ئەيدىز كېسىلى كېيىن شەكىللەنگەن ئىمۇنىنىت كەمـتۈك يىغىندى كېسەللىك ئالامىـتى نىڭ ئىنگىلىزچە قىسقارتىلمىسى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى ئۆمۇر بويى تارقىلىدۇ ئۇ ئادەمنىڭ ئىمۇنىنىت سېسـتىمىسنى بۇزۇپ ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر خىل كېسەللەرگە بولغان قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنل
1981يىلى 6-ئايدا ،ئامرىكا جىددىي كېسەللىكلەرنى كونـتۇرۇل قىلىش مەركىزى ئالدى بىلەن بەش خىل كېسەللىك مىسالىنى خەۋەر قىلدى،ئۇلار بولسا گوموسېكسۇئال (ئوخشاش جىنىستىكىلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش خىيالىدا بولدىغان ياكى بولغان ئادەم)كەينىدىنلا ،ئامرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئارقا -ئارقىدىن مۇشۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرىنى بايقىدى،پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە تارقالدى.
كىشىلەر ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارىخىنى سۈرۈشتۈرگەندە شۇنىڭغا ھەيران قالدۇكى ،ئۇنىڭ ئالدىنقى كۆرۇنىشى ھازىرغىچە يەنىلا بىر بوشلۇق.
ئىنسانلارنىڭ ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا ئېنىق خاتىرىسى 1981-يىلدىن باشلانغان .ئۇنىڭدىن بۇرۇن ،كىشىلەر بۇ خىل كېسەللىكنى بىلمەيتتى . 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ،ياكى خېلى بۇرۇنلا ،قانچىلىك ئادەمنىڭ ئەيدىز كېسلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمەيتتى .شۇنداقلا ئۇنىڭ باشلىنىشى قاچان ئىكەنلىكنى بىلمەيتتى.ئەيدىز كېسىلى باشلىنىشىدىنلا قاتتىق ئس -تۈتەكنىڭ ئىچىگە قاپلانغان ،گەرچە ھەرخىل پەرەزلەر ۋە كۈچلۈك ئىلمىي ئاساسلار يەكۈنلەنگەن بولسىمۇ ،لېكىن بىرەر كۆز قاراش تېخى ھازىرغىچە كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىدى .
بىزنىڭ بىلدىغىنىمىز ،ئەيدىز ۋىرۇسىدىن ئىبارەت يوشۇرۇن قاتىل كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق تەييارلىقى بولمىغان ئاستىدا ،جىمجىـت ھۇجۇم قىلىشقا باشلايدۇ،ئارقىدىنلا،يەنە بىر خىل كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتمايدىغان شەكىل بىلەن تارقىلىدۇ.ئەيدىز كېسلى تەتقىقاتچىسى ئەيدىز كېسلىنىڭ دەسلەپكى تارقىلىش ئالاھىدىلكىنى يىغىنچاقلقغان .لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلساق ،ئەيدىز ۋىرۇسى ›يوشۇرۇن ›قاتىل تاللىغان ھۇجۇم نىشانى ئادەم تېنىنى شۈركەندۈرىدۇ.ئۇ ئادەمنىڭ مەلۇم ئەزا ياكى مەلۇم قىسمىغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ،ئۇنىڭ ھۇجۇم قىلدىغىنى ئىنسانلا رنىڭ پۈتۈن ئىمۇنىنىت سېستىمىسى.