بالىلاردا كۆرۈلىدىغان ئېغىر دەرىجىدىكى ئاللېرگىيەلىك ئىنكاسلاردا كالپۇك ۋە جىنسىي ئەزالارنىڭ ئىششىشى كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال تېببىي تىلدا قان تومۇر خاراكتېرلىك سۇلۇق ئىششىق دەپ ئاتىلىدۇ ۋە تېز سۈرئەتتە داۋالاشقا ئېھتىياجلىق. يېقىندا بالىلار جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كەلگەن ، 4 ياشلىق بىر بالىنىڭ نوقۇت يېگەندىن كېيىن كالپۇكى ۋە زەكىرىنىڭ ئىششىپ كېتىشى، ھەتتا سۈيدۈك قىستاپ چىقىرالماسلىقى تىپىك بىر ئېغىر ئاللېرگىيەلىك ئەھۋالدۇر. بۇنداق ئەھۋاللاردا ۋاقىت ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، توغرا دىياگنوز ۋە جىددىي مۇداخىلە بالىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالالايدۇ.
ئانافىلاكسىيە ۋە قان تومۇر خاراكتېرلىك سۇلۇق ئىششىق دېگەن نېمە؟
بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بەزى يېمەكلىكلەر ياكى تاشقى ماددىلارغا زىيادە سەزگۈر بولۇپ كەتكەندە، بەدەندە تېز سۈرئەتتە خىمىيەلىك ماددىلار (مەسىلەن گىستامىن) ئاجرىلىپ چىقىدۇ. ئەگەر بۇ ئىنكاس پۈتۈن بەدەنگە تەسىر قىلسا ۋە ھاياتقا تەھدىت سالسا، بىز بۇنى ئانافىلاكسىيە دەپ ئاتايمىز. ئانافىلاكسىيەنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان تېرىدىكى ئىپادىلىرىنىڭ بىرى قان تومۇر خاراكتېرلىك سۇلۇق ئىششىقتۇر.
بۇ ئىششىق تېرىنىڭ ئاستىدىكى بوش توقۇلمىلاردا سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قېلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئادەتتە كالپۇك، كۆز ئەتراپى، قول-پۇتلار ۋە جىنسىي ئەزالاردا كۆرۈلىدۇ. جىنسىي ئەزا تېرىسى ئىنتايىن يۇمشاق ۋە بوش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللېرگىيەلىك ئىنكاس مەزگىلىدە سۇيۇقلۇق بۇ يەرگە ئاسانلا جۇغلىنىپ، زەكەرنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىدە چوڭ ئىششىق پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئىششىق بەزىدە سۈيدۈك يولىنى سىرتىدىن بېسىپ قويىدۇ، نەتىجىدە بالا سۈيدۈك چىقىرىشتا قىينىلىدۇ ياكى پۈتۈنلەي چىقىرالمايدۇ.

4 ياشلىق بىمار، نوقۇت يىگەندىن 1 سائەتتىن كېيىن ئۈستۈنكى كالپۇكتا ئىششىش كۆرۈلگەن، 2 سائەتتىن كېيىن ئىششىق يوغايغان ۋە قۇسۇش كۆرۈلگەن. بۇ زىيادە سېزىمچانلىق سەۋەپلىك كۆرۈلگەن قان تومۇر خاراكتېرلىك سۇلۇق ئىششىق. جىنسىي ئەزادىمۇ سۇلۇق ئىششىقلار پەيدا بولغان. ئېغىر ئانافىلاكسىيىگە تەرەققىي قىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بالىلار جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە ، بەدەن ئېغىرلىقىغا ئۇيغۇن مىقتاردا، مۇسكۇلغا ئۇرۇلدى. بىرقانچە سائەتتىن كېيىن ئالامەتلىرى ئازايدى.

جىنسىي ئەزا زەكەر قىسمى سۇلۇق ئىششىق
نېمە ئۈچۈن جىنسىي ئەزا ئىششىيدۇ؟
نوقۇت، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن كۈچلۈك زىيادە سېزىمچانلىق ماددىلىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇلارغا زىيادە سېزىمچانلىق بار بولغان بالا نوقۇتنى يېگەندىن كېيىن، ئاشقازان-ئۈچەيدىن سۈمۈرۈلگەن ئاللېرگېنلار قان ئايلىنىش سىستېمىسى ئارقىلىق پۈتۈن بەدەنگە تارقايدۇ. جىنسىي ئەزا رايونىدىكى قىل قان تومۇرلارنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئېشىپ كەتكەندە، قان پلازمىسى تومۇر سىرتىغا چىقىپ توقۇلمىلار ئارىسىغا تولىدۇ. بۇ ئەھۋال تۆۋەندىكىدەك تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ:
- زەكەر تېرىسىنىڭ قىزىرىشى ۋە ئېغىر دەرىجىدە قاپارتما شەكىللىك ئىششىشى.
- سۈيدۈك يولىنىڭ بېسىلىشى سەۋەبىدىن كىچىك تەرەت توختاپ قېلىش.
- بالىدا بىئاراملىق، ئاغرىق ۋە قورقۇنچ ھېسسىياتىنىڭ كۈچىيىشى.
- ئەگەر داۋالاش ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلمىسا، ئىششىق نەپەس يوللىرىغىمۇ تارقىلىپ خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
ئادرېنالىننىڭ رولى ۋە داۋالاش جەريانى
بۇ تۈردىكى بىمارغا ئادرېنالىن (Epinephrine) ئۇرۇلۇشى ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ زۆرۈر قەدەم بولىدۇ. ئادرېنالىن ئانافىلاكسىيەنىڭ بىرىنچى تاللاشتىكى دورىسىدۇر. ئۇ قان تومۇرلارنى تارايتىپ، قان پلازمىسى (قاندىكى سۈزۈك قىسىم) تومۇر سىرتىغا چىقىشىنى توختىتىدۇ، نەپەس يوللىرىنى كېڭەيتىدۇ ۋە يۈرەك سوقۇشىنى تۇراقلاشتۇرىدۇ.
يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان ۋەقەدىكى بىمار بالىغا، بالىلار جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە 0.01mg/kg مىقتاردا ئادرېنالىن سول يانپاش مۇسكۇلغا ئۇرۇلۇپ بىر سائەتتىن كېيىن سۈيدۈك چىقىرالىغانلىقى، دورىنىڭ توقۇلمىلار ئارىسىدىكى سۇيۇقلۇق بېسىمىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدۇ. ئىششىق يانغاندىن كېيىن سۈيدۈك يولىدىكى بېسىم بوشاپ، نورمال سۈيدۈك راۋانلىقى ئەسلىگە كەلگەن. 3 سائەتتىن كېيىن ئىششىقلارنىڭ كۆرۈنەرلىك ئازايغانلىقى كېسەللىك جەريانىنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما شۇنى بىلىش كېرەككى، ئانافىلاكسىيە بىر قېتىملىق دورا بىلەنلا پۈتۈنلەي تۈگەپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا بالىنى ئاز دېگەندە 24 سائەت دوختۇرخانا كۆزىتىشىدە تۇتۇش كېرەك.
بالىلاردا جىددىي ئەھۋالدا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر
ئەگەر بالىڭىزدا تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىشىڭىز ياكى ئەڭ يېقىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىشىڭىز شەرت:
- ئاۋازنىڭ بوغۇلۇشى، توختىماي يۆتىلىش ياكى تىنىق سىقىلىش.
- تېز سۈرئەتتە پەيدا بولغان كالپۇك، تىل، كۆز ياكى جىنسىي ئەزا ئىششىقى.
- بەدەننىڭ ھەممە يېرىگە قىزىل تاشمىلارنىڭ تېشىپ چىقىشى.
- قورساق ئاغرىش، قۇسۇش ياكى ئىچى سۈرۈش.
- بالىنىڭ رەڭگى تاتىرىپ كېتىش، يىقىلىپ چۈشۈش ياكى ھوشىدىن كېتىش.
ئائىلىلەر ئۈچۈن مۇھىم تەۋسىيەلەر
بۇنداق ئەھۋالنى بىر قېتىم باشتىن كەچۈرگەن بالا كەلگۈسىدە يەنە ئوخشاش خەتەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى چوقۇم قوللىنىش كېرەك.
ئالدى بىلەن، بالىنىڭ نوقۇتقا ياكى باشقا يېمەكلىكلەرگە ئاللېرگىيەسى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش ئۈچۈن بىر ئاللېرگىيە مۇتەخەسسىسىگە كۆرسىتىش كېرەك. دوختۇر سىزگە بالىنىڭ يېنىدا دائىم ئېلىپ يۈرىدىغان ئادرېنالىن قەلەملىرىنى (Epi-Pen) تەۋسىيە قىلىشى مۇمكىن.
مەكتەپ، يەسلى ۋە تۇغقانلارنى بالىنىڭ ئاللېرگىيەسى ھەققىدە ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىنى ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، چۈنكى نوقۇت تالقىنى ياكى نوقۇت مېيى نۇرغۇن تەييار يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن، بالىنىڭ جىنسىي ئەزاسىدىكى ئىششىق يانغاندىن كېيىن، ئۇ يەردە يارا ياكى يۇقۇملىنىش بار-يوقلۇقىنى بىر نەچچە كۈن كۆزىتىپ تۇرۇش، تېرىنىڭ مۇكەممەللىكىنى تەكشۈرۈش پايدىلىقتۇر.
خۇلاسە قىلغاندا، بالىلاردا ئاللېرگىيە سەۋەبىدىن جىنسىي ئەزا ئىششىشى سەل قاراشقا بولمايدىغان، ئېغىر بىر ئەھۋال. بۇ پەقەت بىر تاشمىلا ئەمەس، بەلكى بەدەن سىستېمىسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. بالىدا جىنسىي ئەزا ئىششىغاندا سۈيدۈك يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى نورمال بىر كىلىنىكىلىق ئىپادە بولۇپ، ئادرېنالىن بىلەن داۋالاش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر. ئاتا-ئانىلار ئاللېرگېنلاردىن ساقلىنىش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى پىششىق ئىگىلىشى كېرەك.


