ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار كېسەللىكلىرىبالا ئېغىر كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرىكى 10 چوڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى

بالا ئېغىر كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرىكى 10 چوڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بالىلار، بولۇپمۇ 2 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ھەر خىل كېسەل بولۇش ئېھتىمالى ناھايىتى يۇقىرى، ئەمما ئۇلار ئۆزىدىكى بىئارامسىزلىقنى تىل بىلەن ئىپادە قىلالمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بەدىنى، يۈزى، روھى ھالىتى قاتارلىقلاردا بەزىبىر ئاگاھ سىگناللىرى بولىدۇ. تۆۋەندە دائىم كۆرۈلىدىغان 10 سىگنال بېرىلدى، ئۈمىدىمىز شۇكى، كەڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلاردىكى غەيرى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى بۇرۇنراق بايقاپ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتۈپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

1-سىگنال: روھلۇق ئەمەس، گېپى ئازلاپ كۆپ ئۇخلايدىغان بولۇپ قېلىش
بالىدا روھلۇق كەيپىيات يوق، ئۇيقۇسى كۆپ، گېپى ئاز، كۆڭلى بىئارام بولۇش ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قىزىش ياكى قىسمەن يۇقۇملىنىش، بولۇپمۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ئەسلىدىن ياخشى ئېمىدىغان بوۋاقلار تۇيۇقسىز ئەممەس بولىۋېلىش، كۈن بويى ئۇخلاش قاتارلىقلار.

بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بالا كىندىك ياللۇغى ياكى سېپتىتسېمىيە (败血症) بولدىمۇ يوق ئويلىشىپ بېقىش كېرەك. بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئېغىر كېسەللىك بولۇپ، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا جانغا زامىن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزىبىر ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش، مەسىلەن، قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارمۇ روھى ياخشى بولماسلىقنى ئالدىنقى يىپ ئۇچى قىلىدىغان كېسەللىكلەردۇر.

2-سىگنال: قايتا-قايتا يۆتىلىش ياكى قۇسۇش
بالىلار يۆتەلسە، ئاتا-ئانىلار دائىم خاتا ھالدا نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ياكى جىددىي خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى قاتارلىقلار دەپ قاراپ، ئۆزى دورا سېتىۋېلىپ كېلىپ بالىغا يىگۈزىدۇ. ئەمما، بەزى بالىلارنىڭ يۆتىلىشى زىيادە تروفوپلاست (过敏体质) قاتارلىقلار سەۋەبىدىن بولغان بولۇپ، زىققا كېسىلى (哮喘) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ يەنە بەزى بالىلاردا بولسا ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ يېنىپ كېتىش، ئاشقازان ئىقتىدارىدا ئۆزگىرىش بولۇش، يېگەن نەرسىلەر كانايغا يېنىپ كېتىش، كانايچە (支气管) نى غىدىقلاش قاتارلىق سەۋەبلەردىن يۆتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى بالىلار ئاستا خاراكتېرلىك قۇسۇش ياكى چوڭ تەرىتى قالايمىقان بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يېمەكلىكتىن زىيادە سېزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىشنىڭ ئىپادىسىدۇر.

3-سىگنال: يۈزى تاتىرىپ كېتىش، تېرىسىدە قان چېكىتى پەيدا بولۇش
تېرىدە قان چېكىتى پەيدا بولۇش ئاساسلىقى چىش مىلىكى ۋە بۇرۇن قىسىمىدا كۆرۈلۈپ، دائىم ئۇزۇقلۇق ياخشى بولماسلىق ياكى يېقىندىن بېرى ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىدا بۇخىل ئەھۋال كۆرۈلسە بەزىبىر قان تۇلۇقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ بالىغا يىگۈزىدۇ. مېنىڭ بىر خىزمەتدىشىمنىڭ قىزى 7 ياش بولۇپ، ئۇ قىزىنىڭ چىرايىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىزمەت ئالدىراشچىلىقى تۈپەيلى بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ بولالماي، بالىنى بىر قىسىم قان تۇلۇقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بۇيرۇغان.

كېيىن، بالىنىڭ چىش مىلىكىدىن قان چىقىپ، بالا روھسىزلىنىپ كەتكەندە، ئۇ ئاندىن مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلغان. دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، دوختۇر ئاق قان كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويغان، ئەمما داۋالاش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن. شۇڭا، بالىدا قان چىقىش ئەھۋالىنى بايقىغان ھامان، ھەرگىز ۋاقىتنى كەينىگە سوزماي، دەرھال دوختۇرغا ئاپىرىپ ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك.

4-سىگنال: يېشىغا توشقان تۇرۇپمۇ سۆزلىيەلمەسلىك، ماڭالماسلىق
نۇرغۇن ياشانغانلار بالىنىڭ كېچىكىپرەك تىلى چىققىنىنى نورمال ئەھۋال دەپ قارايدۇ. ئەمما 12 ئايلىق بولغان بالىنىڭ تىلى يەنىلا چىقمىسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتۈپ بېقىش كېرەك. مېڭە پالىچى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ماڭماسلىق، مېڭىش قىياپىتى غەيرى بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغىمۇ ئېتىبار بېرىش كېرەك.

5-سىگنال: تۇتقاقلىق خاراكتېردىكى يىغلاپ جېدەل قىلىش
ئەگەر بالىدا تۇتقاقلىق خاراكتىردىكى يىغلاش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، چوڭ تەرىتىدە قان ئارىلاش كېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، بەلكىم ئۈچەي تۈرۈلۈپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن. بۇنى چوقۇم دەرھال داۋالىتىش كېرەك. بەزىدە، بەلكىم سۈت پاراشوكىدىن سېزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

6-سىگنال: ئادەم بىلەن ئارىلاشماسلىق، چاقىرغاندا پەرۋاسىزلىق قىلىش
كۆز بىلەن كۆزنىڭ ئۇدۇل قارىشى بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم. ئەگەر بالىنىڭ ئىسمىنى چاقىرسىڭىز بالا سىزگە پەرۋا قىلمىسا، سىزگە ئارىلىشىشنى خالىمىسا، بالىنىڭ تەنھالىقنى خالاش كېسىلى (孤独症) گە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى نورمال بولىدۇ. ھەتتا تامامەن نورمال بولسىمۇ، ئەمما ئۆز-ئارا ئالاقە جەھەتتە ئېغىر كەمچىلىك بولىدۇ.

7-سىگنال: ئەمگەندە قېقىلىپ يۆتىلىش، ئېغىز ئەتراپى كۆكىرىپ كېتىش
بۇ يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتى. ئەگەر بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئىزچىل بېقىش قىيىن بولۇپ، بالا ئانىسىنى ئەمگەندە ھەمىشە قاتتىق يۆتىلىپ كەتسە ياكى ئۇزۇن ۋاقىت ئېمىتىشكە مۇمكىن بولمىسا، بالا كۈچەپ يىغلىغاندا ئېغىز ئەتراپى كۆكىرىپ كەتسە تۇغما يۈرەك كېسىلى بارمۇ يوق ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىش كېرەك.

8-سىگنال: يۈز ئىششىش، كىچىك تەرىتى قالايمىقان بولۇش
بۇ خىل ئالامەتلەر دائىم بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئائىلە باشلىقلىرى دەسلەپتە ئاساسەن بۇنىڭغا سەل قارايدۇ. بەزىدە روشەن ھالدا يۈز ئىششىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە ئاندى بۇنى بايقىشى مۇمكىن.

9-سىگنال: يوغان باش ياكى كىچىك باش بولۇش
بېشى ئالاھىدە كىچىك بولغاندا بەلكىم بالىنىڭ باش قىسمىنىڭ يىتىلىشى تولۇق يىتىلىپ بولمايلا ئېتىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق بولغان چوڭ مېڭىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە پايدىسىز. ئەگەر بالىنىڭ بېشى، باش ئايلانمىسى ھەددىدىن زىيادە چوڭ بولۇپ كەتسە، مەركىزى نېرۋىسىنىڭ يېتىلىشىدە مەسىلە بار يوقلىقى ياكى مېڭىگە سۇ يىغىلىپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ بار يوقلىقىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

10-سىگنال: قول-پۇت تەكرار تارتىشىش ياكى ئېسىنى يۇقىتىش
بۇ خىل ئەھۋال بەلكىم نېرۋا سىستېمىسىنىڭ سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، بىر خىل تۇتقاقلىق خاراكتېرىدىكى ھاڭۋېقىپ قېلىش، داۋاملىشىش ۋاقتى قىسقا، ئەمما تەكرار يۈز بېرىدۇ. بۇ خىل بالىلار ئۆگىنىش جەھەتتە چوڭ تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ، بىراق تۇتقاقلىق كېسىلى (癫痫) بولغان بولىدۇ. بەزى بالىلاردا دائىم كۆزىنى قىسىش، بۇرنىنى تارتىش، چىراي ئىپادىسىنى ھەر خىل ئۆزگەرتىش، ھەتتا بوينىنى تولغاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بالىدا كۆپ قوزغىلىدىغان تارتىشىش كېسىلى بارمۇ يوق بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك.

بىلىمنۇر بلوگى
bilimnur.com

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-12-16

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-11 / 10:56:50

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ