ھازىر نۇرغۇنلىغان ياش-ئۆسمۈرلەر ئۆزىنىڭ بەدەن فىگورىسىنىڭ گۈزەل بولۇشىغا، بولۇپمۇ بويىنىڭ ئېگىز بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىدۇ
بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، تېببىي تەتقىقاتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئىرسىيەت ئامىللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن سىرت، يەنە كېيىنكى مەزگىلدىكى ئوزۇقلۇق بىلەنمۇ ئىنتايىن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنداق بولسا قانداق يېمەكلىكلەر بوينىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ؟
1. ئىسسىقلىقنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ھازىر مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئېنىقلىشىچە، 13 – 19 ياشتىكى ئوغۇللار ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئىسسىقلىق 2500 – 2700 كىلوكالورىيە بولىدىكەن. شۇڭا بۇ ياشتىكى بالىلارنى يېتەرلىك بولغان ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشكە كەپالەتلىك قىلىش لازىم.
2. ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ئاساسەن ئورۇق گۆش، تۇخۇم، سۈت، پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكنى كۆرسىتىدۇ. 13 – 16 ياشتىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ كۈندىلىك تامىقىدا 75 – 80 گرام، 16 – 19 ياشتىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ تامىقىدا 80 – 90 گرام ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر (100 گرام گۆش ئىككى تۇخۇمغا باراۋەر) بولۇشى لازىم.
3. مەلۇم مىقداردىكى مىنېرال ماددىلار ۋە ۋىتامىن بولۇشى لازىم. ياش-ئۆسمۈرلەر بەدەن قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى مىنېرال ماددىلاردىن ئايرىلالمايدۇ. ئادەم 20 ياشقا كىرگەندىمۇ بويى يەنلا داۋاملىق ئۆسۈپ تۇرىدۇ، شۇڭا تەركىبىدە كالتىسىي، فوسفور بار بولغان سۈت، تۇخۇم، كۈنجۈت ۋە پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ تۇرۇش لازىم.
چۈنكى ياش-ئۆسمۈرلەر كۈنىگە 1000 – 1200 مىللىگرام كالتىسىيىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ۋىتامىن C بەدەن ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا، ۋىتامىن D كالتسىيى فوسفۇرلارنىڭقوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە. شۇڭا ۋىتامىن C ،D بار يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ تۇرۇش لازىم. مەسىلەن شوخىلا، دولانا، چىلان، كۆكتاتلارنى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ھايۋانات جىگىرى، تۇخۇم، سۈت قاتارلىقلار.