ھەر بىر ئاتا-ئانا ئۈچۈن بوۋىقىنىڭ ساغلام، زېرەك بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئەڭ چوڭ ئارزۇ. بۇ جەرياندا، توغرا ۋە يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئالاھىدە ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئىككى خىل ھالقىلىق ئوزۇقلۇق ماددا بار، ئۇلار بولسىمۇ ۋىتامىن D ۋە تۆمۈر. ئۇنداقتا بۇ ئىككى خىل ئوزۇقلۇقنى قاچان، قانچىلىك مىقداردا ۋە نېمە ئۈچۈن تولۇقلاش كېرەك؟
ۋىتامىن D: سۆڭەك ساغلاملىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى
نىمە ئۈچۈن كېرەك؟
ۋىتامىن D بوۋاقلارنىڭ بەدىنىدىكى كالتسىي ۋە فوسفورنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىنتايىن مۇھىم بىر خىل ۋىتامىن. ئۇ سۆڭەكنىڭ ساغلام ئۆسۈشى ۋە چىشلارنىڭ چىقىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ. ئەگەر بوۋاقلاردا ۋىتامىن D يېتىشمىسە، سۆڭەك يۇمشاش كېسىلى (راخىت) كېلىپ چىقىپ، سۆڭەكلەرنىڭ نورمال تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر يېتىدۇ.
قاچان باشلاش كېرەك؟
ئادەتتە، بوۋاق تۇغۇلۇپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا ۋىتامىن D تولۇقلاشنى باشلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىۋاتقان بوۋاقلارغا بۇ تېخىمۇ مۇھىم، چۈنكى ئانا سۈتىدىكى ۋىتامىن D مىقدارى بوۋاقنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىنى قامداشقا يەتمەسلىكى مۇمكىن.
قانچىلىك مىقداردا بېرىلىدۇ؟
ئامېرىكا بالىلار كېسەللىكلىرى ئاكادېمىيەسى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ساغلاملىق ئورگانلىرىنىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن، بوۋاقلارغا كۈنىگە 400 خەلقئارالىق بىرلىك (400 IU) ۋىتامىن D تولۇقلاش كېرەك. سۈت پاراشوگى بىلەن بېقىلىدىغان بوۋاقلار ئەگەر كۈنىگە يېتەرلىك مىقداردىكى (تەخمىنەن 1 لىتىر) قۇرۇق سۈت ئىچسە، قوشۇمچە ۋىتامىن D تولۇقلاش ھاجەتسىز بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ھازىر بازاردىكى سۈت پاراشوكلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە ۋىتامىن D قوشۇلغان بولىدۇ. ئەمما ھەر بىر بوۋاقنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغاچقا، دورا بېرىشتىن بۇرۇن چوقۇم دوختۇر بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئەڭ توغرا تاللاش.
تۆمۈر: ئەقىللىق مېڭە ۋە ساغلام بەدەننىڭ ئاساسى
نىمە ئۈچۈن كېرەك؟
تۆمۈر قاندىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولغان گېموگلوبىننى شەكىللەندۈرۈشتە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. گېموگلوبىننىڭ ۋەزىپىسى بەدەندىكى ھەر قايسى ئەزالارغا ئوكسىگېن يەتكۈزۈشتۇر. بوۋاقلارنىڭ مېڭىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە يېتىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ئوكسىگېن كېرەك. تۆمۈر يېتىشمىسە، بوۋاقلاردا تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭە تەرەققىياتى، ئۆگىنىش ئىقتىدارى ۋە ئومۇمىي ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر تۆمۈر مىقتادى تۆۋەن بولسا، بوۋاقلاردا تېزلا قان ئازلىق پەيدا بولىدۇ ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر قىلىدۇ.
قاچان باشلاش كېرەك؟
ۋاقتىدا تۇغۇلغان، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىۋاتقان ساغلام بوۋاقلارنىڭ تېنىدە تۇغۇلغاندا زاپاس ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى بار بولۇپ، بۇ ئادەتتە 4 ئايدىن 6 ئايغىچە بولغان ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ. شۇڭلاشقا، دوختۇرلار ئادەتتە بوۋاقلارغا 4 ئايلىق ياكى 6 ئايلىق بولغاندا تۆمۈر ماددىسىنى قوشۇمچە تولۇقلاشنى باشلاشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ۋاقتى توشماي تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ زاپاس تۆمۈر مىقدارى ئاز بولغاچقا، ئۇلارغا تېخىمۇ بالدۇرراق تۆمۈر تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ.
قانچىلىك مىقداردا بېرىلىدۇ؟
تۆمۈر دورىسىنىڭ مىقدارى بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقى، يېشى ۋە ئومۇمىي ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ. ئادەتتىكى تەۋسىيە مىقدارى ھەر كىلوگىرام بەدەن ئېغىرلىقىغا 1-2 مىللىگىرام (1-2 mg/kg) ئەتراپىدا بولىدۇ. لېكىن بۇ پەقەت ئومۇمىي بىر يېتەكچى پىكىر، ئەڭ توغرا مىقدارنى بالىلار دوختۇرى بېكىتىپ بېرىدۇ. تۆمۈر ماددىسى قوشۇلغان قۇرۇق سۈت بىلەن بېقىلىدىغان بوۋاقلار قوشۇمچە تۆمۈر دورىسىغا ئېھتىياجلىق بولماسلىقى مۇمكىن.
قىسقىسى، بوۋاق تۇغۇلۇپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا كۈنىگە 400 IU ۋىتامىن D بېرىشنى باشلاش ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارغا 4-6 ئايلىق بولغاندا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۆمۈر دورىسى باشلاش، ئۇلارنىڭ مېڭە تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.
ئەڭ مۇھىمى، ھەر قانداق قوشۇمچە ئوزۇقلۇق ياكى دورىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، چوقۇم كەسپىي بالىلار دوختۇرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بالىڭىزنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئېلىش لازىم.