ئانا سەھىپەئەنئەنىۋىي تېبابەتلەرجۇڭيى تېبابىتىبۆرەك ئاجىزلىقنىڭ تۈرلىرىنى چۈشىنەمسىز؟

بۆرەك ئاجىزلىقنىڭ تۈرلىرىنى چۈشىنەمسىز؟

ساغلاملىق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۆرەك ئاجىزلاش مۇقىم بىر خىل كېسەللىك ئەمەس. ئۇ پەقەت تېبابەتتىكى بۆرەك ۋە ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە كۆپىنچە كىشىلەر زادى قايسى خىلدىكى ئاجىزلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىماي قالايمىقان قۇۋۋەت تولۇقلاپ، ئالامەتلىرى ياخشىلانمىغاننىڭ ئۈستىگە مىجەزىنى بۇزۇۋېلىپ تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدىكى بۆرەك ئاجىزلىشىش زادى قانداق ئۇقۇم؟ قانداق قىلساق توغرا قۇۋۋەتلىنەلەيمىز؟

بۆرەك ئاجىزلىقنىڭ تۈرلىرىنى چۈشىنەمسىز؟

بۆرەك ئاجىزلىشىش ئادەتتە تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ.

1. بۆرەك قۇۋۋىتى ئاجىزلاش.

ئالامەتلىرى: پۇت-قولى ماغدۇرسىزلىنىش، بەدەن ئاجىز، روھى چۈشكۈن بولۇش، ئاسان زۇكام بولۇش قاتارلىقلار. ئەرلەردە مەنىي ئېقىپ قېلىش، جىنسى ئاجىزلىق، مەنىي بالدۇر كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ. ئاياللاردا ئاق خۇن سۈزۈك ھەم سۇيۇق، مىقدارى كۆپ بولۇش، ھەيز مەزگىلى ئۇزۇن بولۇش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. بۇنى داۋالاشتا ئادەتتە بەدەننى ئىللىتىپ قۇۋۋەت تولۇقلاش ئاساس قىلىنىدۇ.

2. بەدەننى سوغۇق ئېلىپ كېتىش.

بۆرەك قۇۋۋىتى ئاجىزلاش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە بەدەننى سوغۇق ئېلىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىپادىسى: سوغۇقتىن قورقۇش، چىرايى تاتىراڭغۇ، ماغدۇرسىز، بېشى قېيىپ كۆزى تورلىشىش. ئەرلەردە بەل ئاغرىش، كىچىك تەرىتى سۈزۈك ھەم ئىنچىكە بولۇش، كېچىدە ھاجەتكە كۆپ چىقىش، جىنسىي ھەۋىسى چېكىنىش قاتارلىقلار. ئاياللاردا بالىياتقۇنى سوغۇق قاپلاپ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. بەدەننى ئىسسىق قاپلاش.

كۆپىنچە ئالامەتلىرى قۇرۇق ئىسسىققا مايىل بولىدۇ. ئاساسلىق ئىپادىسى: ئېغىزى قۇرۇش، ئىچى تىتىلداش، ئىچى قىزىش، مەيدە، قول، پۇتى قىزىپ تۇرۇش، كالپۇكى قىزىرىش، سوغۇق تەرلەش، چوڭ تەرىتى قېتىپ قېلىش. بۇنىڭدىن باشقا ئەرلەردە كېچىسى ئۇخلىيالماسلىق، ئاسانلا قايىم بولۇش، جىنسى ئىنتىلىشى كۈچلۈك بولۇش، ئاياللاردا مەڭزى قىزىل تۇرۇش، بەدىنى ئورۇق، ھەيز مىقدارى ئاز ياكى كەلمەسلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

4. بەدەننى ئىسسىق سوغۇق تەڭ قاپلاش.

بۇنىڭدا ئالامەتلەر ئارىلاش كېلىدۇ. مەسىلەن: بەل، تىز سىرقىراپ يۇمشاش، ئەرلىك جىنسى ئاجىزلىق، ئېھتىلام بولۇش، قول پۇت مۇزلاپ سوغۇقتىن قورقۇش بىلەن بىرگە سوغۇق تەرلەش، بەزىدە بەدەن قىزىپ كېتىش قاتارلىقلار. بۇنىڭدا قۇۋۋەتنى تەڭ تولۇقلاش كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/18031698.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-01-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-12-28 / 10:52:54

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ