تاتلىق يېمەكلىكلەرنى توغرا ئىستېمال قىلمىغاندا ، سېمىزلىك ، يۇقىرى قان بېسىم ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن سېرت ، سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش ، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش كېسەللىكىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
تاتلىق يېمەكلىكلەرنى قانداق ئىستېمال قىلغاندا بەدەنگە زىيان قىلمايدۇ ؟ دېگەن مەسلىگە كەلسەك ، ئالدى بىلەن ئاچ قورساققا تاتلىق يېمەكلەرنى يېمەسلىك لازىم . قورساق ئاچقان ۋاقىتتا قەنتلەر ھەزىم قىلىنمايلا ، بىۋاستە قانغا سۈمۈرۈلۈپ كېتىپ ، قان شېكىرىنى ۋاقىتلىق ئۆرلىتىۋېتىدۇ ، ۋاقىتلىق ئۆرلەپ كەتكەن قان شېكىرى بەدەندىكى نۇرغۇنلىغان ئاساسلىق توقۇلمىلاردىكى ئاقسىللاردا ئىنكاس پەيدا قىلىپ ، ئۇلارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خېيىم – خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ .
شۇڭا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى تۆۋەندىكى ئۈچ ۋاقىتتا ئىستېمال قىلغان ياخشى . چېنىقىشتىن بۇرۇن ، ياندۇرغان ياكى ئىچى سۈرۈپ كەتكەندە ئازراق شېكەر سۈيى ئىچسە ، ئۈچەي ، ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىسى بار . دىيابىت ئاغرىقلىرىنىڭ قاندىكى شېكەر ماددىسى چۈشۈپ كەتكەندە تېزلىكتە تاتلىق يېمەكلىك يىگەندە خەتەرلىك ئەھۋالدىن ئۆتۈپ كېتىشكە پايدىسى بار.
تاتلىق يېمەكلىكلەرنى تاللاپ يېيىشنى ئۈگىنىۋېلىش لازىم . مەسىلەن ، بىرىنچىدىن ، تاتلىق يېمەكلىكلىرنى ئىستېمال قىلغاندا ئانار ، ئالمىغا ئوخشاش تەبىئىي تاتلىك يېمەكلىكلەرنى تاللاش لازىم . ئىككىنچى ، شېكەر ئالكوگولى قاتارلىق تەم ئۆزگەرتكۈچى قوشۇلغان يېمەكلىكلەرنى تاللاش كېرەك. ئۈچىنچىدىن ، يىرىك پىششىقلاپ ئىشلەنگەنتاتلىق يېمەكلىكلەرنى تاللاش لازىم.