ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرسۆڭەك كېسەللىكلىرى​بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى ۋە ئېغىر ئالامەتلىرى

​بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى ۋە ئېغىر ئالامەتلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى نوقۇل ھالدا تەسۋىرلەشكە تايىنىپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ، گەۋدىلىك بولسا ئاندىن بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى دەپ دىياگنوز قويغىلى بولىدۇ. بېسىلىش ئورنى ۋە ئاغرىش ئالامەتلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ مۇئەييەن ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك. بېسىش ئورنى ئوخشاش بولمىسا، كېسەللىك ئالامەتلىرىدىمۇ پەرق ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ تىپقا ئايرىلىشىدىن قارىغاندا ئۇ ئاساسلىقى يەتتە خىل ئوخشاش بولمىغان بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە بۆلۈنىدۇ، ئىپادىلىگەن كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.

ئاساسلىقى: بويۇن ئاغرىش تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى، نېرۋا يىلتىزى تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى، يۇلۇن تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى، ئومۇرتقا ئارتېرىيەسى تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى، سىمپاتىك نېرۋا تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى، ئارىلاشما تىپلىق بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى، قىزىلئۆڭگەچ بېسىلىش تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى دەپ ئايرىلىدۇ.

تۆۋەندە بىز دائىم كۆرۈلىدىغان بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىدە ئىپادىلەنگەن ئوخشاش بولمىغان ئالامەتلەرنى تەھلىل قىلىپ باقايلى.

1. بويۇن ئاغرىش تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى: بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى. دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى: بويۇن قىسمى ئاغرىش، قېتىپ قېلىش، بويۇن، مۈرە، دۈمبە قىسمى ئاغرىش، ئۈستۈنكى بەدەن قىسىمى ئاغرىش، بەدەن ئاغرىغاندا كۆپىنچە تېلىپ چىڭقىلىپ ئاغرىش، توڭلاپ كەتكەندەك ھېس قىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلار.

2. نېرۋا يىلتىزى تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى: كىلىنىكىدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى. كۆپىنچە ھاللاردا بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ چېكىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ چېكىنىشى مۇسكۇل قېتىشىش، ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ چېكىنىشى، سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

3. ئومۇرتقا نەيچىسى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى: كۆپىنچە ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆرۈلىدۇ، ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش قاتتىق پەردە خالتىسىنى بېسىۋېلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى. بۇ تۈردىكى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىدە ئىنتايىن ئېغىر ئاغرىش بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەللىك جەريانى نىسبەتەن ئۇزۇن بولىدۇ، ئەگەر بېسىلىش بىر قەدەر ئېغىر بولسا، ھەتتا تۆۋەنكى ئەزالارنىڭ پالەچلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاغرىقنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى نېمە؟

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى ئومۇرتقىنىڭ چېكىنىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىپادىسى مۇنداق ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ: ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىپ ياللۇغ پەيدا قىلىش، ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىپ نېرۋا يىلتىزىنى غىدىقلاش، بوغۇم ئۆسۈكچىسى مۇقىم بولماسلىق، كىچىك بوغۇم قالايمىقانلىشىش.

يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل ئەھۋال كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاغرىش ئالاھىدىلىكى ۋە ئورنى ئوخشىمايدۇ، تۆۋەندە بىز بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرىمىز.

 

(1) ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاغرىش (تەخسە مەنبەلىك ئاغرىش)

سەۋەبى: مېڭە يۇلۇن پەردە نېرۋىسى تەكرار ھالدا ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ ئارقا قىسمى رايونى ھەمدە ئارقا تىك رايونىنىڭ كىرىلىشىدىن كەلگەن بولۇپ، ئاغرىش ۋە بىئاراملىق ھېس قىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

ئاغرىش ئالاھىدىلىكى ۋە ئورنى: دائىم تېلىپ ئاغرىيدۇ، ئاساسلىقى تارقالغان ئورۇن گەجگە، ئۈستى بەدەندىكى بوغۇم ۋە ئالدى كۆكرەك قىسىم ۋە دۈمبە تاغاق سۆڭىكىگىچە، يەنە جەينەك قاتارلىق ئورۇنلار تېلىپ ئاغرىيدۇ.

(2) نېرۋا يىلتىزى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاغرىق

سەۋەبى: ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى، بويۇن ئومۇرتقىسى سۆڭەك ئۆسۈكچىسى نېرۋا يىلتىزىنى غىدىقلاپ ئاغرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى ئاساسلىقى نېرۋا بېسىلىش دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئاغرىش ئالاھىدىلىكى ۋە ئورنى: ئاساسلىق ئىپادىسى قاتتىق ئاغرىش، توك سوققاندەك ئاغرىش. ئاغرىقى بويۇن ۋە مۈرە قىسمىدىن باشلىنىپ، بارماق ئۇچىغا تارقىلىدۇ. ئاغرىق مۈرە بوغۇمىنىڭ ئارقا قىسمى، تاغاق سۆڭىكى ياكى تاغاق رايونىدىمۇ بولىدۇ. يۇقىرىقى بەدەن ئۇيۇشۇش ماغدۇرسىزلىنىش ئەھۋالى بولىدۇ. ئالدى بىلەن يۇقىرىقى تەخسە مەنبەلىك ئاغرىقى باشلانغاندىن كېيىن نېرۋا يىلتىزى ئاغرىيدۇ.

 

(3) بوغۇم ئۆسۈكچىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاغرىق

سەۋەبى: بويۇن ئومۇرتقىسى بوغۇمىنىڭ قالايمىقانلىشىشى بوغۇم خالتىسىنى غىدىقلايدۇ ۋە ئاغرىقنى پەيدا قىلىدۇ، ئىپادىسى بويۇن قىسمى ھەرىكەتلىنەلمەيدۇ، دەسلەپكى مەزگىلدە كۆپىنچە «بويۇنغا يەل تۇرۇپ قېلىش» كۆرۈلىدۇ.

ئاغرىش ئالاھىدىلىكى ۋە ئورنى: بويۇن، مۈرە بوغۇمىنىڭ ئۈستى ۋە ئارقا قىسمى، تاغاق سۆڭىكى ۋە تاغاق رايونىغا تارقىلىدۇ. ئالاھىدىلىكى: باشنى تېز سۈرئەتتە ئاغرىق تەرەپكە بۇرىغاندا ياكى يۇقىرىغا قارىغاندا، قاتتىق ئاغرىش ياكى قىسىۋېلىپ ئاغرىش كۆرۈلىدۇ.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش:

(1) ئاغرىش ئالامەتلىرىگە ئاساسەن، دەسلەپكى قەدەمدە قايسى خىل بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش، ئاندىن مۇۋاپىق دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئۇسۇلىنى تاللاش.

(2) بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى تۇرمۇش ئادىتى ۋە خىزمەت ئالاھىدىلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن دائىم يانفون ياكى كومپيۇتېر كۆرۈش، ئۇخلاش قىياپىتى، ئولتۇرۇش قىياپىتى قاتارلىقلار. ياخشى بولمىغان تۇرمۇش ئادىتىنى تۈزىتىپ، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

(3) بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە پەقەت مەلھەم دورىلا چاپلىسا ماھىيەتتىن تۈزەلمەيدۇ، چوقۇم مۇنتىزىم داۋالىنىش لازىم.

 

ئەسلى مەنبە:

https://m.nur.cn/news/2023/12/17703598.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-03-26

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-03-26 / 04:49:39

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ