توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
تۇخۇمدان ساغلاملىقى ئاياللار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا ھىساپلىنىدۇ. تۆۋەندە تۇخۇمداننىڭ بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز.
1. زىيادە ئورۇقلاش-بەدەندىكى ماينىڭ جىددىي تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەندىكى ئانىلىق ھورموننىڭ سەۋىيەسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئانىلىق ھورموننىڭ ئازىيىشى ھەيز قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ھەيز توختاپ قالىدۇ. نورمال بولمىغان ھەيز توختاش تۇخۇمداننىڭ تۇخۇم چىقىرىشىنى تورمۇزلاپ، تۇخۇمداننىڭ بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. ئۇزۇن مۇددەت تۈنەش-ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ھەر خىل ھورمۇنلارنىڭ كېچىدە ئاجرىلىپ چىقىشى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ، تۈنەش تۇخۇمدان ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈزۈپ قويىدۇ، ئۇزاق داۋاملاشسا، تۇخۇمدان بالدۇر قېرىپ كېتىدۇ.
3. پىسخىكىلىق بېسىمنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى-ئاياللارنىڭ پىسخىكىلىق بېسىمىنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى يوشۇرۇن خاراكتېرلىك كىلىماكتېرىيە دەۋرىيلىك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. باشقا سەۋەبلەر-مەسىلەن: ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش، ئىممۇنىتېت خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، تۇخۇم چىقىرىشنى زىيادە تېزلىتىش، دائىم تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۇخۇمداننىڭ بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17815423.shtml