدىغان بولۇپ قالىدۇ شۇنىڭ بىلەن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنىڭ ئىناقلىقىغا تەسىر يېتىدۇ،بەزى ئاياللاردا ھامىلە چۈشۈرگەندىن كېيىن قان كېلىش، جىددىلىشىش ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدە چىرايى ساغىرىپ كېتىش، قاتتىق تەرلەيدىغان بولۇپ قېلىش، بېشى قېيىش، دېمى سىقىلىش، يۈرەك سوقۇشى ئاجىزلاش، قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كېتىشتەك كېسەللىك ئاسارەتلىرى كۆرىلىدۇ.
4. ھەيز بىنورماللىشىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ. بۇ ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش سەۋەبلىك ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان ئاقىۋەتنىڭ بىرى بولۇپ، ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپىراتسيىىدىن كېيىن ئاياللارنىڭ تۇخۇم چىقىرىش ياكى سېرىق تەنچە ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.شۇنىڭ بىلەن ھەيز قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا ھامىلە چۈشۈرگەندىن كېيىن ئەگەر كەيپىيات كۆڭۈلسىز بولسا بۇمۇ ھەيزنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ھەيز كۆرۈش ۋاقتى قالايمىقان بولۇش ،ھەيز مىقدارى ئازلاپ كېتىش ياكى ھەيز تولۇق كەلمەسلىك ئەھۋاللىرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ناۋادا ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش قېتىم سانى كۆپىيىپ كەتسە، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە بەلگىلىك دەرىجىدە زەخمەت يېتىدۇ، ئەگەر بالىياتقۇ پەردىسى بەك نېپىز بولسا ، كېيىن ھامىلدار بولغاندا ئادەت خاراكتىرلىق ھامىلە چۈشۈپ كېتىشنى ياكى تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈشمۇ بىر خىل ئوپىراتسىيە بولۇش سۈپۈتى بىلەن 3%ئىككىلەمچى تۇغماسلىق كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ، چۈنكى سۈنئى ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرگەندە ياللۇغلىنىش ياكى تۈرلۈك ئاياللار كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ شۇنىڭ بىلەن ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلىشى توسقۇنلىققا ئۇچراپ، ئاياللارنىڭ نورمال ھامىلدار بولالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئىككىلەمچى تۇغماسلىق كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.
6. ناركۇز سەۋەپلىك كېلىپ چىقىدىغان تاسادىبىي كېلىشمەسلىك. ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرگەندە يۇقۇردا ئېيتىلغان ئادەتتىكى ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىدىن باشقا يەنە ناركۇز قىلىش سەۋەپلىك كېلىپ چىقىدىغان يەنە بىرخىل ئەگەشمە كېسەللىك ئالامىتى كۆرىلىدۇ. كۆڭۈلدىكىدەك ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيە شارائىتىدە ناركۇز دورىسىنىڭ تېزدىن كۈچىنى كۆرستىپ ئۈنۈم بېرىشى، ئەكس تەسىرى ئاز ، ماددا ئالمىشىش تېز بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ھازىرقى ناركۇز دورا مەھسۇلاتلىرى گەرچە ئاساسىي جەھەتتىن تەلەپكە ئۇيغۇن بولسىمۇ بىراق بۇ جەھەتتە ئەڭ ئىشەنچىلىك بولغان كۆڭۈلدىكىدەك بىر خىل ناركۇز دورىسى تېپىلغىنى يوق.تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى ناركۇزدا نەپەس توختاپ قېلىش،بەدەننىڭ ماددا قان ئايلىنىشى توسقۇنلىققا ئۇچراش ۋە دورا رىئاكسىيە قىلىشتەك پايدىسىز ئەكىس تەسىرلەر كۆرىلىدۇ.
يۇقۇرقى بايانلاردىن كۆپچىلىك ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىگە قارىتا يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولالايدۇ. ئەمىلىيەتتە سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، پەقەت بولمىغاندا قوللىنىدىغان چارە بولۇپ،مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدىكى ھامىلە چۈشۈرۈش ئۇسۇلى بولسۇن ئوخشاشلا ساغلاملىققا زىيىنى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. شۇڭا ئاياللار ئۆزىنى ئاياشنى، قەدىرلەشنى بىلىشى، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈشكە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. ئەگەر بالىلىق بولۇش پىلانى بولمىسا ئەڭ ياخشىسى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى،ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈشنى ھەرگىزمۇ ئاددى ئىشقۇ دەپ قاراپ ، ئۇنى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ بىر چارىسى قىلىۋالماسلىق كېرەك.
مەنبە: جىنسىيەت تورى
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-05-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-05-09 / 11:25:50

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ