شوخلا. ھەر كۈنى بىر ئىستاكان شوخلاشەربىتىگە مۇۋاپىق مىقداردا بېلىق مېيى قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ ، سالامەتلىكنى ئاسرايدۇ ، دائىم شوخلا شەربىتى بىلەن يۈزنى يۇيۇپ بەرگەندە تېرىنى ئاقارتىپ ، پارقىراق قىلىدۇ.
تاۋۇز. تاۋۇز شاپىقىنى ئۇدا بىر قانچە كۈن تېرىگە سۈرۈپ بەرگەندە ، ئاپتاپتا قارىداپ تۇرۇپ قالغان تېرىنى ئاسراش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
بېھى. دائىم بېھى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە تېرىنى يۇمران ، سىلىق قىلىدۇ.
تەرخەمەك. تەرخەمەك تەركىبىدە ۋىتامىنB1 ، ۋىتامىنB2، ۋىتامىنE، ئاقسىل ھەم كاروتىن قاتارلىق كۆپ خىل تەركىبلەر بولۇپ ، تەرخەمەك پارچىسىنى يۈزگە سۈرتۈپ بەرگەندە قۇرغاق ۋە قورۇق چۈشكەن تېرىگە پايدا قىلىدۇ.
كۆك كاۋا. كۆك كاۋا تەركىبىدە ياغ ۋە ناترىي مىقدارى تۆۋەن بولغاچقا ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ كابوگىدراتلارنىڭ ياغقا ئايلىنىشىنى چەكلەيدۇ . شۇڭا مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
بەرەڭگە. خام بەرەڭگىنى يالپاقداپ توغراپ كۆزنىڭ ئاستىغا قويۇپ بەرگەندە ، كۆز ئەتراپىدىكى قارا داغلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ . ئەگەر تىرناققا سېرىق داغلار پەيدا بولۇپ قالسا بەرەڭگىنىڭ سۈيىنى سۈرتۈپ ، بىر كېچە قويۇپ يۇيۇۋەتسە تىرناق ئاقىرىدۇ.