ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقبالىلارغا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگۈزمەسلىك كېرەك

بالىلارغا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگۈزمەسلىك كېرەك

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بالىلارغا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگۈزمەسلىك كېرەك، تاتلىقنى كۆپ يېگەندە بۇنداق بەش خىل خەۋپ كېلىپ چىقىدۇ:

بالىلارغا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگۈزمەسلىك كېرەك

1. ئوزۇقلۇقنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇم، تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يەپ بولغاندىن كېيىن باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭسىزلىشىپ، بالىلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىلار ئۆسۈپ-يېتىلىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، كۆپ خىل ئوزۇقلۇقلنى تەكشى قوبۇل قىلىش كېرەك، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭ.

 

2. يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئېھتىماللىقى ئاشىدۇ.

قەنتنىڭ مېتابولىزمى كۆپ مىقداردىكى ۋىتامىن B1 گە ئېھتىياجلىق، تاتلىقنى بەك كۆپ يېگەندە بەدەندىكى كالتسىينىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ۋىتامىن B1 ئەسلىدىنلا كۆرۈش نېرۋىسىنى قوغداش رولىغا ئىگە، كالتسىي كۆزنى ئاسرايدۇ، تاتلىقنى كۆپ يېگەندە بۇ ئىككى خىل ئېلېمېنت تەڭلا زىيانغا ئۇچراپ، كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ئىقتىدارىنى چېكىندۈرۈپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

 

3. ئاسانلا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.

دىئابېت كېسىلى چوڭلاردىلا بولمايدۇ، كىچىك بالىلارمۇ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا كۆپرەك دىققەت قىلىشى كېرەك. بالىلار ئەگەر تاتلىق يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ يېسە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى مېتابولىزمغا تەسىر يېتىپ، ئاسانلا دىئابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ. بولۇپمۇ ئائىلىدە دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر بولسا، بالىلارنىڭ دىئابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

 

4. بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

بالىلار ئۆسۈپ-يېتىلىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئەگەر ھەر كۈنى بالىلارغا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگۈزگەندە، بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، ئاسانلا كېسەل بولۇپ قالىدۇ.

 

5. بالىنىڭ مىجەزىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسە، بەدەندە ۋىتامىن B1 كەمچىل بولىدۇ. ئەگەر بالىلاردا تاماق تاللاش كېسىلى بولسا، ۋىتامىن B1 ئىزچىل كەمچىل بولۇپ، قەنت تۈرىدىكى مېتابولىزم ماددىلىرى چوڭ مېڭىدە يىغىلىپ قېلىپ، بالىنىڭ مىجەزىنى غەلىتە قىلىپ قويىدۇ. بالىنىڭ ئىچ مىجەز بولۇپ قېلىشىنى ياخشى ئىش دەپ قارىماسلىق كېرەك، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى كۆپرەك كۆزىتىپ، ئۇلاردا ئىچ مىجەزلىك ئالامىتى بايقىسا ۋاقتىدا توغرا يېتەكلىشى كېرەك.

 

بالىلار قانداق يېسە ساغلام بولىدۇ؟

بالىلار يېتىلىۋاتقان ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ يېمەك – ئىچمىكىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.

1. ئاتا-ئانىلار ئامال بار بالىلارغا ئۆيدە تاماق ئېتىپ بېرىش، دائىم سىرتقا ئېلىپ چىقىپ تاماق يېگۈزۈشتىن، دائىم سىرتتىن تاماق بۇيرۇتۇشتىن ساقلىنىش كېرەك؛

2. بالىلارنىڭ تاماق تاللاشتەك ناچار ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك؛

3. بالىلارغا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگۈزمەسلىك، مېۋىلەرنى كۆپ يېگۈزۈش كېرەك؛

4. تۈرلۈك ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى تولۇقلاش، تاماق ئەتكەندە يېمەكلىكنىڭ كۆپ خىللىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17957098.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ