ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھامىلىدارلىق بىلىملىرىھامىلدارلىق مەزگىلىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1) ھامىلىدار ئاياللار ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاش، ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلىشى ئۈچۈن روھىي جەھەتتىن ئۆزىنى خوشال-خورام خاتىرجەم تۇتۇشقا دىققەت قىلىش، غەزەپلىنىش، غەم ئەندىشە قورقۇنچلاردىن ساقلىنىش لازىم.

2) شەخسىي تازىلىق ۋە مۇھىت تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشى ئۆزىنى پاكىز تۇتۇپئىچكى كيىملەرنى پات-پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى، كىيىم-كىچەكلەرنى كەڭ كيىش لازىم. يۇقۇملنىشتىن ساقلنىش ئۈچۈن باشقىلار بىلن ئىچ كىيىم ئالماتۇرۇپ كەيمەسلىك، پات-پات ئىلمان سۇدا يۇيۇنۇپ سۇنى باشتىن قۇيۇپ يۇيۇش كېرەك جىنسىي يول ۋە ئەتراپىنى پاكىز تۇتۇش، ئەمما جاراسىملار ئىچكىرى كىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىچك جىنسىي ئەزانى يۇماسلىق كېرەك.

3) ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش، تېز يۈگۈرۈش،قاتتىق ۋارقىراش ۋە تۆۋەنى قورساق ساھەسىگە بېسم چۈشىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش لازىم.

4) ھامىلىدارلىق مەزگلىدە قان ئالدۇرماسلىق،سۈرگە ئىچمەسلىك يەى ھامىلىدارلىنىڭ تۆتنچى ئيىدىن ئىلگىرى يەتتىنچى ئېيىدىن كېيىن سۈرگە دورا ئىچمەسلىك كېرەك. سۈرگە ئىىش بەك زۆرۈر بولسا يۇمشاتقۇچى دورىلارنى ئشلىتىش ياكى كۆكتات شورپلىرىنى ۋە مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.

5)ھامىلىدارلار داۋاملىق يتىۋالماسلىق، يېنىك ھەرىكەتلەر يەنى يەڭگىل بولان جىسمانىي ئەمگەك ۋە ئادەتتىكى خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىىش كېرەك. ھامىلىدارلىقنىڭ كېىنكى ئايلىرىدا مېڭىپ بېرىش، ۋېلىسپېت مىنمەسلىك ۋە ۋېلىسپىتقا مىنگەشمەسلىك كېرەك.

6) يېتەرلىك ئۇخلاش ھامىلىدار ئاياللار ئۈچۈن ناھايىتى زۆرۈر، لېكىن ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزن بولۇپ كەتسە، كۈندۈزلرى ئۇخلىسا بەدەن بۇشاپ بەدەن ھارارىتى تۆۋەنلەپ ھەزىم قىلىش سۇسلىشىدۇ.

7) ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيى ۋە ئاخىرقى ئۈچ ئېيى ئىچىدە جىنسىي ئالاقىنى چەكلەش زۆرۈر. ھامىلىدارلىنىڭ دەسلەپك ئايلىرىدا جىنسىي ئالاقە ھامىلە چۈشۈپ كېتىشكە سەۋەبچى بولدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرى ئايلىرىدا بولسا جنسىي ئالاقە بىلەن ھەرخىل كېسەللىك

جاراسىملىرى جىنسىي يولغا كىرىپ كېتىپ ئېغىر كېسەللەرنى سادىر قىلىش ئېھتىماللىقى بار.

8) ھاملىدار ئايالنىڭ تامىقى سىڭىشلىك، ئوزۇقلۇقلار مول، لاتىف غىزالار بولۇشى، تاماقنى زىياد كۆپ يېمەسلىك، كۈندە ئۈچ قېتىمدىن تۆت قېتىمغىچە بولۇشى، ۋىتامىن، تۆمۈر ماددىلىرى كۆپ بولغان مېۋە-چىۋىلەر ۋە سەي كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىشى لازىم.

9) ئەگەر بەدەندە ئىششىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە يېمەك-ئىچمەكنى دەرھال مۇۋاپىقلاشتۇرۇش، سۇيۇق-سەلەڭ تاماق، تۇز ۋە گۆشلەرنى ئاز بېرىش، كۈنىگە ئىچىدىغان سۇ ۋە تاماقتا ئىستىمال قىلىدىغان سۇيۇقلۇق مىقدارىغا ئېتىبار بېرىش لازىم.  ئادەتتە ھامىلىدارلىقتا ئۇسساش كۆپرەك بولىدۇ.ئەگەر ئچىلگەن سۇيۇقلۇق بىەن بىر كېچە-كۈندۈز ئاجرىتىلغان سۈيدۈك مىقدارىدا روشەن تەڭسىزلىك بولمسا سۇيۇقلۇقنى قاتتىق چەكلەش زۆرۈر ئەمەس. ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ يۈرەك ۋە بۆرەكتە كېسەللىك سادىر بولغان بولسا سۇ ئالمىشىشتا توسالغۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولىدۇ. بار ئالدىنقى ھامىلە چۈشۈپ كەتكەن ئاياللارغا داۋائى مىشكى شېرىن ياكى داۋائى مىشكى مۆتىدىل  قاتارلى يۈرەك ۋە نېرۋىغا قۇۋۋەت بەرگۈچى دورىلارنى بېرىپ تۇرۇش پايدىلىق.

10 ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئىلاجى بار چوڭ تەرەتنى يۇمشۇتۇپ تۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. بولۇپمۇ ھامىلىدارلقنىڭ ئاخىرقى ئايلىرىدا يۇقىرىقىدىكى دىققەت قىلىش تېخىمۇ زۆرۈر.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
3
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-20 / 08:18:10

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ