بوۋاقلار بىر ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى سوسكا ئېمىپ ئاسانلا قېقىلىپ كېتىدۇ، كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار بۇ چاغدا بالىنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ
ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش ئىنتايىن خەتەرلىك، بالا سوسكا ئېمىپ قېقىلىپ كەتكەندە ئېگىز كۆتۈرۈشكە قەتئىي بولمايدۇ. بالا سوسكا ئېمىپ قېقىلىپ كەتكەندە تۆۋەندىكى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىش كېرەك:
1. بالا قېقىلغاندا ئازراق يۆتەلگەن، بىراق چارايى كۆكىرىپ كەتمىگەن بولسا، بالىنى يانتۇ ياتقۇزۇپ دۈمبىسىگە يېنىك ئۇرۇپ بېرىش كېرەك. لېكىن قېقىلىش ئەھۋالى ئېغىر بولسا بالىنى پاقالچاققا دۈم ياتقۇزۇپ، دۈمبىسىگە تۆت-بەش قېتىم قاتتىق ئۇرۇش كېرەك.
2. ئاغزىدىكى نەرسىلەرنى پاكىز تازلىۋېتىپ، سۈت يۇقۇندىلىرىنىڭ نەپەس يولىغا كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
3. بالىنىڭ يىغىسى ۋە رەڭگىروھىنى كۆزىتىش كېرەك، ناۋادا بوۋاق يىغلىمىغان، بىراق چىرايى كۆكىرىپ كەتكەن بولسا، دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.