ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەم بەدىنىقاپاق تارتىشنىڭ بىر قانچە سەۋەبلىرى

قاپاق تارتىشنىڭ بىر قانچە سەۋەبلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق، ھەددىدىن زىيادە چارچاش. قاپىقى توختىماي تارتىپ دوختۇرغا كۆرۈنگەنلەر ئىچىدىكى 80–90 پىرسەنتى ئاساسەن كېچىلەپ ئۇخلىماي چارچاپ كەتكەنلەر بولۇپ، ياخشى ئارام ئالماسلىق سەۋەبىدىن ھالقىسىمان مۇسكۇل بىلەن كۆز قاپىقى مۇسكۇلىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈپ، قاپاق نۇرمالسىز تارتىدۇ.

كەيپىياتنىڭ تەسىرى. بەزى چاغلاردا پسىخولوگىيەلىك ئامىلمۇ قاپاق تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، ئادەم خۇشال بولغان ياكى خاپىلىق تارتقان ۋاقىتلىرىدا كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇمۇ قاپاق تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل قاپاق تارتىش كەيپىيات نۇرماللاشقاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقايدۇ.

قەھۋەنى كۆپ ئىستېمال قىلىش. قەھۋەنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، كوفېئىننىڭ نېرىپكە تەسىر قىلىشى بىلەن قاپاق تارتىدۇ. شۇڭا قەھۋە ياكى قېنىق چاينى كۆپ ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

كالتىسىي كەملەش. كالتسىي–نېرىپنى غىدىقلايدىغان مۇھىم ماددا بولۇپ، بەدەندە كالتسىي كەملەش كۆرۈلسە قاپاق ياكى ئېغىز تاتىدۇ، قول–پۇتمۇ تىترەيدۇ.

قىسمەن مۇسكۇلنىڭ ئېچىلىشى نورمالسىزلىنىش. بۇنداق بىمارلاردا ئادەتتە قاپاق تارتىشقا قوشۇلۇپ يەنە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىكتەك نۇرغۇن ئەگەشمە كېسەللىكلەرمۇ پەيدا بولىدۇ.

كۆز كېسەللىكلىرى. يىراقنى ياكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك، نۇر يىغالماسلىق، ئېغىر ھالدىكى كۆز قۇرغاقلىق كېسىلى، كىرپىك تەتۈر ئۈنۈش، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتاربولغانلاردىمۇ قاپاق تاتىش بولىدۇ.

مېڭىدە ئۆسمە بولۇش. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئادەتتە مېڭىدە ئۆسمە پەيدا بولۇش، ئۆمۈچۈك تورى پەردىسى چاپلىشىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنمۇ قاپاق تارتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئالدى–كەينىدە سۈيدۈك ئاقسىلىنىڭ يوقىرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، قاندىكى كالتسىي تۆۋەنلىگەنلىكتىن قاپاق تارتىدۇ؛ ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللاردا ھورمون تەڭپۇڭ بولماسلىقتىن قاواق تارتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش، قىزىتما ئۆرلەش، ھېق تۇتۇش تۈپەيلىدىنمۇ قاپاق تارتىش كېلىپ چىقىدۇ.

مەنبە: لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-09 / 09:17:51

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ