ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
ئادەم مېڭىسىنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىپ، زىيادە ئويلىنىپ، جىددىيلىشىپ، قايغۇرۇپ، ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە ۋە مۇۋاپىق ئارام ئالمىسا، چوڭ مېڭە چارچاپ، بېشى قېيىپ كېتىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، روھى چۈشكۈن بولۇش، ئىنكاسى ئاستا بولۇش، چارچاپ ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق چوڭ مېڭە چارچاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭ مېڭىنىڭ ھارغىنلىقىنى يېنىكلىتىش لازىم.
1. تەركىبىدە زۆرۈر ياغ كىسلاتاسى مول بولغان يېمەكلىكلەر: مەسىلەن ياڭاق، ياپىلاق شاپتۇل مېغىزى، ئورمان ياڭىقى، تاتلىق ئۆرۈك مېغىزى، خاسىڭ، قارىغاي ئۇرۇقى، تاۋۇز ئۇرۇقى قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق.
2. تەركىبىدە ۋىتامىن B مول بولغان يېمەكلىكلەر: B تۈردىكى ۋىتامىنلار بىر چوڭ ئائىلە بولۇپ، ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، نىكوتىن كىسلاتاسى، فولىك كىسلاتاسى، پانتوتېنىك كىسلاتا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە چارچاشنى تۈگىتىشتە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ۋىتامىن B1 بولۇپ، ۋىتامىن B1 ئاساسلىقى يىرىك قارا ئاشلىقلاردا، ۋىتامىن B2 ئاساسلىقى ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەردە، فولىك كىسلاتاسى، پانتوتېنىك كىسلاتا قاتارلىقلار ھەر خىل يېمەكلىكلەردە مەۋجۇت.
3. تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان يېمەكلىكلەر: ۋىتامىن C ئادەم بەدىنىنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، نۇرغۇن بىئاراملىقنى پەسەيتىدۇ. يېتەرلىك ۋىتامىن بىزنىڭ تولۇپ تاشقان زېھنىي كۈچىمىزنى ساقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش ئالامەتلىرىنى پەسەيتىدۇ. يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات، قېنىق رەڭلىك مېۋىلەر ۋىتامىن Cنىڭ ئەڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى.
4. تەركىبىدە تۆمۈر مول بولغان يېمەكلىكلەر: تۆمۈر قان قىزىل ئاقسىلىنى تەشكىل قىلىدىغان مۇھىم تەركىب بولۇپ، تۆمۈر كەملىكى تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردا تۆمۈر تولۇقلاش ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش ئالامەتلىرىنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ. ھايۋانات جىگىرى تۆمۈرنىڭ ئەڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17931850.shtml