ھامىلىدارلىقنىڭ تۆتىنچى ئېيى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھامىلىدارلىقنىڭ تۆتىنچى ئايلىق كۆرسەتمىسى: بەدەندىكى ئۆزگىرىشلەر، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە تەكلىپ پىكىرلەر

 

قەدىرلىك كەلگۈسىدىكى ئاتا-ئانىلار، سىلەرنىڭ ھامىلىدار بولۇپ تۆتىنچى ئايغا قەدەم قويغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! بۇ مەزگىلنى نۇرغۇن ئانىلار « شېرىن ئاي مەزگىلى » دەپ ئاتايدۇ، چۈنكى ئەڭ ئاۋارىچىلىق بولغان ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىچى ئېلىشىش، قۇسۇش ئەھۋاللىرى ئاخىرى يوقاشقا باشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئۈمىدكە تولغان ھامىلە ھەرىكىتى ۋە كۈنسېرى يوغىناشقا باشلىغان قورساق ئالىدۇ. بىز بىرلىكتە ھەيران قالارلىق بۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كۆرۈلىدىغان مۆجىزە ئەھۋاللارنى ۋە ئالاقىدار مۇھىم ئۇچۇرلارنى چۈشىنىپ باقايلى.

ھامىلىدارلىقنىڭ تۆتىنچى ئېيى

 

مۇندەرىجە

1. ھامىلىدارلىقنىڭ 4-ئاي ھەققىدە ئومۇمىي تونۇشتۇرۇلۇش
2. ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى
3. ھامىلىدار ئانىلارنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر
4. دادىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
5. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار
6. تۇغۇت تەكشۈرۈش تۈرلىرى
7. جىددىي ئەھۋاللار ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى
8. ئوزۇقلۇق يېمەك-ئىچمەك قوللانمىسى
9. تۇرمۇش رىتىمىنى تەڭشەش تەكلىپلىرى
10. ھامىلە تەربىيىسىنى پىلانلاش
11. 4-ئايغا بولغان ئاخىرقى گۈزەل تېلەكلىرىمىز

 

ھامىلىدارلىقنىڭ 4-ئاي ھەققىدە ئومۇمىي تونۇشتۇرۇلۇش

ھامىلىدارلىقنىڭ ئىككىنچى مەزگىلى (second trimester) نى 1-ئېيى يەنى تۆتىنچى ئاي سىزنىڭ ئەڭ جاپالىق دەسلەپكى باسقۇچىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ 4-ئېيى 14-ھەپتىدىن 17-ھەپتىگىچە داۋاملىشىپ، ھامىلىنىڭ تېز ئۆسۈش مەزگىلى (Rapid Growth Period) نىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئىنكاسىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، سىز ھامىلىدارلىق تۇرمۇشىدىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىمەن بولۇپ، يېڭى ھايات ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىمەن بولالايسىز. ئالاھىدە مۇھىم بولغان بىر دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇقتا شۇكى، بۇ باسقۇچتا سىز بەلكىم تۇنجى قېتىم ھامىلە ھەرىكىتىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن، بۇ خىل ئاجايىپ تۇيغۇ ئانا بولغۇچىنىڭ ھېسسىياتىنى تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدۇ.

ۋاقىتنى ھېسابلاش

كالېندار ۋاقتى : ھامىلىدار بولغاندىن كېيىنكى 4-ئاي.

ھامىلىدار بولۇش ھەپتىسىنىڭ دائىرىسى : 14-ھەپتىدىن 17-ھەپتىگىچە.

يېتىلىش باسقۇچى : ھامىلىنىڭ تېز ئۆسۈش مەزگىلى (Rapid Growth Period)

مۇھىم بەلگە : ھامىلىدارلىقنىڭ ئىككىنچى مەزگىلى (Second Trimester) باشلىنىشى ، ھامىلىنىڭ ھەرىكىنى ھىس قىلىش

تۆۋەندىكى ئادرىستىنمۇ ھامىلىدارلىق كۈن، ھەپتىسى ۋە ئايلارنى ، تۇغۇت ۋاقتىڭىزنى ھېساپلاپ مۆلچەرلىيەلەيسىز:

https://dohturlar.com/sinaq/tughut.php

 

ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى

تۆتىنچى ئايدىكى ھامىلە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۆسۈش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بۇ ۋاقىتتا ھامىلە لىموننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىدىن يېڭى ئاپېلسىننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە تەرەققىي قىلىپ، ئۇزۇنلۇقى 10-12 سانتىمېتىر (Crown-Rump Length) غا يەتكەن، بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 110-14 گرام ئارىسىدا بولىدۇ. باش ئايلانمىسى تەخمىنەن 8-9 سانتىمېتىر كېلىدۇ. تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە ھامىلىنىڭ چىراي ئىپادىسى تېخىمۇ موللىشىپ، چاچ مويلار ئۆسۈپ چىقىشقا باشلايدۇ، بارماق ئىزى تولۇق شەكىللىنىدۇ، جىنسىي ئالاھىدىلىكىمۇ تېخىمۇ روشەن بولىدۇ.

ھەرىكەت سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى جەھەتتە، ھامىلىنىڭ بوغۇمى تېخىمۇ جانلىنىپ، سۆڭەك داۋاملىق كالتسىيلىشىپ، مۇسكۇل توقۇلمىلىرى ئۈزۈكسىز كۆپىيىدۇ، ھەتتا ئىمىش ھەرىكىتىنى ئىشلىيەلەيدۇ.

نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىمۇ مۇھىم ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشىدۇ. چوڭ مېڭىدە ئويمان كۆمۈرچەك (Brain Sulci) پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. نېرۋا سىستېمىسى تېز سۈرئەتتە يېتىلىپ، سەزگۈ سىستېمىسى تېخىمۇ سەزگۈرلىشىدۇ، تاشقى دۇنيانىڭ غىدىقلىشىغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا باشلايدىغان دەرىجىگە كېلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قان ئايلىنىش سىستېمىسىمۇ ئۈزۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، يۈرەك سوقۇشى تېخىمۇ كۈچىيىپ، قان تومۇر تورى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، قان ئىشلەش ئىقتىدارى كۈچىيىپ، پۈتكۈل قان ئايلىنىش سىستېمىسى بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىدۇ.

 

ھامىلىدار ئانىلارنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر

تۆتىنچى ئاي كىرگەندىن بۇيان، سىزنىڭ بەدىنىڭىز كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئەڭ روشەن بولغىنى بەدەن شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى بولۇپ، قورساق قىسمى كۆرۈنەرلىك يوغىناشقا باشلايدۇ، بەدەن ئېغىرلىقىمۇ مۇقىم ئاشىدۇ. بۇ ئايدا بەدەن ئېغىرلىقى 1.5-2 كىلوگىرام ئەتراپىدا ئېشىشى مۇمكىن. بالىياتقۇنىڭ ئورنى تەدرىجىي ئۆرلىسە، بەدەننىڭ ئېغىرلىق مەركىزىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ.

تېرە جەھەتتە، قورساق تېرىسىدا ۋە بەدەننىڭ باشقا يەرلىرىدە ھامىلىدارلىق داغ ( Chloasma ) پەيدا بولۇشى، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىدا ئۆزگىرىش بولۇشى، ئەمچەك دېغى رەڭگى داۋاملىق چوڭقۇرلىشىشى، بەزى ھامىلىدار ئاياللاردا قورسىقىنىڭ ئەتراپىدا ھامىلىدارلىق سىزىقلىرى ( Stretch Marks ) پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

خۇشال بولۇشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ مەزگىلدە ئىلگىرى كۆرۈلگەن نۇرغۇن بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ. كۆڭلى ئېلىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك يېنىكلەپ، ئىشتىھاسى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدۇ، زېھنىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ، كەيپىياتىمۇ تۇراقلىشىدۇ.

بۇ ئايدىكى ئەڭ مۇھىم يېڭى تۇيغۇلارنىڭ بىرى، ھامىلىنىڭ ھەرىكىتىنى ھېس قىلىشنى باشلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، گەرچە دەسلەپتە ئانچە ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك ئېنىق بولىدۇ. قورساق يۇمىلاقلىشى، كۆكسى قىسىم كۆپۈش، ئاغرىش سېزىمى يېنىكلەيدۇ، ئۇيقۇ سۈپىتىمۇ ياخشىلىنىدۇ.

 

دادىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

تۆتىنچى ئاي بولسا دادىنىڭ رولى ئۆزگىرىشتىكى مۇھىم مەزگىل. ئايالىنىڭ بەدەن ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە ھامىلىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى كۈتۈنۈشكە تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىشنىڭ ياخشى پەيتى ھېسابلىنىدۇ.

پىسخىكا جەھەتتىن تەڭشەش جەھەتتە، دادا بولۇشتەك بۇ رولغا ياخشى كىرىشكە تەييارلىق قىلىش، بالا بېقىش بىلىملىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىش، تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەييارلىققا قاتنىشىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئائىلە ئۆزگىرىشىنىمۇ ياخشى پىلانلاش كېرەك.

ھېسسىيات جەھەتتە، ھامىلىدار ۋە ھامىلە بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھامىلىنى ئانىسى بىلەن بىللە ھىس قىلىش، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى خاتىرىلەپ، ھەمراھى بىلەن خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ھامىلىدار ھەمرىيىنىڭ كەيپىيات ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ھامىلىدارنىڭ كەيپىياتى ناچار بولسا ۋاقتىدا بايقاپ، تەسەللىي بېرىش ، ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، دادا ھامىلىدار ئانىنىڭ مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى تەڭپۇڭ بولغان يېمەكلىكلەرنى تەييارلىشىغا ياردەم قىلىش، راھەت تۇرالغۇ مۇھىتى يارىتىپ، تۇغۇت تەكشۈرۈشىگە ھەمراھ بولۇشقا تىرىشىش كېرەك.

بۇ مەزگىل يەنە بوۋاقلار بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش، بوۋاق تۇغۇلسا قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىلان تۈزۈشكە باشلاش، مالىيە پىلانى تۈزۈشنى ئويلىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى. بالا بېقىش بىلىملىرىنى چۈشىنىش ئارقىلىق، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش جەھەتتە ئۆزىنى تېخىمۇ ئىشەنچكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

 

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار

تۆتىنچى ئاي ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر مۇقىم بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا نۇرغۇن تەپسىلاتلارغا دىققەت قىلىپ، ھامىلىدارلىقنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ھەرىكەت جەھەتتە، ھەر كۈنى تەخمىنەن 30 مىنۇت سەيلە قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يېنىك گىمناستىكا ئىشلەپ، داس تۈۋى مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت توغرا بىر شەكىلدە داس مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇش مەشىقى (Kegel Exercise) نىمۇ ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ. لېكىن قاتتىق ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

تېرە ئاسراش جەھەتتە ھامىلىدارلىق قورۇقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش، ئاپتاپتىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، تېرىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش، مۆتىدىل تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

بىخەتەرلىك ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە، يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلىنىش، ھاۋا ئۆزگەرگەندە (بىر ئىسسىپ بىر سوۋۇغاندا) ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇش، رادىياتسىيەنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش، ھامىلىدارنىڭ تۇرۇۋاتقان مۇھىتنىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى خەتەرلىك سىگناللاردىن ھوشيار بولۇش كېرەك، ئەگەر بىنورمال قاناش، داۋاملىق قورساق ئاغرىش، ئېغىر باش ئاغرىش ياكى قىزىش، بىئارام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تەكشۈرتۈش كېرەك.

 

بۇ ئايدىكى تەكشۈرۈش تۈرلىرى

تۆتىنچى ئايدىكى تۇغۇت تەكشۈرۈش بىر قەدەر نورمال، لېكىن ھەر بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.

دائىملىق تەكشۈرۈش قان بېسىمىنى ئۆلچەش، بەدەن ئېغىرلىقىنى خاتىرىلەش، بالىياتقۇ تېگىنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆلچەش ۋە ھامىلە يۈرىكىنى كۆزىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەگەر ئىلگىرى ئايدا دوۋن خروموسوم تەكشۈرۈشىنى قىلمىغان بولسا، بۇ ئايدا قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھامىلىدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈشكە تەييارلىق قىلىپ، دوختۇر تەۋسىيىسى ئاستىدا قان شېكىرى ۋە سۈيدۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك. چۈنكى بۇ ئايلاردىن باشلاپ ھامىلىدارلىق مەزگىلى دىئابىت كېسىلى كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى باشلىنىدۇ.

دوختۇر ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىدۇ، چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆلچەش، ھامىلىنىڭ ھەرىكەت خاتىرىسى ۋە ئورنىنى بېكىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئانا تېنىنى كۆزىتىش ئاساسلىقى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش ئەھۋالى، قان بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشى، بالىياتقۇنىڭ چوڭىيىش ئەھۋالى، شۇنداقلا بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى بار-يوقلۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

جىددىي ئەھۋاللار ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى

ھامىلىدارلىقنىڭ تۆتىنچى ئېيىدا بەزى جىددىي ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن ۋە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

جىنسىي يولدىن قان كېلىش مۇھىم بىر جىددىي ئەھۋال سىگنالى بولۇپ، بويىدىن ئاجراپ كېتىش ئىھتىماللىقىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تەكشۈرتۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىش، قاتتىق ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش ھەمدە قان چىقىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي خاتىرىلەش كېرەك.

قورساق ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندىمۇ ھوشيار بولۇش كېرەك، بولۇپمۇ سىجىل ياكى قاتتىق ئاغرىغاندا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ باھالاش كېرەك. نورمال پەيلەرنىڭ سوزۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان بىئاراملىق ياكى ئەمەسلىكىنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىزىش، قاناش قاتارلىق باشقا ئالامەتلەر كۆرۈلگەن-كۆرۈلمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

ھامىلىنىڭ ھەرىكىتى نورمالسىزلىق مۇ مۇھىم ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى. بۇ مەزگىلدە، ھەر كۈنى 10 قېتىمدىن ئارتۇق ھامىلە ھەرىكىتى بولۇشى كېرەك، ئەگەر ئۇدا ئالتە سائەت ھامىلە ھەرىكىتىنى ھېس قىلالمىسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تەكشۈرتۈش كېرەك. ئۇزۇن ۋاقىت ئاچ قالماسلىق كېرەك، مۇۋاپىق تاماق يېيىش ھامىلىنىڭ ھەرىكىتىنى غىدىقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

يۇقىرى قان بېسىمغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. بۇنىڭ تىپىك ئىپادىلىرى باش ئاغرىش، كۆز تورلىشىش ۋە ئۈستۈنكى قورساق ئاغرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قان بېسىمىنى قەرەللىك ئۆلچەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئەگەر قىسقىراش بېسىمى 140 mmHg دىن ئېشىپ كەتسە ياكى كېڭىيىش بېسىمى 90 mmHg دىن ئېشىپ كەتسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك، چۈنكى بۇ تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

جىددىي ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ يېنىدا جىددىي ئەھۋاللاردا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئېلىپ يۈرۈشى يەنى جىددىي ئەھۋالدا ئالاقىلىشىدىغان يولدىشىنىڭ، ئاتا ئانىسىنىڭ تېلېفون نومۇرلىرى يېزىلغان بىرەر قەغەز بولۇشى، يېقىن ئەتراپتىكى تۇغۇت بۆلۈمى دوختۇرخانىسىنىڭ ئورنىنى ئالدىن ئىگىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىش ۋاقتىنى ساقلاش، زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش، تۇغۇت تەكشۈرۈشىنى ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىش، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە فولىك كىسلاتاسى قاتارلىق زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق تولۇقلاش دورىلىرىنى ئىچىش كېرەك.

 

ئوزۇقلۇق يېمەك-ئىچمەك قوللانمىسى

تۆتىنچى ئايدىكى ئوزۇقلۇق تولۇقلاش تېخىمۇ ئەتراپلىق بولۇشى كېرەك، چۈنكى ھامىلە تېز ئۆسۈش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ.

ئاقسىل قوبۇل قىلىش جەھەتتە، ھەر كۈنى 75 گىرامدىن 100 گىرامغىچە ئاقسىل قوبۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئورۇق گۆش، بېلىق، تۇخۇم ۋە پۇرچاق ياسالمىلىرىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاش قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئاساسلىق مەنبەلىرىدىن قىزىل گۆش، قېنىق يېشىل كۆكتاتلار، پۇرچاق ۋە دانلىق زىرائەتلەر قاتارلىقلار بار.

كالتسىي ھامىلە سۆڭىكىنىڭ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، سۈت، قېتىق، قۇرۇق بېلىق ۋە پۇرچاق ياسالمىلىرىدىن ئېلىنىدۇ.

بەزىدە دوختۇرلار ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، د ۋىتامىنى ۋە تۆمۈر ماددىسى تابلىتى ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

يېمەك-ئىچمەك پىرىنسىپى جەھەتتە، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا دىققەت قىلىش، مۇۋاپىق مىقداردا كۆپ قېتىم غىزالىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، يېڭى يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى تاللاش، يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

ھەر خىل يېڭى مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپرەك تاللاش ئوبىيكتى قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئاساسلىق يېمەكلىكتە پۈتۈن دانلىق زىرائەتنى ئاساس قىلىش، مۇۋاپىق مىقداردا ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلاش، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك. بۇ خىل يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە كۆڭۈلدىكىدەك بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

 

تۇرمۇش رىتىمىنى تەڭشەش تەكلىپلىرى

تۆتىنچى ئاي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەشنىڭ ياخشى پەيتى، چۈنكى بەدەن ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشى سىزنى كۈندىلىك تۇرمۇشنى پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.

ئۇخلاش جەھەتتە، يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، چۈشلۈك دەم ئېلىش مۇۋاپىق، سول تەرەپنى بېسىپ يېتىش كېرەك، ھامىلىدار ئاياللارغا مەخسۇس بولغان ياستۇق ئىشلىتىپ ئۇيقۇ سۈپىتىنى ئۆستۈرسە بولىدۇ.

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش، قەرەللىك ھەرىكەت قىلىش، توغرا ھالەتنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش، راھەت ئاياغ كىيىمنى تاللاش كېرەك.

پىسخىكىلىق تەڭشەش جەھەتتە ئۈمىدۋار، ئاكتىپ روھىي ھالەتنى ساقلاش، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ دەرسلىكىگە قاتنىشىش، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى كۈندىلىك خاتىرىنى خاتىرىلەش كېرەك.

تۇرمۇش ئالاقە پائالىيىتى جەھەتتە، مۇۋاپىق كىشىلىك ئالاقە پائالىيىتىنى ساقلاش، ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى داۋاملاشتۇرۇش، باشقا بولغۇسى ئانىلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىش، ھامىلىدار ئاياللارغا ماس كېلىدىغان بەزى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش كېرەك. بۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاشقا پايدىلىق.

 

ھامىلە تەربىيىسىنى پىلانلاش

تۆتىنچى ئاي سىستېمىلىق ھامىلە تەربىيەسى باشلىنىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك مەزگىلى ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى ھامىلىنىڭ سەزگۈ ئەزالىرى پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ، سىرتقى دۇنيادىكى ھەر خىل غىدىقلاشلارنى ھېس قىلالايدۇ.

قۇرئان ۋەيا گۈزەل مۇڭلۇق كىلاسسىك مىللىيچە مۇزىكىلارنى تاللاپ، مۇۋاپىق ئاۋاز مىقدارىنى كونترول قىلىپ، مۇقىم ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىپ، ھەر قېتىمدا 15-20 مىنۇت داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.

ھامىلە تېگىش سېزىمى ئارقىلىق قورساقنى يېنىك سىلاپ، قۇرئان ۋەيا مۇزىكىنىڭ رىتىمىغا ماسلىشىپ، ھامىلە ھەرىكىتىنىڭ ئىنكاسىنى ھېس قىلىپ، ھامىلە بىلەن ھېسسىيات ئالاقىسى ئورناتقىلى بولىدۇ.

تىل سۆھبەت جەھەتتە، ھەر كۈنى ھامىلىگە گەپ قىلىپ بېرىش ، ھېكايە ئېيتىش، بالىلار ناخشىسى ئېيتىش، كەيپىياتىنى ھەمبەھرلەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. پائالىيەت لايىھەسى يىنىك ھەرىكەت، دالىدا سەيلە قىلىش، رەسىم سىزىش، كىتاب ئوقۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھامىلە پائالىيىتى ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئاتا-ئانا بىلەن ھامىلە ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات رىشتىسىنى كۈچەيتىدۇ.

 

4-ئايغا بولغان ئاخىرقى گۈزەل سۆزلىرىمىز

سۆيۈملۈك ئاتا-ئانىلار،  4-ئايغا قەدەم قويغان ۋاقتىڭىلار، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئەڭ قىيىن باسقۇچنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىئاراملىقنىڭ يېنىكلىشىگە ئەگىشىپ، سىلەر بۇ قىممەتلىك مىنۇتلاردىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىمەن بولالايسىلەر. ھامىلىنىڭ ھەر بىر سوقۇشى ھاياتلىقنىڭ گۈزەللىكىنى ئىزھار قىلىدۇ؛ قورساق قىسمىدىكى ھەر بىر ئۆزگىرىش مۇھەببەتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە شاھىد بولىدۇ.

بىز كېلەر ئايدىكى ئۇچرىشىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەيلى، تېخىمۇ كۆپ ئېسىل ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ھېكايىلەرنى ھەمبەھرلەيلى. ھەر بىر بولغۇسى ئانىنىڭ ساغلام، خۇشال ھامىلىدارلىق مەزگىلىگە ئىگە بولۇشىنى، ھەر بىر بولغۇسى دادىنىڭ ھەمراھ بولۇش جەريانىدىكى مىنۇت دەقىقىلەر خۇشاللىقىدىن ھوسۇل ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

 


 

ھامىلىدار جەريانىدىكى باشقا ئايلارنىڭ مەزمونلىرىنى تۆۋەندىكى ئادرىسلاردىن تاپالايسىز:

ئاي ئاي ھامىلىدارلىق سەھىپىسى

تۇغۇت ۋاقتى مۆلچەرلىگۈچ ماشىنىسى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-01-25

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-02-02 / 05:36:15

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ