ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھامىلىدارلىق بىلىملىرىبالىنىڭ غەلىتە تۇغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا....

بالىنىڭ غەلىتە تۇغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا….

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ساغلام بالىلىق بولۇش بارلىق توي قىلغان بىر جۈپلەرنىڭ ئارزۇسى، ئادەتتە ئىككى تەرەپ ساغلام بولسا توي قىلىپ بىر يىل ئىچىدە ئايال تەرەپ ھامىلىدار بولالايدۇ، ھامىلىدار بولۇش ھەم بەختلىك ھەم جاپالىق ئىش، ئازراقلا دىققەت قىلمىسا بوۋاق غەلىتە تۇغۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنداقتا قايسى ئامىللار بالىلارنىڭ غەلىتە تۇغۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

1. ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولماسلىق

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە بوۋاققا تەسىرى بولىدۇ، بوۋاق ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولمىسا، ھاراق ئىچسە بوۋاقنىڭ غەلىتە تۇغۇلۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.

2. ئايالنىڭ يېشى چوڭ بولۇش

يېشى چوڭىيىپ قالغان ئاياللار تۇغقان بالىنىڭ نورمال ئايال تۇغقان بالىغا قارىغاندا غەلىتە تۇغۇلۇپ قېلىش خەۋپى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

3. مىكروبلاردىن يۇقۇملىنىش

ھازىر نۇرغۇن ئائىلىلەردە ئەرمەك ھايۋانلار بار، لېكىن ئايال ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئامال بار ئۆيدە ئەرمەك ھايۋان باقماسلىق كېرەك، چۈنكى ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ تېنىدىكى مىكروب، باكتېرىيەلەر ھامىلىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

4. مۇھىت بۇلغىنىش

تۇرمۇش مۇھىتى، ئائىلە مۇھىتى قاتارلىقلارنىڭ بۇلغىنىشى ھامىلىنىڭ غەيرىي تۇغۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

5. يېقىن تۇققان توي قىلىش

يېقىن تۇققان توي قىلىشمۇ غەيرى بوۋاق تۇغۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ.

 

ئۇنداقتا ھامىلىنىڭ غەيرىي تۇغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھامىلىدارلار قانداق قىلىشى كېرەك؟

1. زىيانلىق ماددىلاردىن يىراقلىشىش

ھامىلىدار ئانىلار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۆزىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ھاراق، تەم تېتىتقۇ قاتارلىقلارغا يېقىن يولىماسلىق كېرەك.

2. ئوزۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەزى ئانىلار كۆڭلى ئېلىشىپ نورمال تاماق يېيەلمەي قالىدۇ، لېكىن بۇنداق ئەھۋالدىمۇ ئانىلار تىرىشىپ نورمال تاماق يېيىشى، ئوزۇقلۇقلارنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

3. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قالايمىقان دورا ئىشلەتمەسلىك

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قالايمىقان دورا ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ، ھامىلىدار ئانىلار زۇكام بولۇپ قېلىشتىن، زۇكام دورىسى يېيىشتىن ساقلىنىش لازىم.

مەنبە:

https://m.nur.cn/news/2023/12/17798918.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ