ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار تەربىيىسىجۇڭگودا تەربىيەگە ئەڭ موھتاج ئادەم بالىلار ئەمەس، بەلكى دادىلار

جۇڭگودا تەربىيەگە ئەڭ موھتاج ئادەم بالىلار ئەمەس، بەلكى دادىلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت
جۇڭگودا تەربىيەگە ئەڭ موھتاج ئادەم بالىلار ئەمەس، بەلكى دادىلار

ئاتا-ئانىلارغا بېرىدىغان سەككىز تەكلىپ

جۇڭگودا تەربىيەگە ئەڭ موھتاج ئادەم بالىلار ئەمەس، بەلكى دادىلار

1. ئىشتىن چۈشۈپلا ئۆيگە قايتىش (ئاتىلارغا سۆز)
بالا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن دادىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە بەكرەك موھتاج بولىدۇ. ئاتا بولغۇچى ئۆزىنىڭ يەلكىسىدىكى ۋەزىپىسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، تەربىيە مەسئۇلىيىتىنى تونۇشى، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنلا ئۆيىگە قايتىشى كېرەك. دادىسى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ غىزالانغان بالا تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بالا بولىدۇ. تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، كەچلىك تاماقنى دادىسى بىلەن بىرگە يېگەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈلۈچى يۇقىرى بولۇپ، نەتىجىسىمۇ ياخشى بولىدىكەن، تاماكا چېكىدىغان، ھاراق ئىچىدىغان، زەھەر چېكىدىغان، باشقىلار بىلەن سوقۇشىدىغان، بالدۇر جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىغان قىلمىشلار ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىكەن.

بالا تاماق يەۋاتقاندا ۋە ئۇخلايدىغان ۋاقتىدا تەربىيە قىلماڭلار. بالا بىلەن پاراڭلىشىشنى تەربىيەگە ئايلاندۇرۇۋالماڭلار.

2. ئاتا-ئانا ياخشى ئۆگەنسە، بالا كۈنسېرى يۇقىرى ئۆرلەيدۇ
ئاتا-ئانا ئۆزگەرسە، بالىمۇ ئۆزگىرىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيەسى ياخشى بولمىغانلىقتىن بالىدا مەسىلە كۆرۈلىدۇ. بالا «كېسەل» بولسا، ئاتا-ئانا «دورا» يېيىشى كېرەك. مۇنەۋۋەر ئاتا-ئانا ياخشى مەكتەپ بىلەن باراۋەر. بالىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى ئاتا-ئانىدۇر. ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تەربىيەلەش قۇرۇق گەپ قىلىپ ۋالاقشىغاندىن كۆپ ئەۋزەل. ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىسى بىلەن بىرگە ئۆسۈپ يېتىلىشى كېرەك.

3. بالىنى چۈشىنىش بالا تەربىيەلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى
ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئادەم قاتارىدا كۆرۈشى، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىنى چۈشىنىشى كېرەك. ئامېرىكىنىڭ داڭلىق پېداگوكى جون دەۋى (John Dewey) مۇنداق دەيدۇ:«ئۆسمۈرلەر تېخى يېتىلمىگەن چوڭ ئادەم ئەمەس، ئۆسمۈرلۈك دەۋرنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا قىممىتى بار». بالا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ئاسانلا بېكىنىۋالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچى چوقۇم بالىسىنى چۈشىنىشى، بالا بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولۇشى، بىراق
پىشقان ئاتا-ئانا ئەسلى بالىلار مائارىپىنى، پىسخولوگىيەنى ئۆگىنىشى، ئائىلە تەربىيەسىگە ئالاقىدار كىتاب ژۇرناللارنى كۆرۈشى، بالىلارنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرىدىكى ئۆسۈپ-يېتىلىش ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى چۈشىنىشى، بالا بىلەن دائىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى، ئۇنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى، نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇشى كېرەك.

4. بالىنى چوقۇم ياخشى باشقۇرۇش كېرەك، مۇھىمى ئۇنى قانداق باشقۇرۇشتا
تەربىيەنىڭ ئەڭ ئاساسىي مەقسىتى «نورمال ئادەم» تەربىيەلەپ چىقىشتا بالىغا ئادىل مۇئامىلە قىلالماسلىقتىن ساقلىنىش لازىم.
باشقىچە تەپەككۇر بىلەن تەربىيە قىلىش كېرەك.

تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇپ بالا تەربىيەلەش كېرەك.
ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ تەربىيە ئۇسۇلىنى موللاشتۇرۇشقا تىرىشىشى لازىم.

5. سۆيگۈنى چۈشۈنىدىغان، سۆيۈشنى بىلىدىغان ئاتا-ئانا بولۇش
نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ھاماقەتلەرچە ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنى ياخشى كۆرۈشتە ئورۇننى ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ئۇلارنى ياخشى كۆرۈشتە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
«دەرىجىدىن تاشقىرى بوۋاق» يېتىشتۈرىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ، سۆيۈشمۇ بىر خىل سەنئەت. سۆيۈش – ئىپادىلەشكە ھەم ھەرىكەتكە موھتاج. بەزى ۋاقىتلاردا يېنىك بىر قۇچاقلاش نەچچە مىڭ ئېغىز گەپنى بېسىپ چۈشىدۇ. سۆيۈش مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك، سىزنىڭ ياخشى كۆرۈشىڭىز ئاپەتكە ئايلىنىپ قالمىسۇن. ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈشنىڭ ئاقىۋىتى پەقەتلا ئازابتۇر.

6. بالىلارغا باشقىلارنىڭ ئالدىدا تەربىيە قىلماسلىق
بالىڭىز قانچە چوڭ چاتاق تېرىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى ئۆيگە ئەكىرىپ تۇرۇپ تەربىيە قىلىڭ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا تىللاش، ئۇرۇش ھامان يامان ئاقىۋەت ئىلىپ كېلىدۇ. بالىغا ئىلىپ بارغان تەربىيەنىڭ ئەڭ بىخەتەر ھەم ئۈنۈملۈك بولغىنى يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلغىنىدۇر. ماختىغاندا باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماختىغانلىق ياخشى، بىراق ئەيىبلىگەندە چوقۇم يەڭ ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغىنى ياخشىدۇر، گەرچە سىزنىڭ ئۇنىڭغا تەربىيە قىلغاندىكى چىقىش نۇقتىڭىز توغرا بولغىنى بىلەن ئۇسۇلدىكى نامۇۋاپىقلىق ئۈنۈمنى يوققا چىقىرىدۇ، ھەتتا ئەكس تەسىر ئىلىپ كېلىدۇ.

بالىلارنى مەيلى ماختايلى ياكى ئۇلارنى ئەيىبلەيلى ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ ھېسسىياتىدا تەۋرىنىش بولىدۇ، ئاتا-ئانىلار بەك كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، بالىلار ئۆزىنى يارامسىز ھېس قىلىدۇ، ئاتا-ئانا بەك قوپال بولغانلىقى ئۈچۈن، بالىمۇ ئۇلارغا ئوخشاش قوپاللىق قىلىدۇ. ئەقىللىك مۇئەللىم بالىلارنى ئەيىبلىمەيدۇ، ئەقىللىك ئاتا-ئانىلارمۇ ئەلۋەتتە بالا تەربىيەلەشتە «مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش»نىڭ يامان ئاقىۋىتىنى بىلەلەيدۇ.

تەربىيە قىلىشتا باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە، ئىززەت-ئابرۇيىغا ھۆرمەت قىلىش ھەممىدىن مۇھىم، شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەيلى، بۇنى قىلالمىساق، بالىغا ھەقىقىي تەربىيە قىلالىدىم دەپ ئويلىمايلى.

7. بالىنى چوڭلارغا ياكى بالا باققۇچىغا تاشلاپ بەرمەڭ
ھەرقانداق ئادەم ئىككى ئاساسىي ئامىلغا ئېرىشىشكە موھتاج: بىرى مۇھەببەت، يەنە بىرى بىخەتەرلىك. بەختلىك ئادەملەر نېمە ئۈچۈن بەختلىك؟ چۈنكى ئۇلاردا مۇھەببەت ھەم بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بار. ئەمىسە، بەختسىز ئادەملەرچۇ؟ ئۇلاردا يا مۇھەببەتلا بولۇپ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوق، يا بولمىسا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولۇپ مۇھەببەت يوق. ئەڭ بەختسىز ئادەملەر دەل يا مۇھەببەت يوق، يا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوق ئادەملەردۇر.

بالا چەكسىز مۇھەببەت ھەم بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا موھتاج ئىنساندۇر. بالىلار ئۈچۈن مۇھەببەت ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ قايسى بىرى كەم بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان چوڭ زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەمراھ بولۇشىدىن كېلىدۇ. ئاتا-ئانىسى نەدە بولسا، ئۇنىڭ ئۆيى شۇ يەردۇر. فروسىۋا مۇنداق دېگەن :«ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيى جەننەت، بىراق ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ جەننىتى ئۆيىدۇر.»

8. بالىلارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ مۇئەللىمىنى كۆپرەك ماختاش كېرەك
مۇئەللىملەرگە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. مۇئەللىم بىلەن ئاتا-ئانىلار خۇددى بىر ئاكوپتىكى جەڭچىلەرگە ئوخشايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئەللىم بىلەن ئىتتىپاقداش قوشۇن تۈزۈش ناھايىتى مۇھىم. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئالدىدا مۇئەللىمنىڭ يامان گېپىنى قىلسا، مۇئەللىمنى ئەيىبلىسە، ھەتتا مۇئەللىم بىلەن سوقۇشسا، بالىلاردا تەبئىيلا مۇئەللىمىنى چەتكە قاقىدىغان پىسخىكا شەكىللىنىپ قالىدۇ. ئاخىرىغا بېرىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى يەنىلا شۇ بالا، زىيان تارتقۇچى ئاتا-ئانا بولىدۇ.
مەنبە: ئەلى مۇئەللىم سالونى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-05-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-05-09 / 11:50:06

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ