ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىبالىلارنى زۇكامدىن ساقلاشنىڭ ئون تەدبىرى

بالىلارنى زۇكامدىن ساقلاشنىڭ ئون تەدبىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1.دالا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاقىتنى ئۇزارتىش. تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، داۋاملىق دالا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بالىلارنىڭ زۇكام بولۇش نىسبىتى ھەرىكىتى ئاز بالىلارغا قارىغاندا روشەن ھالدا تۆۋەن بولىدىكەن.

بالىلارنى زۇكامدىن ساقلاشنىڭ ئون تەدبىرى

2.كىيىمنى مۇۋاپىق كىيدۈرۈش. كىيىمنى نورمال كىيدۈرۈش كېرەك. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارغا سوغۇق ئۆتۈپ قالمىسۇن دەپ، كىيىمنى قېلىن كىيدۈرىدۇ، لېكىن نەتىجىدە يەنىلا زۇكام بولىدۇ.

3.ناشتىلىقنى ئوبدان قىلىش. ناشتىلىقنى ئوبدان قىلغاندا تەن ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىسسىقلىق سوغۇققا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

4.بىر نەرسە يېيىشتىن بۇرۇن چوقۇم قولىنى يۇيۇش. بالىلار ھەر قانداق يېمەكلىك يېيىشتىن بۇرۇن چوقۇم قولىنى پاكىز يۇيۇشى كېرەك. چوڭلار بالىلارغا يېمەكلىك يىگۈزگەندە چوقۇم دىققەت قىلىشى، يېمەكلىك ئارقىلىق زۇكام يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

5. ئۆي تېمپېراتۇرىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش. ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىدا ئۆزگىرىش چوڭ بولسا، بالىنىڭ زۇكام بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلايدۇ.6. سوغۇق ئۆتۈپ قالسا چارە قىلىش. بالىغا سوغۇق ئۆتۈپ قالغان

دا دەرھال ئىسسىق جاي ۋە ياكى كارىۋاتقا يۆتكەش، ئىسسىق چاي، شورپا ياكى سۈت ئىچكۈزۈش كېرەك. ئەگەر ئىچەلىسە زەنجىۋىل قاينىتىپ، سۈيىنى ئىچسە تېخىمۇ ياخشى.

7. ئۆيدە زۇكام بولغان ئادەم بولسا دەرھال ئايرىۋېتىش. ئۆيدە زۇكام بولغان ئادەم بولسا بالىلارغا بىۋاستە يېقىنلاشماسلىقى يۈزمۇيۈز ئولتۇرماسلىقى، بىر كارىۋاتتا ئۇخلىماسلىقى كېرەك.

8. يەسلىدە زۇكام بولغان بالا بولسا دەرھال ئايرىۋېتىش. زۇكام بولغان بالىلارنى يەسلىگە ئەكەلتۈرمەسلىك كېرەك. ئەگەر زۇكام بولغان بالىلارنىڭ سانى كۆپ بولسا، بالىلار پائالىيەت قىلىدىغان مەيداننىڭ ھاۋاسىنى

دېزىنفېكسىيەلەش، ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا يەڭگۈشلەش، يوتقان-كۆرپىلەرنى ئاپتاپقا سېلىش كېرەك.
9. زۇكام تارقالغاندا سىرتقا كۆپ چىقماسلىق. بالىلارنى ئاممىۋى سورۇنلارغا ئاپارماسلىق، باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرگىلى قويماسلىق، زۇكام يۇقۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

10. ئاستا خاراكتېرلىك يۇقىرىقى نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى ئاكتىپ داۋالىتىش. تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، بادام تەنچە ياللۇغى، كانايچە ياللۇغى، بۇرۇن ياللۇغى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك يۇقىرى نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان بالىلار باشقا بالىلارغا قارىغاندا ئاسان زۇكام بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى تېزلىكتە داۋالىتىش كېرەك.

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-05-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-05-09 / 11:25:32

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ