نېشە چەككەن گۇنامۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

دۇنيادىكى ئەڭ ئەرزان ، ئەڭ ئاسان تاپقىلى بولىدىغان بىزنىڭ ھۆكۈمەت چەكلەيدىغان زەھەرلىك چېكىملىك دەل نېشىدۇر

نېشە ھەققىدە :

نېشە ئادەتتە كەندىر دەپ ئاتىلدىغان بىر خىل ئۈسۈملۈكنىڭ يۇپۇرماق ، غوللىرىدىن چىقىدىغان ماي ئارقىلىق ياسىلىدۇ ، ئۇنى يىيىش ، تاماكىغا ئوراپ چېكىش ، موخۇركا بىلەن ئارلاشتۇرۇپ قاپاقتا ياكى ياڭيۇ ، ئالما قاتارلىق مىۋە چىۋىلەردە ئويۇپ “تانكا” ياساپ چېكىش دىگەندەك ئۇسۇللار بىلەن ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئىپادىسى باشنى قايدۇرۇش ، ۋاقىتلىق ئەسلىمىنى يوقىتىش ، بەدەن سېزىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ، مېڭىنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقان قىلىش ( مودا بولىۋاتقان كەيىپ دىگەن مۇشۇنداق ئوخشايدۇ) ، ئۇنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى ئەقلى قابىليەتنى تۆۋەنلىتىش ، ئەستە تۇتۇش قابىليىتى ھەددىدىن زىيادە ئاجىزلىشىش ، غەم يىمەسلىك ، بەغەرەزلىك ، جاھىللىق قاتارلىق پىسخىك كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، خىلىت جەھەتتىن سوغۇققا مايىل بولۇپ بەدەننىڭ سوغۇقىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ ، دىمەك نېشە سېپى ئۆزىدىن زەھەرلىك بۇيۇم !

خوش ، نېشە دىگەن شۇنداق نەرسىكەن ، ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك ، نۇرغۇن ياشلىرىمىز مۇشۇنداق نەرسىلەر بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆزىنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ رېئاللىقتىن قاچۇرىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۋالدى ، قەيسەر ئىرادە ، چن ئېتقاد دىگەنلەرنى تىلغا ئالمايلا قويايلى ، ئاددىسى ھاياتىنىڭ كاپالىتى بولمىش بەدىنىنىمۇ ئاسراپ تۇتالمايدىغان ھالەتكە يەتتى ، پۇلى بار يەرلەردە (مەسىلەن قاراماي) سېستىرا ئاغىنلىرىمىز كۆپىيىپ كەتتى ، ئۇلارنىڭ پۇل كۆپ بولغاچ نېشىنى ياراتماي بىۋاستە خىروئىن بىلەن ھەپىلشىۋاتىدۇ ، ئىقتىسادىى ياخشى ئەمەس بۇرادەرلەر بولسا ئات تاپقۇچە ئىشەك مىنىپ تۇرايلى دەپ قاپاق تارتىپ نېشىنىڭ كەيپىنى سۈرۈپ يۈرۋاتىدۇ ، مېنىڭ دىققەت قىلىشىمچە نۇرغۇنلىرىنىڭ نابۇت بۇلۇش جەريانى ئوخشايدىكەن.

بىرىنجى قەدەم يالغان سۆزلەشنى ئۆگىنىش
چىن دىلىدىن ، مەقسەتلىك ھالدا يالغان سۆزلەش

ئىككىنجى قەدەم تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىش
مەيلى دورىسۇن ، مەيلى ئوينىسۇن ، بارا بارا چېكىشكە خۇمار بولۇپ قېلىش

ئۈچىنجى قەدەم ھاراق ئىچىشنى ئۆگىنىش
دەسلەپتە ھاراق ئىچىش ھەقىقى ئەركەكنىڭ ئىشى دەپ قاراپ باشلىنىدۇ ، كېيىن مەس ۋاقتىدىكى بىنورمال ھادىسە ۋەقەلەردىن ئىلھام ئېلىپ ھاراققا باشچىلىپ كىرىپ كېتىش.

تۆتىنجى قەدەم قىزلاردىن ھۇزۇرلىنىشنى ئۆگىنىش
خاتا بولغان جىنسىيەت كۆز قارىشى تىكلەش ، قىزلاردىن ھۇزۇرلىنىش ئىستىكى ھەددىدىن زىيادە يۇقۇرى بولۇش ( داۋاملىق قىزلار بىلەن قالايمىقان مۇناسىۋەتتە بولۇش ، شەھۋانى بۇيۇملار بىلەن ھەپىلىشىش )

بەشىنجى قەدەم نېشە چېكىشنى ئۆگىنىش
يۇقارقى كەيىپلەر لەززەتلىك تۇيۇلمايدىغان مەلۇم مەزگىلگە كەلگەندە نېشە ئىنتايىن ياقىدىغان ، ئەرزان ، كۆپ باش ئاغرىقى يوق ، ئېسىل شەخس بولۇپ ئوتتۇرغا چىقىدۇ دە ۋاقىت چىقسىلا شۇنىڭ بىلەن ھەپىلشىدىغان ، شۇنى چەككەندىن كېيىنكى گاراڭ – گۇرۇڭلىقنى كەيىپ دەپ قاراپ لەززەتلىندىغان بولىدۇ ، ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى ، ئۇنى چەككەندىن كېيىن نېرۋىلارنىڭ كۆپىنجىسى ئۇيقۇ ھالىتىدە بولىدۇ ، پەقەت مەلۇم نېرۋىلارلا خىزمەت قىلغاچقا مەلۇم مەسىلىگە نىسبەتەن دىققەتنىڭ چېچىلىشى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ ، دىمەك بۇ خىل ھالەت بەزى ناخشىچىلارغا نىسبەتەن ۋاقىتلىق پايدا ئەكىلىشى مۇمكىن ، نېشە چەككەندىن كېيىن كاللا ئاددىلىشىدۇ ، بۇ خىل ئاددىلىق بەزى ئىشنى قىلغاندا بەك بېرىلىپ قىلىش ، ھەددىدىن زىيادە ئەستايىدىل ۋە قورقۇنچاق بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ ، دەل مۇشۇنداق بىنورمال ئىنكاسلار بەزىلەرگە نېشىنىڭ كەيپىنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىكەنلىكى ھەققىدە خاتا ئۇچۇر بېرىپ قويغان ، شۇڭا كۆپىنچە ياشلار بۇنى بىر ياخشى ئىش دەپ قاراپ ئۆزىنى نېشىگە ئۇرىدۇ.

ئالتىنجى قەدەم كۈچلۈك بولغان ، ئارلاشمىلارنى چېكىشنى ئۆگىنىش
ئادەتتىكى ساپ نېشىنى ئۇزۇن ۋاقىت بېسىپ چەككەندىن كېيىن بەدەن زەھەرلىنىپ ئۇنىڭ زەھىرى بەدەندە بۇرۇنقىدەك كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلمايدىغان بولىدۇ ، يەنى كەيپى تۇتمايدىغان بولىدۇ دە “ئاقكۆڭۈل” بۇرادەرلەرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئىچكىردە ئىشلىنىۋاتقان ” شەرقى شىمال يولۋىسى” دەپ نام ئالغان ئارلاشمىنى تېتىپ باقىدۇ ، بۇ خىل ئارلاشما ئەمەلىيەتتە نېشە بىلەن ھەرخىل زەھەرلىك بۇيۇملارنىڭ بېرىكمىسى بولۇپ ئۆزى نېشىنىڭ شەكلىدە بولۇپ ، بەدەنگە تەسىر قىلىش كۈچى يۇقىرى ، زەھەرلەش دەرىجىسى بىر قەدەر ئۈستۈن ، ھەقىقى ئۆزىنى تارتىپ بۇلالمايدىغان ھالەتكە ئەكىلىپ قويالايدىغان زەھەرلىك چېكىملىك ، k ئۇنى ، باش تولغاش كۇمىلىچى قاتارلىقلارمۇ بۇنىڭ ئالدىدا ھېچگەپ ئەمەس ، كۆپىنچە ھاللاردا نېشىنى توپ ئېلىپ ، پارچە ساتىدىغان كىشىلەرنى “بولاقچى” دەپ قويىشىدۇ ، بۇ بولاقچىلار يەرلىك نېشە (ساپ نېشە) ۋە شەرقى شىمال يولۋىسى نى بىللە ساتىدۇ ، ئۆزىچە ئۆزىنى ئاياپ قالغانلار يەرلىك نېشە بىلەن ھەپىلشىدۇ ، ئۇچۇشنى بىلىپ چۈشۈشنى بىلمەي قالغان نوچىلار بىۋاستە شەرقى شىمال يولۋىسى بىلەن ئېيتىشىدۇ ، ھۇدۇقماي تۇرۇپ دىيەلەيمەنكى ئۇيغۇر جەمىئىتىدە %60 ئۇيغۇر ياشلىرى نېشە چېكىدۇ ، بۇنىڭ %70 شەرقى شىمال يولۋىسى چېكىدۇ ، بۇنىڭ %90 ئاخىرى ئاق چېكىشكە تەرەققى قىلىدۇ.

يەتتىنجى قەدەم ئاق چېكىشنى ئۆگىنىش
شەرقى شىمال يولۋىسىنى بېسىپ نەچچە يىل ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن بەدەن تېخىمۇ زەھەرلىنىپ بۇ نەرسىمۇ بۇرۇنقىدەك كۈچلۈك تەسىر قىلماس بولۇپ قالىدۇ ، كەيىپ قىلىش مەجبۇرىيىتى بار “تاتلىق” ياشلىرىمىز ئاخىرى كەيىپنىڭ يۇقۇرى پەللىسى بولغان خىروئىننى ئىزدەپ تاپىدۇ دە ئۇنىڭ قىسقا ۋاقىتلىق لەززىتىدىن تەسىرلىنىپ جان جەھلى بىلەن ئۇنىڭغا كىرىشىدۇ ، ئەمەلىيەتتە خىروئىنمۇ پەقەت مېڭىنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقان قىلىش ئارقىلىق كىشىدە لەززەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ ، ئۇنىڭ زەھىرى كۈچلۈك ، خۇمارى كۈچلۈك ، پۇلى كۆپلىرى تاماكا قەغىزىدە ئاستىدىن ئوت قۇيۇپ ئىسىنى شوراپ ياكى بىۋاستە بۇرنىغا شوراپ چېكىدۇ ، پۇلى يوق چېكەرمەنلەر ئازغىنە نەرسىدىن بەكرەك ھۇزۇر ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ بىۋاستە تومۇرغا ئ.ۇرىدۇ ، ئۇلار خىروئىن بىلەن سۇنىڭ مىقدارىنى ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن تەڭشەيدۇكى سۇ كۆپ بولۇپ كەتسە كەيىپ كۆرەلمەيدۇ خىروئىنغا زىيان بولىدۇ ، سۇ ئاز بۇلۇپ قالسا خىروئىن قان تومۇردا قېتىۋېلىپ دەل جايىدا جەھەننەمگە سەپەر قىلىدۇ .

سەككىزىنجى قەدەم ۋەيران بولۇش
…………………

(تەلىيى كاج كەلسە تېخى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپمۇ قالىدۇ)

بىر ئادەمنىڭ كەيىپكە بېرىلىش باسقۇچلىرى يىغىپ يۆگەپ كەلسە مۇشۇ باسقۇچلار بىلەن بولىدىكەن ، كۆپىنچە ھاللاردا بۇ باسقۇچلار ئىلگىرى كېيىن بولماي مۇشۇ تەرتىپ بۇيىچە داۋام ئېتىدىكەن ، مەن بەك دىققەت قىلدىم ، ئۇيغۇر جەمىئىتدە نېشە ئاجايىپ سىرلىق بىر ئورۇنغا ئىگە ئىكەن ، بەزى چوڭلىرىمىز ئۇنى چېكىشنى بوۋىلىرىدىن ئۆگەنكەنىكەن ، بەزىلەر ھەتتا نېشە چېكىش مەيلى قايسى جەھەتتىن بولمىسۇن ئادەمگە پايدىلىق دەپ قارايدىكەن ، تېخىمۇ قورقۇنۇچلىقى شۇكى يىتىلۋاتقان ياشلىرىمىز نېشىنىڭ كەيپىنىڭ تۈرتكىسىدە يۇقارقى كەيىپ باسقۇچلىرىنىڭ تېزلىكتە تاماملاپ خىروئىن بىلەن بىۋاستە ھەپىلشىدىغان ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدىغان ئىشلارغا دۇچار بولىدىكەن ، يېقىندا بىر ئۇكىمىز ئورنىدىكى بالا ئاق چېكىپ جېنىدىن ئايرىلدى ، شۇنچىلىك ھەيران قالدۇقكى ئۇ يۇقارقى باسقۇچلارنى تېز سۈرئەتتە تاماملاپ “ئەلاچى” بولۇپ “ئەجەل” مۇكاپاتىغا بالدۇرلا ئېرىشتى ، يېنىمدا ، يېنىڭىزدا بۇنداق مىساللار بەكمۇ كۆپ ، چىرايى خۈنۈك ، ئىش خوشياقمايدىغان ، قىز بالىغا قارىسا كۆزلىرى خۇمالىشىپ قالىدىغان ، جىمغۇر ياكى كوت كوت ، غەرەز چۈشەنمەيدىغان بىر ئەۋلات ئۇيغۇر ياشلىرى ھېلىھەم سىز بىلەن مەن بىلەن ئورتاق بىر ھاۋادىن نەپەسلىنىپ تۇرۇپتۇ ، تەرەقىياتنىڭ چاقىغا چاپلاشقان بۇ لاي لاتقىلارنىڭ قولىدىن ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىش ، مىللەتنىڭ يۈزىنى تۆكۈش ، تەرەقىياتنى ئاستىلىتىشتىن باشقا ئىش كەلمەيدۇ خالاس .

قانداق قىلىش كېرەك ؟!؟!؟!

پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىمىزنى مەركەز قىلغان ھالدا باشقىلارغا تەسىر قىلالىغۇدەك ، ئىلمى بولغان باشقىلارنىڭ قايىل قىلالىغۇدەك مۇناسىۋەت چەمبىرىكى تۈزۈپ چىقىشىمىز كېرەك ، بۇنداق قىلالىشىڭىز ياكى قىلالماسلىقىڭىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ دىتىغا باغلىق ، قىلالىسىڭىز سىزدە ، مىللىتىڭىزدە يەنىلا ئۈمىت بار ، قىلالمىسىڭىز (قىلدىغانلار بارغۇ دىمەڭ) ، تارىخ تارازىسى ھامان سىزنىمۇ شۇلار بىلەن قوشۇپ جازالايدۇ !

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-22

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-05 / 07:17:30

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ